3-دەرس
مۇقەددەس كىتاب خۇدادىن كەلگەنلىكىنى قەيەردىن بىلىمىز؟
1. مۇقەددەس كىتابنىڭ مۇئەللىپى كىم؟
كىشىلەرنىڭ يەر يۈزىدە مەڭگۈ ياشايدىغانلىقى ھەققىدىكى خۇش خەۋەر مۇقەددەس كىتابتا خاتىرىلەنگەن (زەبۇر 37:29). مۇقەددەس كىتاب 66 پارچە كىتابچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. شۇلارنى خۇدا 40 قا يېقىن ساداقەتمەن كىشىنى ئىشلىتىپ يازدۇرغان. دەسلەپكى بەش كىتابچىنى تەخمىنەن 3500 يىل ئىلگىرى مۇسا پەيغەمبەر يېزىپ خاتىرىلىگەن. ئەڭ ئاخىرقى كىتابچىنى بولسا 1900 يىل ئىلگىرى، ئەلچى يۇھاننا يېزىپ خاتىرىلىگەن. مۇقەددەس كىتابنى قەلەمگە ئالغۇچىلار كىمنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان؟ خۇدا كىتابلارنى يېزىپ خاتىرىلىگۈچىلەر بىلەن ئالاقە قىلغان. ئۇ ئۆز ئوي-پىكىرلىرىنى قەلەمگە ئالغۇچىلارنىڭ دىلىغا سالغان. خۇدا بەزىدە پەرىشتىلەر ئارقىلىق، يەنە بەزىدە غايىبانە كۆرۈنۈش بىلەن سۆز قىلغان (ۋەھىيلەر 1:1). بەزى ۋاقىتتا نېمە يېزىشنى ئۇلارغا سۆزمۇ-سۆز ئېيتىپ بەرگەن. شۇڭا، يەھۋا ئۆزى مۇقەددەس كىتابنىڭ مۇئەللىپىدۇر.—چىقىش 34:27؛ 2-تىموتىي 3:16-ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.
«مۇقەددەس كىتابنىڭ مۇەللىپى كىم؟» ناملىق فىلىمنى كۆرۈڭ
2. مۇقەددەس كىتابنىڭ ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىگە قانداق جەزم قىلالايمىز؟
مۇقەددەس كىتابنىڭ خۇدادىن كەلگەنلىكىنى بىلىمىز، چۈنكى ئۇ كەلگۈسى ھەققىدە تەپسىلىي، توغرا بېشارەتلەرنى ئېيتىپ بېرىدۇ. شۇنداق قىلىش ھېچ بىر ئىنساننىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ (يەشۇ 23:14). پەقەت ھەممىگە قادىر خۇدالا ئىنسانىيەتنىڭ كېلەچىكىنى شۇنچە توغرا ئالدىن كۆرەلەيدۇ.— يەشايا 42:9؛ 46:10-ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.
خۇدادىن كېلىدىغان كىتاب ئەلۋەتتە ئۆزگىچە بولۇشى كېرەك، مۇقەددەس كىتاب دەل شۇنداق تەڭداشسىزدۇر. مۇقەددەس كىتاب 450 تىن كۆپرەك تىلدا 2 مىليارد پارچىدىن ئارتۇقراق تارقىتىلغان. گەرچە مۇقەددەس كىتاب قەدىمى كىتاب بولسىمۇ، ئىسپاتلانغان پەن-تەتقىقات بايقاشلىرىغا ماس كېلىدۇ. ھەمدە 40 كىشىنىڭ خاتىرىلىگەنلىرى بىر-بىرىگە زىددىيەتلىك بولغان ئەمەس. ئۇنىڭدىن باشقا، مۇقەددەس كىتابتىكى خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنىڭ كىشىلەرنى ئۆزگەرتىپ، ئۇلارنى ئۆز تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا يېتەكلەيدىغان كۈچى يەنىلا بار. بۇ دەلىللەر مىليونلىغان كىشىلەرنى مۇقەددەس كىتابنىڭ خۇدانىڭ سۆزى ئىكەنلىكىگە قايىل قىلغان.—1-سالونىكالىقلار 2:13-ئايەتنى ئوقۇڭ.
يەشايا 40:8). خۇدا ھەرگىزمۇ ئۆز سۆزىنىڭ ساختىلاشتۇرۇلۇپ ئۆزگەرتىلىشىگە يول قويغان ئەمەس.— زەبۇر 12:6،7؛ 1-پېترۇس 1:24،25-ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.
مۇقەددەس كىتاب ئۆزگەرتىلگەنمۇ؟ مۇقەددەس كىتابنىڭ 2000 يىل ئىلگىرىكى قەدىمى قوليازما كۆچۈرۈلمىلىرى مۇقەددەس يازمىلارنىڭ بىزنىڭ دەۋرىمىزگىچە ساپ توغرا يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ («مۇقەددەس كىتاب خۇدادىن ئىكەنلىكىنى نەدىن بىلىمىز؟» ناملىق فىلىمنى كۆرۈڭ
3. مۇقەددەس كىتاب نېمە ھەققىدە سۆزلەيدۇ؟
مېھىر-شەپقەتلىك خۇدانىڭ ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئاجايىپ بىر مەقسىتى بولغان. بۇ خۇش خەۋەر مۇقەددەس كىتابنىڭ ئاساسىي تېمىلىرىدىن بىرىدۇر. مۇقەددەس كىتاب، ئىنسانلارنىڭ قەدىمدە قانداق قىلىپ يەر يۈزىدىكى جەننەتتە ياشاش شان-شەرىپىدىن مەھرۇم قالغانلىقى ۋە كەلگۈسىدە جەننەت ماكاننىڭ قانداق قايتا ئەسلىگە قايتۇرۇلۇپ كېلىنىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.— ۋەھىيلەر 21:4،5-ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.
خۇدانىڭ سۆزى قانۇنلار، قائىدە-پرىنسىپلار ۋە تەكلىپ-پىكىرلەرنى ھەم ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇنىڭدىن باشقا، مۇقەددەس كىتابتا خۇدا بىلەن ئىنسانىيەت ئوتتۇرىسىدا بولغان مۇناسىۋەتلەر تارىخ سۈپىتىدە خاتىرىلەنگەن. شۇ تارىخى ۋەقەلەردىن خۇدانىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز. شۇڭا، مۇقەددەس كىتاب سىزنىڭ خۇدانى تونۇشىڭىز ئۈچۈن ياردەم بېرەلەيدۇ. يەنە ئۇ قانداق قىلىپ خۇدا بىلەن دوست بولالايدىغانلىقىڭىزنى چۈشەندۈرىدۇ.— زەبۇر 19:7،11؛ ياقۇپ 2:23؛ 4:8-ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.
4. قانداق قىلىپ مۇقەددەس كىتابنى چۈشىنەلەيسىز؟
ئەيسا پەيغەمبەر ئىشلەتكەن ئۇسۇلنى ئىشلىتىش ئارقىلىق بۇ كىتابچە سىزنىڭ مۇقەددەس كىتابنى چۈشىنىشىڭىزگە ياردەم بېرىدۇ. ھەزرىتى ئەيسا مۇقەددەس كىتابتىكى بىر ئايەتتىن كېيىن، يەنە بىر ئايەتنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ‹مۇقەددەس يازمىلارنى چۈشەندۈرگەن› ئىدى.— لۇقا 24:27،45-ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.
ھەقىقەتەن، خۇدادىن كەلگەن خۇش خەۋەر كىشىنى بەكمۇ جەلپ قىلىدۇ. ئەمما، بەزىلەر ئۇنىڭغا ئانچە قىزىقمايدۇ، يەنە بەزىلەر بولسا ھەتتا زېرىكىش ھېس قىلىشىدۇ. سىز ھەرگىز ئۈمىدسىزلەنمەڭ. مەڭگۈلۈك ھاياتلىقتىن بەھرىمەن بولۇش ئۈمىدىڭىز، خۇدانى تونۇشىڭىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.— يۇھاننا 17:3-ئايەتنى ئوقۇڭ.