9-دەرس
يەرەمىيا يەھۋا توغرىسىدا سۆزلەشنى توختاتمىغان
ئادەملەر يەرەمىياگە نېمە ئۈچۈن ئاچچىقلاندى؟
يەھۋا يەرەمىيانىڭ ئامان قېلىشىغا غەمخورلۇق قىلدى
ئادەملەرگە يەھۋا توغرىسىدا ئېيتقىنىمىزدا، بەزىدە ئۇلار بىزگە كۈلىدۇ ياكى ئاچچىقلىنىدۇ. شۇ چاغدا خۇدا توغرىسىدا سۆزلىگىمىز كەلمەي قېلىشى مۇمكىن. سىزدىمۇ شۇنداق ئەھۋال بولغانمۇ؟ – مۇقەددەس كىتابتا يەھۋانى ياخشى كۆرگەن، بىراق ئۇ توغرىسىدا سۆزلىگىسى كەلمىگەن ياش يىگىت توغرىسىدا يېزىلغان. ئۇنىڭ ئىسمى يەرەمىيا بولغان. كېلىڭ، ئۇ توغرىسىدا كۆپرەك بىلىۋالايلى.
يەرەمىيا ياش بولغاندا، يەھۋا ئۇنىڭغا ئادەملەرنى يامان ئىشلىرىنى توختىتىشقا ئەسكەرتىشنى تاپشۇرغان. لېكىن بۇ تاپشۇرمىنى ئورۇنلاش يەرەمىياغا قىيىن ۋە قورقۇنۇچلۇق بولغان. ئۇ يەھۋاغا: «مەن تېخى ياش، نېمە ئېيتىشىمنى بىلمەيمەن»،— دىدى. يەھۋا بولسا ئۇنىڭغا: «قورقما، مەن ساڭا ياردەم بېرىمەن»،— دىدى.
شۇڭا يەرەمىيا ئادەملەر يامان ئىشلىرىدىن قايتمىسا، خۇدا ئۇلارنى جازالايدۇ دەپ
ئەسكەرتتى. قانداق ئويلايسىز، ئادەملەر يەرەمىيانىڭ سۆزىگە قۇلاق سالدىمۇ؟ – ياق، ئۇلار يەرەمىيانى زاڭلىق قىلىپ، ئۇنىڭغا ئاچچىقلاندى. بەزىبىرلىرىنىڭ ئۇنى ھەتتا ئۆلتۈرگۈسى كەلدى! شۇ چاغدا يەرەمىيا ئۆزىنى قانداق ھېس قىلدى دەپ ئويلايسىز؟ – ئۇ قورققىنىدىن: «بۇنىڭدىن كېيىن يەھۋا توغرىسىدا سۆز قىلمايمەن»،— دىدى. ئۇ ھەقىقەتەن قورقۇنچقا بېرىلدىمۇ؟ – ياق، بېرىلمىدى. يەرەمىيا يەھۋانى ناھايىتى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ توغرىسىدا ئېيتماي يۈرەلمىدى. قورقۇنچقا بېرىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، يەھۋا يەرەمىيانى دائىم قۇتۇلدۇراتتى.مەسىلەن، بىر كۈنى يامان ئادەملەر يەرەمىيانى پاتقاققا تولغان قۇدۇققا تاشلاۋەتتى. ئۇ يەردە يە تاماق، يە سۇ بولمىغان. بۇ ئادەملەر يەرەمىيانىڭ شۇ يەردە ئۆلۈپ قېلىشىنى خالىدى. بىراق يەھۋانىڭ ياردىمى بىلەن ئۇ ئامان قالدى!
يەرەمىيانىڭ مىسالىدىن قانداق ساۋاق ئالالايسىز؟ – ئۇ بەزىدە قورققان بولسىمۇ، يەھۋا توغرىسىدا سۆزلەشنى توختاتمىغان. سىز باشقىلارغا يەھۋا توغرىسىدا ئېيتقاندا، ئادەملەر سىزگە كۈلۈشى ياكى ئاچچىقلىنىشى مۇمكىن. شۇندا سىز خىجىل بولۇشىڭىز، ھەتتا قورقۇشىڭىزمۇ مۇمكىن. لېكىن يەھۋا توغرىسىدا سۆزلەشنى ھەرگىز توختاتماڭ. خۇدا يەرەمىياغا ياردەم بەرگەندەك، سىزگىمۇ ياردەم بېرىدۇ!
مۇقەددەس كىتابىڭىزدىن ئوقۇڭ
-
يەرەمىيا 1:4—8؛ 20:7—9؛ 26:8—19، 24؛ 38:6—13