21-بۆلەك
ئەيسانىڭ تىرىلدۈرۈلۈشى
ئەيسانىڭ ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىگە كۆرۈنۈپ، ئۇلارغا ۋەزىپە بېرىشى ۋە ئىلھاملاندۇرۇشى
ئەيسا ئۆلۈپ ئۈچىنچى كۈنى، ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بولغان بەزى ئاياللار ئەيسانىڭ قەبرىسىنىڭ ئېغىزىغا قويۇلغان تاشنىڭ دوملىتىۋېتىلگەنلىكىنى كۆردى ۋە قەبرە قۇرۇق تۇراتتى!
ئىككى پەرىشتە پەيدا بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى: «ناسىرەلىك [ئەيسانى] ئىستەر سىزلەر. ئۇ قوپۇرلۇپ [تىرىلدۈرۈلۈپ] دۇر» دېگەن ئىدى (ماركۇس 16:6). ئاياللار دەرھال شاگىرتلارغا ئېيتىشقا يۈگۈردى. يول ئۈستىدە، ئۇلار ئەيسانى ئۇچراتتى. ئەيسا ئۇلارغا: «قورقماڭلار بېرىپ بۇرادەرلىرىمگە مۇنى ئېيتىڭلار. ئۇلار جەلىلىيەگە بارسۇنلار ۋە ئۇندا [ئۇ يەردە] مېنى كۆرۈرلەر»، دېگەن.—مەتتا 28:10.
شۇ كۈنى، ئىككى شاگىرت يېرۇسالېمدىن ئېمايۇس يېزىسىغا قاراپ كېتىۋاتاتتى. بىر ناتۇنۇش كىشى ئۇلارغا قوشۇلۇپ ماڭدى ۋە ئۇلارنىڭ نېمە توغرىسىدا پاراڭلىشىۋاتقانلىقىنى سورىدى. ئەمەلىيەتتە، ئۇ كىشى تىرىلدۈرۈلگەن ئەيسا ئىدى. شاگىرتلار دەسلىپىدە، ئۇنى تىرۈلدۈرۈلگەندىن كېيىنكى قىياپىتىدە تونۇيالمىغان ئىدى. ئۇلار قايغۇلۇق ھالدا ئۆزلىرىنىڭ ئەيسا توغرىسىدا پاراڭلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ناتۇنۇش كىشى مۇقەددەس يازمىلاردا مەسىھكە مۇناسىۋەتلىك ئېيتىلغان بارچە بېشارەتلەرنى چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى. دەرۋەقە، مەسىھ توغرىسىدىكى بېشارەتلەر ئەيسا ئارقىلىق تەپسىلىي ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ئىدى. a شاگىرتلار ناتۇنۇش كىشىنىڭ روھى شەخس سۈپىتىدە ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلگەن ئەيسا ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەندە، ئۇ غايىب بولغان ئىدى.
ئىككى شاگىرت دەرھال يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلدى ۋە ئىشىكنى تاقاپ بىر ئۆيگە جەم بولغان ئەلچىلەر ۋە شاگىرتلارنى تاپتى. ئۇلار يۈز بەرگەن ئىشلارنى سۆزلەۋاتقاندا، ئەيسا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پەيدا بولدى. ئۇنىڭ ھەيران قالغان شاگىرتلىرى كۆرگىنىگە ئىشەنمەيلا قالدى! ئەيسا ئۇلاردىن: «نېمە ئىشقا كۆڭۈللىرىڭىزگە شەك پەيدا بولۇر؟» دەپ سورىدى. «ۋە ئۇلارغا ئېيتتى: شۇنداق پۈتۈلۈپدۇركى مەسىھ زەخمەت تارتىپ ئۈچىنچى كۈندە ئۆلۈكلەردىن قوپار».—لۇقا 24:38، 46.
ئەيسا تىرىلگەندىن كېيىنكى 40 كۈن جەريانىدا، كۆپ قېتىم شاگىرتلىرىغا كۆرۈنگەن ئىدى. بىر قېتىم ئۇ 500 دىن كۆپ كىشىلەرگە كۆرۈنگەن. قارىماققا ئۇ شۇ ۋاقىتتا، ئاشۇ ئەگەشكۈچىلرىگە مۇنداق بىر مۇھىم ۋەزىپىنى بەرگەن: «بېرىپ ھەممە تائىفە [مىللەت] لەرنى شاگىرت قىلىپ ... سىزلەرگە ئەمىر قىلغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى تۇتقىلى ئۇلارغا ئۆگىتىڭلار. ۋە مانا مەن دۇنيانىڭ ئاخىرغىچە ھەر كۈن سىزلەر بىلەن بولۇرمەن».—مەتتا 28:19، 20.
ئەيسا ئۆزىنىڭ ئون بىر ساداقەتمەن شاگىرتلىرىغا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆرۈنگەندە، ئۇ: «روھۇلقۇددۇس [مۇقەددەس روھ] ئۈستىڭىزگە كەلگەندە سىزلەر قۇدرەت تېپىپ ... يەرنىڭ ئىنتىھالىرى [چەت جايلىرى] غىچە مېنىڭ گۇۋاھلىرىم بولۇر سىزلەر»، دېگەن ئىدى (ئەلچىلەر 1:8). شۇنىڭدىن كېيىن، ئەيسا ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەن، ئۇلار ئۇنىڭغا قاراپ تۇرغىنىدا، بىر پارچە بۇلۇتنىڭ ئورۇۋېلىشى بىلەن، ئۇ كۆپچىلىكنىڭ نەزىرىدىن غايىب بولغان ئىدى.
—مەتتا 28-باب؛ ماركۇس 16-باب؛ لۇقا 24-باب؛ يۇھاننا 20 ۋە 21-باب؛ 1-كورىنتلىقلار 15:5، 6-ئايەتلەرگە ئاساسەن.
a مەسىھكە مۇناسىۋەتلىك بېشارەتلەرنىڭ ئەيسادا ئەمەلگە ئاشقانلىقى توغرىسىدا كۆپرەك تەپسىلاتلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن، مۇشۇ كىتابچىنىڭ 17–19-بەتلىرىگە ۋە «مۇقەددەس كىتابتا زادى نېمە ھەقىقەت بار؟» دېگەن كىتابنىڭ 199–201-بەتلىرىگە قاراڭ.