مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌رنى ئۈلگە قىلىپ،‏ .‏ .‏ .‏

ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌رنى ئۈلگە قىلىپ،‏ .‏ .‏ .‏

ھېسداشلىق كۆرسىتىڭ

مۇ‌كە‌ممە‌ل ئىنسان سۈپىتىدە،‏ ھە‌زرىتى ئە‌يسا كۆپلىگە‌ن ئادە‌ملە‌ر دۇ‌چ كە‌لگە‌ن ئاغرىقلارنى ۋە قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كە‌چۈرمىگە‌ن.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ ئادە‌ملە‌رنىڭ دە‌ردىگە دە‌رمان بولغان.‏ ئۇ ئىنسانلار ئۈچۈن ئۆزىنى ئايىماي،‏ زۆرۈر بولغان ئىشتىن كۆپرە‌ك ئىشلارنى قىلىشقا تە‌ييار بولغانىدى.‏ دە‌رھە‌قىقە‌ت،‏ رە‌ھىم-‏شە‌پقە‌ت ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌رنى باشقىلارغا ياردە‌م بېرىشكە ئۈندىگە‌ن.‏ 32،‏ 37،‏ 57 ۋە 99-‏بابلارنى ئوقۇ‌پ،‏ بۇ ھە‌ققىدە چوڭقۇ‌ر ئويلىنىڭ.‏

ئوچۇ‌ق يورۇ‌ق بولۇ‌ڭ

قېرى-‏ياش،‏ چوڭ-‏كىچىك ھە‌ممىسى ئە‌يسا مە‌سىھتىن بىمالال ياردە‌م سورالىغان.‏ سە‌ۋە‌بى،‏ ئۇ ئۆزىنى ئىنتايىن ئالدىراش ياكى مۇ‌ھىم ئادە‌م قىلىپ كۆرسە‌تمىگە‌ن.‏ ھە‌زرىتى ئە‌يسا كىشىلە‌رنىڭ ھە‌ربىرىگە سە‌مىمىي قىزىقىش كۆرسە‌تكە‌چ،‏ ئۇ‌لار ئۇ‌نىڭ ئالدىدا ئۆزىنى ئە‌ركىن ھېس قىلغان.‏ 25،‏ 27 ۋە 95-‏بابلارنى ئوقۇ‌پ،‏ بۇ‌نىڭغا دىققە‌ت قىلىپ كۆرۈڭ.‏

دائىم دۇ‌ئا قىلىڭ

ئە‌يسا مە‌سىھ ئاتىسىغا ئە‌ستايىدىل دۇ‌ئا قىلغان.‏ بە‌زىدە يالغۇ‌ز،‏ بە‌زىدە بولسا،‏ خۇ‌دانىڭ باشقا سادىق خىزمە‌تچىلىرىنىڭ ئارىسىدا تۇ‌رۇ‌پ دۇ‌ئا قىلغان.‏ ئۇ پە‌قە‌ت تاماق يېيىشنىڭ ئالدىدا دۇ‌ئا قىلىپلا قويماي،‏ بە‌لكى نۇ‌رغۇ‌ن باشقا ۋە‌زىيە‌تلە‌ردىمۇ دۇ‌ئا قىلغان.‏ ھە‌زرىتى ئە‌يسا ئاتىسىغا مىننە‌تدارلىق بىلدۈرۈش،‏ ئۇ‌نى مە‌دھىيىلە‌ش ياكى مۇ‌ھىم قارارنى چىقىرىشتىن بۇ‌رۇ‌ن يول-‏يورۇ‌ق ئېلىش ئۈچۈن دۇ‌ئا قىلغانىدى.‏ 24،‏ 34،‏ 91،‏ 122 ۋە 123-‏بابلاردا كە‌لتۈرۈلگە‌ن مىساللارنى كۆرۈپ چىقىڭ.‏

پىداكار بولۇ‌ڭ

گايىدا ھە‌زرىتى ئە‌يسا قاتتىق چارچاپ،‏ دە‌م ئېلىشقا مۇ‌ھتاج بولغان بولسىمۇ،‏ باشقىلار ئۈچۈن ئۆز ئىستە‌كلىرىنى قۇ‌ربان قىلغان.‏ ئۇ باشقىلارنى ئۆزىدىن ئۈستۈن قويغان.‏ ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌ر پىداكارلىق كۆرسىتىشتە بىزگە ئاجايىپ ئۈلگە قالدۇ‌رغان.‏ ئۇ‌نى قانداق ئۈلگە قىلالايدىغانلىقىمىز ھە‌ققىدە 19،‏ 41 ۋە 52-‏بابلاردىن بىلىۋېلىڭ.‏

كە‌چۈرۈمچان بولۇ‌ڭ

ئە‌يسا مە‌سىھ پە‌قە‌ت باشقىلارغا كە‌چۈرۈش كېرە‌كلىكىنى ئۆگىتىپلا قويماي،‏ بە‌لكى ئۆزىمۇ شاگىرتلىرىنى ۋە باشقا كىشىلە‌رنى كە‌چۈرگە‌ن.‏ 26،‏ 40،‏ 64،‏ 85 ۋە 131-‏بابلارنى ئوقۇ‌پ،‏ بۇ ھە‌ققىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ

قىزغىن بولۇ‌ڭ

يە‌ھۇ‌دىيلارنىڭ كۆپىنچىسى مە‌سىھنى قوبۇ‌ل قىلمايدىغانلىقى ۋە دۈشمە‌نلىرى ئۇ‌نى ئۆلتۈرىدىغانلىقى توغرۇ‌لۇ‌ق بېشارە‌ت قىلىنغان ئىدى.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئە‌يسا ئۆزىنى ئاياپ،‏ قىزغىنلىق بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلماسلىقى مۇ‌مكىن ئىدى.‏ لېكىن،‏ ئۇ پاك ئىبادە‌تنى قىزغىنلىق بىلە‌ن قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىگە‌ن.‏ پە‌رۋاسىزلىققا،‏ ھە‌تتا زىيانكە‌شلىككە ئۇ‌چرىغان بارلىق ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ئۈچۈن ھە‌زرىتى ئە‌يسا قىزغىنلىقنىڭ ئۈلگىسىنى قالدۇ‌رغان.‏ بۇ ھە‌ققىدە 16،‏ 72 ۋە 103-‏بابلاردا ئوقۇ‌ڭ.‏

كە‌متە‌ر بولۇ‌ڭ

ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌ر نامۇ‌كە‌ممە‌ل ئىنسانلاردىن نۇ‌رغۇ‌ن جە‌ھە‌تلە‌ردە،‏ مە‌سىلە‌ن بىلىم ۋە دانالىقتا ئۈستۈن تۇ‌راتتى.‏ ئۇ مۇ‌كە‌ممە‌ل بولغاچ،‏ ئۇ‌نىڭ جىسمانىي ۋە ئە‌قلىي قابىلىيە‌تلىرى ھە‌رقانداق كىشىنىڭكىدىن ئارتۇ‌ق بولغان.‏ شۇ‌نداق بولسىمۇ،‏ ئۇ كە‌متە‌رلىك بىلە‌ن باشقىلارغا خىزمە‌ت قىلغانىدى.‏ 10،‏ 62،‏ 66،‏ 94 ۋە 116-‏بابلاردا بۇ ھە‌ققىدىكى مىساللارنى بىلە‌لە‌يسىز.‏

سە‌ۋرچان بولۇ‌ڭ

شاگىرتلىرى ۋە باشقا كىشىلە‌ر ئە‌يسا پە‌يغە‌مبە‌رنى ئۈلگە قىلمىغاندا ياكى ئۇ‌نىڭ ئۆگە‌تكە‌نلىرىگە ماس ئىش-‏ھە‌رىكە‌ت قىلمىغاندا،‏ ئۇ دائىم ئۇ‌لارغا سە‌ۋرچانلىق كۆرسە‌تكە‌ن.‏ ھە‌زرىتى ئە‌يسا سە‌ۋر-‏تاقە‌ت بىلە‌ن،‏ ئۇ‌لارنى يە‌ھۋاغا يېقىنلاشتۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان تە‌لىملە‌رنى تە‌كرار-‏تە‌كرار ئۆگە‌تكە‌ن.‏ 74،‏ 98،‏ 118 ۋە 135-‏بابلاردىن ئە‌يسانىڭ سە‌ۋرچانلىقى ھە‌ققىدە بىلىۋېلىڭ.‏