16-بۆلەك
مەسىھنىڭ كېلىشى
ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى ۋەدە قىلىنغان مەسىھنىڭ ناسىرەلىك ئەيسا ئىكەنلىكىنى پەرۋەردىگار يەھۋانىڭ ئاشكارا قىلىشى
ۋەدە قىلىنغان مەسىھنى كىشىلەرنىڭ تونۇپ ئېنىقلىشىغا يەھۋا ياردەم بەرگەنمۇ؟ شۇنداق. تۆۋەندە خۇدانىڭ نېمە قىلغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى. مۇقەددەس كىتابنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىبرانىي قول يازمىسى يېزىپ پۈتتۈرۈلگەندىن تەخمىنەن تۆت ئەسىر كېيىن، جەلىلىيەنىڭ شىمالىدىكى ناسىرە دەپ ئاتالغان بىر كىچىك شەھەردە، مەريەم ئىسىملىك قىز ئاجايىپ بىر ئىشقا يولۇقتى. جەبرائىل ئىسمىلىك پەرىشتە ئۇنىڭ ئالدىدا پەيدا بولدى ۋە گەرچە مەريەم بىر پاك قىز بولسىمۇ، خۇدانىڭ ئۆز ھەرىكەت كۈچى يەنى مۇقەددەس روھىنىڭ ۋاستىسى بىلەن مەريەم ھامىلدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغىدىغانلىقىنى مەريەمگە ئېيتتى. بۇ ئوغۇل ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى ۋەدە قىلىنغاندەك، پادىشاھ بولۇپ مەڭگۈ ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى! ئۇ بالىنىڭ ھاياتىنى خۇدا ئاسماندىن مەريەمنىڭ قورسىقىغا يۆتكىگەن.
مەريەم خۇدانىڭ ئاشۇ مۇھىم ۋە شان-شەرەپلىك ۋەزىپىسىنى كەمتەرلىك بىلەن قوبۇل قىلدى. ئۇنىڭ تويلاشماقچى بولغان يىگىتى يۈسۈپ ئىسىملىك بىر ياغاچچى ئىدى. خۇدا بىر پەرىشتىسىنى ئەۋەتىپ، مەريەمنىڭ ھامىلدار بولۇش سەۋەبىنى يۈسۈپكە بىلدۈرگەندىن كېيىن، يۈسۈپ مەريەمنى نىكاھىغا ئالدى. ئۇنداقتا، مەسىھنىڭ بەيتلەھەمدە تۇغۇلىشى توغرىسىدىكى بېشارەت ئەمەلگە ئاشتىمۇ؟ (مىخا 5:2). ئاشۇ كىچىك شەھەر بەيتلەھەم ناسىرەدىن 140 كىلومېتىر يىراقلىقتا ئىدى.
ئاشۇ ۋاقىتتا، رىم ئىمپېراتۇرى كىشىلەرگە ئۆز يۇرتىغا قايتىپ نوپۇس تىزىملىتىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەن ئىدى. قارىغاندا يۈسۈپ ۋە مەريەم ھەر ئىككىسىنىڭ يىلتىزى بەيتلەھەمدە بولغان، شۇڭا يۈسۈپ ھامىلدار ئايالى بىلەن ئۆز يۇرتى بەيتلەھەمگە قايتىپ باردى (لۇقا 2:3). مەريەم ئۇ، ئوغلىنى بىر ئېغىلىدا تۇغۇپ، ئۇنى زاكىلاپ ئات ئوقۇرىغا ياتقۇزۇپ قويدى. شۇ چاغدا، خۇدا بىر پەرىشتىنى ئەۋەتىپ، ۋەدە قىلىنغان مەسىھنىڭ تۇغۇلغانلىقى توغرىسىدا تاغ باغرىدىكى بىر توپ پادىچىلارغا خەۋەر بەردى.
كېيىنچە، باشقىلار ھەم ئەيسانىڭ ۋەدە قىلىنغان مەسىھ ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. يەشايا پەيغەمبەر، مەسىھنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ئۈچۈن يول تەييار قىلغۇچى بىر كىشىنىڭ كېلىدىغانلىقىنى بېشارەت بەرگەن ئىدى (يەشايا 40:3). ئاشۇ ئالدىن كەلگۈچى، چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا پەيغەمبەر ئىدى. ئۇ ئەيسانى كۆرگەندە، مۇنداق توۋلىغان: «مانا خۇدانىڭ قوزىسى دۇنيانىڭ گۇناھىنى كۆتەرگۈچى!». يەھيا پەيغەمبەرنىڭ بەزى شاگىرتلىرى دەرھال ئەيساغا ئەگەشتى. ئۇلارنىڭ بىرى: «بىز مەسىھنى ... تاپتۇق» دېگەن ئىدى.—يۇھاننا 1:29، 36، 41.
يەھيا پەيغەمبەر ئەيسانى چۆمۈلدۈرگەندە، خۇدا يەھۋا ئۆزى ئاسماندىن سۆز قىلىپ، تېخىمۇ ئېنىق گۇۋاھلىق بەردى. يەنى مۇقەددەس روھ ئارقىلىق خۇدا، ئەيسانى مەسىھ قىلىپ تەيىنلىگەن ۋە شۇنداق دېگەن ئىدى: «ئۇنىڭ بىلەن خۇش رىزايىم [رازىلىقىم] بار» (مەتتا 3:16، 17). شۇنداق قىلىپ، ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى ۋەدە قىلىنغان مەسىھ مەيدانغا كەلگەن ئىدى!
بۇ ئىش قاچان يۈز بەردى؟ دەل دانىيال پەيغەمبەر بېشارەت بەرگەندەك 483 يىل ئاخىرلىشىپ، مىلادى 29-يىلىغا كەلگەندە يۈز بەردى. مۇشۇلار ئەيسانىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان قايىل قىلارلىق دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئازلا بىر قىسىمى. ئۇنداقتا، ئەيسا يەر يۈزىدە ياشىغان مەزگىلدە، قانداق خەۋەرنى ئاشكارلايتتى؟
—مەتتا 1–3-باب؛ ماركۇس 1-باب؛ لۇقا 2-باب؛ يۇھاننا 1-بابلارغا ئاساسەن.