14-دەرس
پۈتكۈل يەر يۈزىنى باشقۇرىدىغان پادىشاھلىق
سىز قايسى پادىشاھلىق توغرىسىدا گەپ بولۇۋاتقانلىقىنى بىلەمسىز؟ – توغرا، خۇدا پادىشاھلىقى توغرىسىدا. يېقىندا بۇ پادىشاھلىق يەر يۈزىنى جەننەتكە ئايلاندۇرىدۇ. شۇ توغرۇلۇق كۆپرەك بىلىشنى خالامسىز؟ –
ھەربىر پادىشاھلىقنىڭ پادىشاھى بار. پادىشاھ ئۆز خەلقى ئۈستىدىن باشقۇرىدۇ. خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى كىم ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ – ئۇ ئەيسا مەسىھتۇر. ئۇ ئاسماندا ياشايدۇ. يېقىندا ئۇ يەردىكى ھەممە ئادەملەر ئۈستىدىن باشقۇرىدۇ. قانداق ئويلايسىز، شۇ چاغدا بىز بەختلىك بولىمىزمۇ؟ –
جەننەتتە نېمىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى خالايسىز؟
ئەلۋەتتە، بىز ئىنتايىن بەختلىك بولىمىز! جەننەتتە ئادەملەر ئۇرۇشمايدۇ، جەڭ قىلىشمايدۇ. ئۇلار بىر-بىرىنى ياخشى كۆرىدىغان بولىدۇ. ھېچكىم ئاغرىمايدۇ ۋە ئۆلمەيدۇ. قارغۇلارنىڭ كۆزلىرى ئېچىلىپ، پاڭلار ئاڭلايدۇ ۋە ماڭالمايدىغانلار يۈگرەپ، ھەتتا سەكرەيدۇ. يەيدىغان تاماق مول بولىدۇ. ھايۋانلار بىر-بىرى بىلەن ئوينايدۇ ۋە بىزمۇ ئۇلار بىلەن ئوينايمىز. ئۆلۈپ كەتكەنلەر قايتىدىن ياشايدىغان بولىدۇ. بۇ كىتابچىدا تىلغا ئېلىنغان كۆپ ئەر ۋە ئاياللارمۇ قايتا ياشايدىغان بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە رىبەقا، راھاب، ئىلياس ۋە داۋۇت. سىز ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈشنى خالامسىز؟ –
يەھۋا توغرىسىدا ئۆگىنىشنى ۋە ئۇنىڭغا بويسۇنۇشنى داۋاملاشتۇرسىڭىز، گۈزەل جەننەتتە مەڭگۈ ياشالايسىز! سىز بۇنى خالامسىز؟ –
يەھۋا خۇدا سىزنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە بەختلىك بولۇشىڭىزنى خالايدۇ. ئەگەرمۇقەددەس كىتابىڭىزدىن ئوقۇڭ
-
يەشايا 2:4؛ 11:6—9؛ 25:8؛ 33:24؛ 35:5، 6
-
يوھاننا 5:28، 29؛ 17:3