4-دەرس
ئۇ دادىسىنى ۋە يەھۋا خۇدانى خوشال قىلغان
يىفتاھ يەھۋاغا قانداق ۋەدە بېرىۋاتىدۇ؟
قىيىن بولسىمۇ، يىفتاھنىڭ قىزى دادىسىنىڭ ۋەدىسىنى ئورۇنلىدى
سىز رەسىمدىكى قىزنى كۆرۈۋاتامسىز؟ – ئۇ يىفتاھ ئىسىملىق كىشىنىڭ قىزى. مۇقەددەس كىتابتا بۇ قىزنىڭ ئىسمى يېزىلمىسىمۇ، ئۇ دادىسىنى ۋە يەھۋانى خوشال قىلغانلىقىنى بىلىمىز. كېلىڭ، ئۇنىڭ دادىسى يىفتاھ توغرىسىدا كۆپرەك بىلىۋالايلى.
يىفتاھ ياخشى ئادەم بولغان ۋە قىزىغا يەھۋا خۇدا توغرىسىدا تەلىم بېرىشكە كۆپ ۋاقىت بۆلگەن. شۇنداقلا ئۇ كۈچلۈك ئادەم ۋە ياخشى باشقۇرغۇچى بولغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسرائىللىقلار ئۇنى دۈشمەنلىرىگە قارشى ئۇرۇشتا باشچىلىق قىلىشقا سورىدى.
يىفتاھ يېڭىۋېلىش ئۈچۈن خۇدادىن دۇئادا ياردەم سورىدى. يىفتاھ ئۇرۇشتىن يېڭىپ كەلسەم، ئۆيۈمدىن بىرىنچى بولۇپ چىققان ئادەمنى يەھۋاغا بېرىمەن دەپ ۋەدە قىلىدۇ. بۇ ئادەم مۇقەددەس چېدىردا، يەنى خۇدانىڭ ئۆيىدە ياشاپ، ئۆمۈر بويى ئۇنىڭغا خىزمەت
قىلىشى كېرەك ئىدى. مۇقەددەس چېدىر ئىبادەت جايى بولغان. شۇنىڭ بىلەن، يىفتاھ دۈشمەنلىرىنى يېڭىۋالدى! ئۇ ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندە ئالدىغا بىرىنچى بولۇپ كىم چىققانلىقىنى بىلەمسىز؟ –يىفتاھنىڭ ئالدىغا ئۇنىڭ قىزى چىقتى. ئۇ ئۇنىڭ يالغۇز بالىسى بولۇپ، ئەمدى ئۇ ئۆيدىن كېتىشى كېرەك ئىدى. يىفتاھ بۇنىڭغا قاتتىق قايغۇردى. لېكىن ئۇ خۇداغا ۋەدە بېرىپ قويغان ئىدى. شۇڭا قىزى ئۇنىڭغا: «دادا، يەھۋاغا سۆز بەرگەن بولسىڭىز، سۆزىڭىزدىن يانماڭ»،— دىدى.
دوستلىرى يىفتاھنىڭ قىزىنى ھەر يىلى يوقلاپ تۇراتتى
يىفتاھنىڭ قىزىغىمۇ قىيىن بولدى. چۈنكى مۇقەددەس چېدىردا خىزمەت قىلغانلىقتىن، ئۇ تۇرمۇشقا چىقالماتتى، بالىلىق بولالماتتى. لېكىن ئۇ دادىسىنىڭ ۋەدىسىنى ئورۇنلاپ، يەھۋانى خوشال قىلىشنى خالىغان. بۇ قىز ئۈچۈن يەھۋانى خوشال قىلىش تۇرمۇشقا چىقىپ، بالىلىق بولۇشتىنمۇ مۇھىم ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئۆيىنى تاشلاپ كېتىپ، قالغان ھاياتىنى مۇقەددەس چېدىردا ئۆتكۈزدى.
قانداق ئويلايسىز، ئۇ دادىسىنى ۋە يەھۋانى خوشال قىلدىمۇ؟ – ئەلۋەتتە! ئەگەر سىز يەھۋاغا قۇلاق سېلىپ، ئۇنى ياخشى كۆرسىڭىز، يىفتاھنىڭ قىزىغا ئوخشاش بولالايسىز. سىزمۇ ئاتا-ئانىڭىزنى ۋە يەھۋا خۇدانى خوشال قىلىسىز.
مۇقەددەس كىتابىڭىزدىن ئوقۇڭ
-
تەكرار قانۇن 6:4—6
-
ھاكىملار 11:30—40
-
كورىنتلىقلارغا 1-خەت 7:37، 38