18-بۆلەك
ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ مۆجىزىلەرنى كۆرسىتىشى
ئەيسانىڭ ئۆز مۆجىزىلىرى ئارقىلىق پادىشاھ سۈپىتىدە ئۆز كۈچ-قۇدرىتىنى كەلگۈسىدە قانداق ئىشلىتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىشى
خۇدا ئەيسا پەيغەمبەرگە باشقا ئىنسانلار قىلالمايدىغان ئىشلارنى قىلىش كۈچ-قۇدرىتىنى بەرگەن ئىدى. ئۇ دائىم كۆپچىلىكنىڭ كۆز ئالدىدا، نۇرغۇنلىغان مۆجىزىلەرنى كۆرسەتكەن. ئاشۇ مۆجىزىلەر، مۇكەممەل ئەمەس ئىنسانلار ھېچقاچان يوقۇتۇشقا قادىر بولالمىغان دۈشمەنلەر ۋە توسالغۇلارنى ئەيسانىڭ يوق قىلالايدىغان كۈچ-قۇدرىتىنىڭ بارلىقىنى ئاشكارلىغان ئىدى. بىر قانچە مىساللارنى كۆرۈپ باقايلى.
يېمەك-ئىچمەك تەمىنلەش. ئەيسانىڭ تۇنجى مۆجىزىسى سۇنى ياخشى شارابقا ئۆزگەرتىش بولغان. ئىككى نۆۋەت، ئۇ قورسىقى ئاچ قالغان نەچچە مىڭ كىشىنى پەقەت بىر قانچە نان ۋە بېلىقلار بىلەن تويغۇزغان. ئىككىلا نۆۋەت، ھەممە كىشى تويغۇدەك يەپ يەنە نۇرغۇن يېمەكلىك ئېشىپ قالغان ئىدى.
كېسەللەرنى ساقايتىش. ئەيسا ئۇ، «ھەر كېسەللىك ۋە ھەر زەئىپلىكنى» ساقايتقان (مەتتا 4:23). مەسىلەن، ئۇ قارغۇ، گاس، ئاقساق-چولاق، مېيىپ-ناكار، تۇتقاقلىق ۋە ماخاۋ كېسەللىرى بولغانلارنى ساقايتقان ئىدى. ئۇ ساقايتالمايدىغان كېسەل يوق بولغان.
خەتەرلىك بوران-چاپقۇنلارنى تىزگىنلەش. بىر قېتىم، ئەيسا ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرى جەلىلىيە كۆلىنىڭ قارشى تەرىپىگە كېمە بىلەن ئۆتۈۋاتقاندا، تۇيۇقسىز دەھشەتلىك بوران-چاپقۇن باشلىنىپ كەتتى. شاگىرتلار ناھايىتى قورقۇشۇپ كەتكەن ئىدى. بىراق، ئەيسا ھودۇقماستىن، بوران-چاپقۇنغا قاراپ: «شۇك تۇرۇپ تىنچ بولغىن» دېگەن. شۇنىڭ بىلەن بوران توختاپ، جىمجىت بولۇپ قالغان ئىدى (ماركۇس 4:37–39). يەنە بىر قېتىم شىددەتلىك بوران-چاپقۇن بولغاندا، ئەيسا سۇ ئۈسىتدە ماڭغان ئىدى.—مەتتا 14:24–33.
جىنلارنى بويسۇندۇرۇش. جىنلار ئىنسانلاردىن كۆپ كۈچلۈك. خۇدانىڭ ئاشۇ ياۋۇز دۈشمەنلىرىنىڭ ئاۋارە قىلىشىدىن قۇتۇلۇشقا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قۇربىتى يەتمەيدۇ. ئەمما، ئەيسا نۇرغۇن قېتىم جىنلارنى چىقىپ كېتىشكە بۇيرۇغاندا، جىن چاپلاشقان كىشىلەردىن جىنلار چىقىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ جىنلاردىن قورقمىغان. ئەكسىچە، جىنلار ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى بىلەتتى ۋە ئۇنىڭدىن قورققان ئىدى.
ئۆلۈم ئۈستىدىن غەلبە قىلىش. ‹ئاخىرقى دۈشمەن› دەپ ئاتالغان ئۆلۈم ھېچقانداق ئىنسان بويسۇندۇرالمايدىغان بىر دۈشمەن (1-كورىنتلىقلار 15:26). لېكىن، ئەيسا پەيغەمبەر ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرگەن. مەسىلەن، بىر تۇل ئايالنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن يالغۇز ئوغلىنى ۋە قىزىنىڭ ئۆلۈمى ئۈچۈن قاتتىق قايغۇ-ھەسرەت چېكىۋاتقان بىر ئاتا-ئانىنىڭ كىچىك قىزىنى تىرىلدۈرگەن. يەنە ئەيسا ئۇ، ئۆلگىنىگە تۆت كۈنچە بولغان ئۆز يېقىن دوستى لازارنى قايغۇرۇپ ماتەم تۇتۇۋاتقان بىر توپ كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈپ، ئاجايىپ مۆجىزە كۆرسەتكەن ئىدى. ھەتتا ئەيسانىڭ ئەڭ ئەشەددىي دۈشمەنلىرى، ئۇنىڭ كۆرسەتكەن مۇشۇ مۆجىزىسىنى ئېتىراپ قىلغان.—يۇھاننا 11:38–48؛ 12:9–11.
ئەيسا ياردەم قىلغانلارنىڭ ھەممىسى ئەڭ ئاخىرىدا ئۆلۈپ كەتتىمۇ؟ شۇنداق. ئۇنداقتا، ئەيسا نېمە ئۈچۈن شۇنداق مۆجىزىلەرنى كۆرسەتكەن؟ چۈنكى، ئاشۇ مۆجىزىلەرنىڭ يەنە باشقا مۇھىم ئەھمىيىتى بار بولغان. ئاشۇلار مەسىھنىڭ پادىشاھ بولۇپ ھۆكۈمرانلىق قىلىشى توغرىسىدىكى بارلىق بېشارەتلەرنىڭ كەلگۈسىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان ئىدى. شۇڭا، خۇدا تەيىنلىگەن پادىشاھنىڭ ئاچارچىلىق، كېسەللىك، خېيىم-خەتەر ۋە جىنلار ھەتتا ئۆلۈمنى پۈتۈنلەي يوقىتالايدىغانلىقىغا شەك-شۇبھىسىز جەزم قىلالايمىز. چۈنكى، خۇدانىڭ ئۇنىڭغا شۇنداق قىلىش كۈچ-قۇدرىتىنى بەرگەنلىكىنى ئەيسا ئاللىقاچان كۆرسەتتى.
—مەتتا، ماركۇس، لۇقا ۋە يۇھاننا كىتابلىرىغا ئاساسەن.