مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئاشكارا قىلغان خە‌ۋە‌ر

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئاشكارا قىلغان خە‌ۋە‌ر
  1. يە‌ھۋانىڭ ئادە‌م-‏ئاتا ۋە ھاۋا-‏ئانىنى مە‌ڭگۈ ياشاش پارلاق ئىستىقبالىغا ئىگە قىلىپ يارىتىشى.‏ شە‌يتاننىڭ خۇ‌دانىڭ ئىسمىغا ھاقارە‌ت قىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇ‌قىغا شە‌ك كە‌لتۈرۈشى.‏ ئادە‌م-‏ئاتا ۋە ھاۋا-‏ئانىنىڭ شە‌يتان كۆتۈرگە‌ن ئىسيانغا ئە‌گىشىپ،‏ گۇ‌ناھ ۋە ئۆلۈمنى ئۆزى ۋە ئۆز ئە‌ۋلادلىرى ئۈستىگە ئېلىپ كېلشى

  2. يە‌ھۋانىڭ ئىسيانچىلارغا ھۆكۈم ئېلان قىلىشى ۋە كە‌لگۈسىدە مە‌يدانغا كېلىپ شە‌يتاننى يوقىتىپ،‏ ئىسيان ۋە گۇ‌ناھنىڭ بارلىق ئاقىۋىتىنى يوق قىلىدىغان بىر نە‌سىل يە‌نى قۇ‌تقۇ‌زغۇ‌چى نىجاتكار توغرىسىدا ۋە‌دە بېرىشى

  3. يە‌ھۋانىڭ ئىبراھىم ۋە داۋۇ‌تقا،‏ مە‌ڭگۈ پادىشاھ بولغۇ‌چى نە‌سىل يە‌نى مە‌سىھنىڭ ئۇ‌لارنىڭ ئە‌ۋلادلىرى ئارىسىدىن كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى ۋە‌دە قىلىشى

  4. يە‌ھۋانىڭ پە‌يغە‌مبە‌رلە‌رنى ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌پ،‏ مە‌سىھنىڭ گۇ‌ناھ ۋە ئۆلۈمنى يوق قىلىشى يە‌نى مە‌سىھ پادىشاھ سۈپىتىدە باشقىلار بىلە‌ن بىرگە ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزىدىغان پادىشاھلىقنىڭ ئۇ‌رۇ‌شلار،‏ كېسە‌للىك ھە‌تتا ئۆلۈمنى ئاخىرلاشتۇ‌رۇ‌پ يوق قىلىشى توغرىسىدا ئالدىن بېشارە‌ت بېرىشى

  5. يە‌ھۋانىڭ ئاسماندىن ئە‌يسانى يە‌ر يۈزىگە ئە‌ۋە‌تىپ،‏ ئۇ‌نىڭ مە‌سىھ ئىكە‌نلىكىنى ئاشكارىلىشى.‏ ئە‌يسانىڭ خۇ‌دا پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر تارقىتىشى ۋە ئۆز ھاياتىنى قۇ‌ربانلىققا بېرىشى.‏ ئاندىن كېيىن،‏ يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌نى روھىي شە‌خس سۈپىتىدە تىرىلدۈرۈشى

  6. يە‌ھۋانىڭ مە‌سىھنى ئاسماندا پادىشاھلىق تە‌ختىدە ئولتۇ‌رغۇ‌زۇ‌شى بۇ دۇ‌نيانىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى يە‌نى ئاخىر زاماننىڭ باشلانغانلىقىنىڭ بە‌لگىسدۇ‌ر.‏ ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ يە‌ر يۈزىدىكى ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنى دۇ‌نيانىڭ ھە‌ممە جايلىرىدا خۇ‌دا پادىشاھلىقى ھە‌ققىدە خۇ‌ش خە‌ۋە‌ر ئېيتىشقا يېتە‌كلىشى

  7. يە‌ھۋانىڭ مە‌سىھنى يە‌ر يۈزى ئۈستىدىن پادىشاھلىق قىلىشقا بۇ‌يرۇ‌شى.‏ ئاشۇ پادىشاھلىقنىڭ بارچە رە‌زىل ھۆكۈمە‌تلە‌رنى يوق قىلىشى،‏ يە‌ر يۈزىنى جە‌ننە‌تكە ئايلاندۇ‌رۇ‌شى ۋە تە‌قۋادار كىشىلە‌رنى مۇ‌كە‌ممە‌ل ھالە‌تكە قايتۇ‌رۇ‌شى ھە‌مدە يە‌ھۋانىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا ھوقۇ‌قلۇ‌ق ئىكە‌نلىكىنى ياقلىشى ۋە ئۆز ئىسمىنى مە‌ڭگۈ مۇ‌قە‌ددە‌س قىلىشى