11-بۆلەك
خۇدانىڭ ئىلھامى بىلەن بولغان ھەقنى ئۆگىتىپ، كۆڭۈلگە تەسەللىي بېرىدىغان ناخشىلار
ئىبادەت قىلغىنىدا، خۇداغا ھەمدۇسانا ئېيتىش ئۈچۈن داۋۇت پەيغەمبەر ۋە باشقىلار يازغان ناخشىلار. شۇلاردىن 150 پارچە ناخشا تېكىستى زەبۇر كىتابىدا بار
زەبۇر مۇقەددەس كىتابنىڭ ئەڭ ئۇزۇن بۆلىكى بولۇپ، مۇقەددەس ناخشىلارنىڭ توپلىمىدۇر. بۇ ناخشىلار توپلىمى تەخمىنەن 1000 يىل جەريانىدا يېزىپ پۈتتۈرۈلگەن. ئىنسانلار يازغان ئەسەرلەردىن تېپىش تەس بولغان، ئىشەنچ سۆز-ئىبارىسىنى ئەڭ چوڭقۇر ۋە تەسىرلىك ئۇسۇللار بىلەن ئىپادىلەشنىڭ بەزى مىساللىرىنى زەبۇر كىتابىدا ئۇچرىتالايمىز. زەبۇر ناخشىلىرىدا، شاد-خۇراملىق، مەدھىيىلەش ۋە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ھەتتاكى قايغۇ-ھەسىرەت چېكىش، ئۆكۈنۈش ۋە پۇشايمان قىلىشلاردەك ئىنساننىڭ ھەرخىل ھېسسىيات ۋە كەيپىياتلىرى تەسۋىرلەنگەن. شۇنى ئېنىق كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، زەبۇر ناخشىلىرىنى يازغۇچىلار خۇداغا ئىشەنچ قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغان. ئۇنداقتا، ئۇلارنىڭ ناخشىلىرىدىكى بەزىبىر تېما ئۈستىدە مۇلاھىزە قىلىپ باقايلى.
يەھۋا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا ھوقۇقلۇق، بارچە ئىبادەت ۋە ھەمدۇسانا ئۇنىڭغىلا لايىقتۇر. «يالغۇز ئۇ يەھۋا ئاتۇنۇر دەپ ئۇقۇپ سېنىڭ تامام يەر يۈزى ئۈستىگە ھەقتائالا [يۇقىرى مەرتىۋىلىك ئاللا] ئىكەنىڭنى بىلگەي»، دېگەن جۈملىلەرنى زەبۇر 83-باب 18-ئايەتتىن ئوقۇيالايمىز. بەزى زەبۇر ناخشىلىرىدا، يۇلتۇزلۇق ئاسمانلارنى، يەر يۈزىدىكى بارچە ھاياتلىقنى ۋە ئىنساننىڭ مۆجىزىلىك تېنىنى ئۆز قولى بىلەن ياراتقان يەھۋاغا ھەمدۇسانا ئېيتىلغان (زەبۇر 8، 19، 139، 148-بابلار). باشقا بىرلىرىدە، يەھۋا، ئۆزىگە ساداقەتمەن بولغانلارنى قوغداش ۋە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغۇچى خۇدا دەپ تەرىپلەنگەن (زەبۇر 18، 97، 138-بابلار). يەنە بەزى زەبۇر ناخشىلىرىدا، ئۇ ئېزىلگەنلەرنى ئازاد قىلىپ، رەزىلىكنى جازالىغۇچى ئادالەتنىڭ خۇداسى دەپ مەدھىيلەنگەن.—زەبۇر 11، 68، 146-بابلار.
يەھۋانى سۆيگۈچىلەرگە، ئۇ تەسەللىي ۋە ياردەم بېرىدۇ. كۆپلىگەن كىشىلەرگە تونۇشلۇق بولغان زەبۇرنىڭ 23-بابىدىكى ناخشىدا، داۋۇت پادىشاھ، پەرۋەردىگار يەھۋانى ئۆز قويلىرىغا يول باشلاپ، ئۇلارنى قوغداپ، ئۇلاردىن خەۋەر ئالدىغان مېھىرى-مۇھەببەتلىك پادىچى سۈپىتىدە تەسۋىرلىگەن. زەبۇر 65-بابنىڭ 2-ئايىتى، يەھۋانىڭ «دۇئانى مۇستەجاب [قوبۇل] قىلغۇچى» ئىكەنلىكىنى ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلغۇچىلارنىڭ يادىغا سالىدۇ. نۇرغۇنلىغان يامان يولغا كىرىپ كەتكەن ئادەملەر، زەبۇرنىڭ 39 ۋە 51-بابىدىكى ناخشىلاردىن ئۆزىگە كۆپ تەسەللىي تاپالايدۇ. مۇشۇ ناخشىلاردا، داۋۇت ئۆزىنىڭ ئۆتكۈزگەن ئېغىر خاتالىقى ئۈچۈن قىلغان پۇشايمىنىنى سەمىمىيلىك بىلەن خاتىرىلىگەن ۋە يەھۋانىڭ كەچۈرۈم قىلىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئىپادىلىگەن. زەبۇرنىڭ 55-باب 22-ئايىتى بولسا، يەھۋاغا ئىشەنچ قىلىپ، بارچە ئېغىر يۈكلەرنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇشقا ئۈندەيدۇ.
مەسىھنىڭ پادىشاھلىقى ئارقىلىق يەھۋا دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ. زەبۇردىكى بەزى ئايەتلەر ۋەدە قىلىنغان پادىشاھ، مەسىھ توغرىسىدا بېشارەت بېرىدۇ. مۇشۇ پادىشاھنىڭ ئۆزىگە قارشى چىققان رەزىل كىشىلەرنى ھالاك قىلدىغانلىقى، زەبۇرنىڭ 2-بابىدا بېشارەت بېرىلگەن. زەبۇرنىڭ 72-بابى، مۇشۇ پادىشاھنىڭ ئاچارچىلىق، ناھەقلىق ۋە زۇلۇمنى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. 46-باب 9-ئايەتكە ئاساسلانغاندا، مەسىھنىڭ پادىشاھلىقى ئارقىلىق خۇدا جەڭلەرنى توختىتىپ، بارچە ئۇرۇش قوراللىرىنى ۋەيران قىلىپ يوقىتىدۇ. ھەمدە 37-بابتىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، رەزىل ئادەملەر يوق بولىدۇ. ئەمما، ھەققانىي ئادەملەر دۇنياۋى تىنچلىق ۋە ئىتتىپاقلىقتىن بەھرىمەن بولۇپ، يەر يۈزىدە مەڭگۈ ياشايدۇ.
—زەبۇر كىتابىغا ئاساسەن.