6-دەرس
داۋۇت قورقمىغان
سىز قورققان چاغدا نېمە قىلىسىز؟ – بەلكىم، ئاپىڭىز ياكى دادىڭىزدىن بېرىپ، ياردەم سورايسىز. لېكىن سىزگە ياردەم بېرەلەيدىغان يەنە بىر شەخس بار. ئۇ ھەممىدىن كۈچلۈك. ئۇنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ – توغرا، ئۇ — يەھۋا خۇدا. كېلىڭ، مۇقەددەس كىتابتىكى داۋۇت ئىسىملىك بىر يىگىت توغرۇلۇق ئوقايلى. يەھۋا خۇدا ئۇنىڭغا دائىم ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلىپ، ئۇ ھېچ نەرسىدىن قورقمىغان.
ئاتا-ئانىسى داۋۇتنى كىچىكىدىن يەھۋانى ياخشى كۆرۈشكە ئۆگەتكەن. بۇ داۋۇتقا ھەتتا قورقۇنۇچلۇق ۋەزىيەتلەردىمۇ قورقماسلىققا ياردەم بەرگەن. ئۇ يەھۋا خۇدا ئۇنىڭ دوستى بولۇپ، ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلگەن. بىر كۈنى داۋۇت قوي بېقىۋاتقاندا، يوغان شىر كېلىپ، بىر قوينى ئېلىپ قېچىپتۇ. داۋۇتنىڭ نېمە قىلغانلىقىنى بىلەمسىز؟ ئۇ شىرنىڭ كەينىدىن قوغلاپ، گەرچە قولىدا قۇرال بولمىسىمۇ، ئۇنى ئۆلتۈردى! كېيىنكى قېتىم قويلارغا ئېيىق ھۇجۇم قىلغاندا، داۋۇت ئۇنىمۇ ئۆلتۈردى! قانداق ئويلايسىز، داۋۇتقا كىم ياردەم بەردى؟ – ئەلۋەتتە، يەھۋا خۇدا.
داۋۇت ئاجايىپ باتۇرلۇق كۆرسەتكەن يەنە بىر ۋەزىيەت بولغان. ئىسرائىل خەلقى فىلىستىيەلىكلەر دېگەن ئادەملەرگە قارشى ئۇرۇش قىلغان. فىلىستىيەلىك ئەسكەرلەرنىڭ بىرى ناھايىتى ئېگىز، يوغان ئادەم ئىدى! ئۇنىڭ ئىسمى جوليات بولغان. ئۇ ئىسرائىل خەلقىنى ۋە يەھۋا خۇدانى زاڭلىق قىلاتتى. جوليات ئىسرائىل ئەسكەرلىرىنى ئۆزى بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا چاقىردى. لېكىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى جوليات بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا قورقاتتى. داۋۇت بۇنى ئاڭلىغاندا، جولياتقا: «مەن سېنىڭ بىلەن ئۇرۇشىمەن! يەھۋا خۇدا ماڭا ياردەم بېرىپ، سېنى يېڭىۋالىمەن!»— دىدى. سىزچە، داۋۇت باتۇر بولغانمۇ؟ – ھە، ئۇ ناھايىتى باتۇر بولغان. ئاندىن كېيىن نېمە بولغانلىقىنى بىلىشنى خالامسىز؟
داۋۇت سالغىسىنى (بۇرۇنقى تاش ئېتىش قۇرالى) ۋە بەش سىلىق تاشنى ئېلىپ، جولياتقا قارشى چىقتى. جوليات داۋۇتنىڭ ياشلا يىگىت ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنى زاڭلىق قىلدى. لېكىن داۋۇت ئۇنىڭغا: «سەن ماڭا قىلىچ بىلەن قارشى چىقساڭ، مەن ساڭا يەھۋانىڭ ئىسمى بىلەن قارشى چىقىمەن!»— دىدى. ئاندىن كېيىن ئۇ سالغىسىغا تاش سالدى ۋە جولياتقا قاراپ يۈگرەپ، تاشنى ئۇنىڭغا
قارىتىپ ئاتتى. تاش دەل ئۇنىڭ پېشانىسىگە تەگدى! بۇ غايەت يوغان ئادەم يەرگە يىقىلىپ ئۆلدى. بۇنى كۆرگەن فىلىستىيەلىكلەر قورقۇپ، قېچىپ كەتتى. داۋۇت شۇنچىلىك ياش تۇرۇپ، قانداقلارچە بۇ يوغان ئادەمنى يېڭىۋالدى؟ – ئۇنىڭغا يەھۋا ياردەم بەردى. چۈنكى يەھۋا بۇ يوغان ئادەمگە قارىغاندا كۈچلۈكرەك!داۋۇت يەھۋانىڭ ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلگەچكە، ھېچ قورقمىغان
داۋۇتنىڭ مىسالىدىن قانداق ساۋاق ئالالايسىز؟ – يەھۋا ھەممىدىن كۈچلۈكتۇر! ھەمدە، ئۇ سىزنىڭ دوستىڭىز. بىرەر نەرسىدىن قورققان چاغدا، يەھۋانىڭ سىزگە جاسارەتلىك بولۇشقا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئۇنتۇماڭ!
مۇقەددەس كىتابىڭىزدىن ئوقۇڭ
-
زەبۇر 56:3، 4
-
سامۇئىلنىڭ 1-يازمىسى 17:20—54