7-دەرس
يالغۇز قېلىپ، قورققان ۋاقتىڭىز بولدىمۇ؟
بۇ رەسىمدىكى كىچىك بالىغا قاراپ كۆرۈڭ. ئۇ يالغۇز قېلىپ، قورقۇۋاتقان ئوخشايدۇ. سىزنىڭمۇ قورققان ۋاقتىڭىز بولدىمۇ؟ – بەزىدە شۇنداق ۋەزىيەت ھەربىرىمىزدە بولىدۇ. مۇقەددەس كىتابتا يالغۇز قېلىپ، قورققان بەزى ئادەملەر توغرۇلۇق يېزىلغان. ئۇلار يەھۋانىڭ دوستلىرى بولغان. شۇلارنىڭ بىرى ئىلياس. كېلىڭ، ئىلياس توغرۇلۇق بىلىۋالايلى.
ئىلياس ئەيسا تۇغۇلۇشتىن ئۇزاق ۋاقىت بۇرۇن ئىسرائىلدا ياشىغان. ئىسرائىل پادىشاھى ئاخاب ھەقىقىي خۇدا يەھۋاغا خىزمەت قىلمىغان. ئاخاب ۋە ئۇنىڭ ئايالى ئىزابېل، يالغان خۇدا بائالغا ئىبادەت قىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسرائىللىقلارنىڭ كۆپچىلىكى بائالغا ئىبادەت قىلىشقا باشلىغان. ئىزابېل مەلىكە ناھايىتى يامان ئايال ئىدى. ئۇ يەھۋاغا خىزمەت قىلغان ھەممە ئادەملەرنى ۋە ئىلياسنىمۇ ئۆلتۈرمەكچى بولغان. شۇ چاغدا ئىلياسنىڭ نېمە قىلغانلىقىنى بىلەمسىز؟ –
ئىلياس يىراق يەرگە قېچىپ كەتتى! ئۇ چۆل-باياۋانغا بېرىپ، بىر ئۆڭكۈرگە يوشۇرۇندى. قانداق ئويلايسىز، ئۇ نېمىشقا شۇنداق قىلدى؟ – ھە، ئۇ ناھايىتى قورقۇپ كەتتى.
بىراق ئىلياس قورقماسلىقى كېرەك ئىدى. بىلەمسىز نېمىشقا؟ چۈنكى ئۇ يەھۋانىڭ ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىنى بىلەتتى. يەھۋا بۇرۇنمۇ ئۇنىڭغا ئۆز كۈچىنى كۆرسەتكەن. بىر قېتىم، يەھۋا ئىلياسنىڭ دۇئاسىغا جاۋاب بېرىپ، ئاسماندىن ئوت ياغدۇرغان. دېمەك، بۇ قېتىممۇ يەھۋا ئىلياسقا ياردەم بېرەلەتتى!يەھۋا ئۆڭكۈردە ئولتارغان ئىلياستىن: «بۇ يەردە نېمە قىلىۋاتىسەن؟»— دەپ سورىدى. شۇ چاغدا ئىلياس: «ساڭا خىزمەت قىلىدىغانلاردىن يالغۇز مەنلا قالدىم. مېنىمۇ ئۆلتۈرۈپ كېتەرمۇ دەپ قورقۇۋاتىمەن»،— دەپ جاۋاب بەردى. ئىلياس يەھۋانىڭ بارلىق خىزمەتچىلىرى ئۆلۈپ كەتتى دەپ ئويلىغان ئىدى. بىراق يەھۋا ئۇنىڭغا: «ئۇنداق ئەمەس. ماڭا خىزمەت قىلىدىغان 7000 ئادەم بار. باتۇر بول. ساڭا كۆپ ئىش تاپشۇرىمەن!»— دىدى. قانداق ئويلايسىز، ئىلياس بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاشقا خۇرسەن بولدىمۇ؟ –
ئىلياسنىڭ مىسالىدىن قانداق ساۋاق ئالالايسىز؟ – ھېچقاچان ئۆزىڭىزنى يالغۇز قالدىم دەپ قورقماڭ. سەۋەبى يەھۋانىمۇ، سىزنىمۇ ياخشى كۆرىدىغان دوستلىرىڭىز بار. يەھۋانىڭ كۈچى كۆپ. ئۇ ھەرقاچان سىزگە ياردەم بېرىدۇ! يالغۇز ئەمەسلىكىڭىزنى بىلگىنىڭىزگە خۇشالمۇ؟ –
مۇقەددەس كىتابىڭىزدىن ئوقۇڭ
-
پادىشاھلار 1-يازما 19:3—18
-
زەبۇر 145:18
-
پېترۇسنىڭ 1-خېتى 5:9