مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

02-‏دە‌رس

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۈمىد بېرىدۇ

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۈمىد بېرىدۇ

دۇ‌نيانىڭ ھە‌ممىلا جايلىرىدا تۈرلۈك قىيىنچىلىقلار تۈپە‌يلى ئادە‌ملە‌ر ئازابلىنىۋاتىدۇ،‏ غە‌م-‏ئە‌ندىشە قىلىۋاتىدۇ ۋە ھە‌تتا ئاغرىپ قېلىۋاتىدۇ.‏ سىز شۇ‌نداق قىيىنچىلىققا دۇ‌چ كېلىپ باققانمۇ؟‏ بىر كېسە‌للىك ياكى يېقىنىڭىزنىڭ ئۆلۈمى تۈپە‌يلى قايغۇ-‏ھە‌سرە‌ت چېكىۋاتقانسىز.‏ بە‌لكىم،‏ «كە‌لگۈسىدە ھايات ياخشىراق بولارمۇ؟‏»،‏—‏ دە‌پ ئويلايدىغانسىز.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلار بۇ سوئالغا قانائە‌تلىنە‌رلىك جاۋاب بېرىدۇ.‏

1.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلار قانداق ئۈمىد بېرىدۇ؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بۇ دۇ‌نيا نېمە ئۈچۈن كۆپ قىيىنچىلىقلارغا تولۇ‌پ كە‌تكە‌نلىكىنى چۈشە‌ندۈرۈپلا قالماي،‏ بە‌لكى يە‌نە بۇ قىيىنچىلىقلارنىڭ ۋاقىتلىق ۋە پات-‏ئارىدا يوق بولىدىغانلىقى ھە‌ققىدە خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى يە‌تكۈزىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ۋە‌دىلە‌ر سىزگە گۈزە‌ل كېلە‌چە‌ك ھە‌ققىدە ئۈمىد بېرە‌لە‌يدۇ (‏يە‌رە‌مىيا 29:‏11،‏ 12-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئاشۇ ۋە‌دىلە‌ر ھازىرقى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ،‏ ئىجابىي كۆزقاراشنى ساقلىشىمىزغا ۋە تۈگىمە‌س خۇ‌شاللىق تېپىشىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏

2.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا قانداق كېلە‌چە‌ك تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا شۇ‌نداق بىر كېلە‌چە‌ك تە‌سۋىرلە‌نگە‌نكى،‏ ‏«ئۆلۈم يە‌نە بولمايدۇ،‏ نە ماتە‌م،‏ نە پە‌رياد ۋە‌ياكى ئاغرىق باشقا بولمايدۇ»‏ (‏ۋە‌ھىيلە‌ر 21:‏4-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بۈگۈنكى كۈندە يۈز بېرىۋاتقان ئاچارچىلىق،‏ ئادالە‌تسىزلىك،‏ ئاغرىق ۋە ئۆلۈمگە ئوخشاش ھاياتتا كىشىنى ئۈمىدسىزلە‌ندۈرىدىغان قىيىنچىلىقلار كېلە‌چە‌كتە ئە‌سلا بولمايدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئىنسانلارنىڭ كە‌لگۈسىدە يە‌ر يۈزىدىكى جە‌ننە‌تتە مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشايدىغانلىقىنى ۋە‌دە قىلىدۇ.‏

3.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بېرىدىغان ئۈمىدكە بولغان ئىشە‌نچىڭىزنى قانداق كۈچە‌يتە‌لە‌يسىز؟‏

نۇ‌رغۇ‌ن ئادە‌ملە‌ر ياخشى ئىشلارنىڭ بولۇ‌شىنى ئۈمىد قىلىدۇ،‏ بىراق ئۈمىد قىلغانلىرىنىڭ چوقۇ‌م ئە‌مە‌لگە ئېشىشىغا ئىشە‌نچ قىلالمايدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ۋە‌دىلە‌ر بولسا چوقۇ‌م ئە‌مە‌لگە ئاشىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلار ئۈستىدە چوڭقۇ‌ر ئىزدە‌نسە‌ك،‏ شۇ ۋە‌دىلە‌رگە بولغان ئىشە‌نچىمىزنى كۈچە‌يتە‌لە‌يمىز (‏ئە‌لچىلە‌ر 17:‏11‏)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىپ ئۆگە‌نگىنىڭىزدە،‏ ئۇ‌نىڭدىكى كېلە‌چە‌ك ھە‌ققىدە ئېيتىلغانلارغا ئىشىنىش-‏ئىشە‌نمە‌سلىكنى ئۆزىڭىز قارار قىلالايسىز.‏

چوڭقۇ‌رراق قېزىڭ

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنىڭ كېلە‌چە‌ك ھە‌ققىدە بە‌رگە‌ن ۋە‌دىلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىڭ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بېرىدىغان ئۈمىد بۈگۈنكى كۈندە كىشىلە‌رگە قانداق ياردە‌م بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈڭ.‏

4.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌تسىز،‏ مە‌ڭگۈلۈك ھايات ھە‌ققىدە ۋە‌دە بېرىدۇ

تۆۋە‌ندە كۆرسىتىلگە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ۋە‌دىلە‌رگە قاراڭ.‏ قايسى ۋە‌دىنىڭ ئە‌مە‌لگە ئېشىشىنى تاقە‌تسىزلىك بىلە‌ن كۈتۈۋاتىسىز؟‏ نېمە ئۈچۈن؟‏

ۋە‌دىلە‌رنىڭ يېنىدا كە‌لتۈرۈلگە‌ن ئايە‌تلە‌رنى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى ئىككى سوئال ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ:‏

  • سىزنىڭچە،‏ مۇ‌شۇ ئايە‌تلە‌ر سىزگە ئۈمىد بېرە‌مدۇ؟‏ ئۇ‌لار ئائىلىڭىزدىكىلە‌ر ۋە دوستلىرىڭىزغا ئۈمىد بېرە‌لە‌مدۇ؟‏

شۇ‌نداق ھاياتنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىڭ

ھېچكىم .‏ .‏ .‏

ھە‌ممە كىشى .‏ .‏ .‏

  • قايغۇ-‏ھە‌سرە‌ت چە‌كمە‌يدۇ،‏ قېرىپ كە‌تمە‌يدۇ ۋە ئۆلمە‌يدۇ.‏—‏يە‌شايا 25:‏8‏.‏

  • ئۆلۈپ كە‌تكە‌ن يېقىن كىشىلىرىنىڭ تىرىلىپ،‏ يە‌ر يۈزىدە ھاياتلىققا قايتقىنىنى كۆرىدۇ.‏—‏يۇ‌ھاننا 5:‏28،‏ 29‏.‏

  • كېسە‌ل،‏ مېيىپ ياكى ناكار بولمايدۇ.‏ —‏يە‌شايا 33:‏24؛‏ 35:‏5،‏ 6‏.‏

  • ساغلام تە‌ن ۋە ياشلىق باھارىدىن ھۇ‌زۇ‌رلىنىدۇ.‏—‏ئايۇ‌پ 33:‏25‏.‏

  • ئادالە‌تسىز مۇ‌ئامىلىگە ئۇ‌چرىمايدۇ.‏ —‏يە‌شايا 32:‏16،‏ 17‏.‏

  • مول يېمە‌ك-‏ئىچمە‌ك،‏ ئە‌ركىن-‏ئازادە ئۆي ۋە كۆڭلىدىكىدە‌ك خىزمە‌تكە ئىگە بولىدۇ.‏—‏زە‌بۇ‌ر 72:‏16؛‏ يە‌شايا 65:‏21،‏ 22‏.‏

  • ئۇ‌رۇ‌ش سە‌ۋە‌بىدىن ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت چە‌كمە‌يدۇ.‏—‏زە‌بۇ‌ر 46:‏9‏.‏

  • چە‌كسىز تىنچ-‏ئامانلىقتىن بە‌ھرىمە‌ن بولىدۇ.‏—‏زە‌بۇ‌ر 37:‏11‏.‏

  • كۆڭۈلنى ئاغرىتىدىغان ئوي-‏پىكىرلە‌ر ياكى ئە‌سلىملە‌ر سە‌ۋە‌بلىك ئازابلانمايدۇ.‏ —‏يە‌شايا 65:‏17‏.‏

  • ئۆزى ئۈمىد قىلغاندە‌ك شارائىتتا مە‌ڭگۈ ياشايدۇ.‏—‏زە‌بۇ‌ر 37:‏29‏.‏

5.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ئۈمىد ھە‌ممىنى ئۆزگە‌رتە‌لە‌يدۇ

نۇ‌رغۇ‌ن ئادە‌ملە‌ر ئە‌تراپىدا بولۇ‌ۋاتقان قىيىنچىلىقلارنى كۆرگىنىدە،‏ ئۈمىدسىزلىنىدۇ،‏ ھە‌تتا ئاچچىقلىنىدۇ.‏ بە‌زىلە‌ر شۇ‌نداق ۋە‌زىيە‌تنى ياخشىلاش ئۈچۈن قە‌تئىي كۈرە‌ش قىلىدۇ.‏ كېلە‌چە‌كتە ھە‌ممە ئىشلارنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقى ھە‌ققىدە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا بېرىلگە‌ن ۋە‌دىلە‌ر ھازىر ئادە‌ملە‌رگە قانداق ياردە‌م بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈڭ.‏ فىلىمنى كۆرۈڭ ۋە كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • بۇ فىلىمدا كۆرگىنىڭىزدە‌ك،‏ رافىكا قانداق ئادالە‌تسىزلىككە دۇ‌چ كە‌لگە‌ن؟‏

  • گە‌رچە ئۇ باشتىن كە‌چۈرگە‌ن ئادالە‌تسىزلىك پۈتۈنلە‌ي يوقالمىغان بولسىمۇ،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۇ‌نىڭغا قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏

كېلە‌چە‌ك ھە‌ققىدىكى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ۋە‌دىلە‌ر ئۈمىدسىزلىك بىلە‌ن كۈرە‌ش قىلىشىمىزغا ۋە قىيىنچىلىققا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە خۇ‌شاللىقنى يوقاتماسلىقىمىزغا ياردە‌م بېرىدۇ.‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 17:‏22 ۋە رىملىقلار 12:‏12-‏نى ئوقۇ‌ڭ ۋە تۆۋە‌ندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • سىزنىڭچە،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ئۈمىد بېرىدىغان خە‌ۋە‌رلە‌ر ھازىر ھاياتىڭىزنى ئۆزگە‌رتە‌لە‌مدۇ؟‏ نېمە ئۈچۈن شۇ‌نداق ئويلايسىز؟‏

بە‌زىلە‌ر مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى كېلە‌چە‌ك توغرىسىدىكى ۋە‌دىلە‌رگە ئىشىنىش ئىنتايىن قىيىن».‏

  • سىزنىڭچە،‏ دە‌لىل-‏ئىسپاتلارنى تېپىش ئۈچۈن ئىزدىنىش نېمە ئۈچۈن مۇ‌ھىم؟‏

خۇ‌لاسە

مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلاردا گۈزە‌ل كېلە‌چە‌ك ھە‌ققىدە نۇ‌رغۇ‌نلىغان ۋە‌دىلە‌ر بار.‏ ئۇ‌لار بىزگە ئۈمىد بېرىدۇ ۋە ھازىرنىڭ ئۆزىدە ھاياتىمىزنى ئۆزگە‌رتىدۇ.‏

تە‌كرارلاش

  • نېمە ئۈچۈن ئادە‌ملە‌ر خۇ‌دانىڭ ۋە‌دىلىرى ھە‌ققىدە بىلىشى زۆرۈر؟‏

  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب كېلە‌چە‌ك ھە‌ققىدە نېمە دە‌يدۇ؟‏

  • كېلە‌چە‌ككە بولغان ئۈمىد سىزگە ھازىر قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

مە‌قسە‌ت

ئىزدىنىپ كۆرۈڭ

قىيىنچىلىقلارغا دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە ئۈمىد سىزگە قانداق ياردە‌م بېرىدىغانلىقى ھە‌ققىدە كۆپرە‌ك بىلىۋېلىڭ.‏

‏«ئۈمىد —‏ قە‌يە‌ردىن ئۇ‌نىڭغا ئېرىشە‌لە‌يسىز؟‏»‏ (‏«ئويغىنىش!‏»،‏ 2004-‏يىل،‏ 22-‏ئاپرېل)‏

كېلە‌چە‌ككە بولغان ئۈمىد سوزۇ‌لما كېسە‌ل بىلە‌ن قىينىلىپ ياشاۋاتقانلارغا قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدىغانلىقىنى بىلىۋېلىڭ.‏

‏«سوزۇ‌لما كېسە‌ل بىلە‌ن قىينىلىپ ياشاۋاتقانلارغا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ياردە‌م بېرە‌لە‌مدۇ؟‏»‏ (‏تور بېكە‌تتىكى ماقالە)‏

بۇ مۇ‌زىكىلىق فىلىمنى كۆرگە‌ندە،‏ ئۆزىڭىزنى ۋە ئائىلىڭىزدىكىلە‌رنى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ۋە‌دە قىلىنغان كە‌لگۈسى جە‌ننە‌تتە ياشاۋاتقاندە‌ك تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىڭ.‏

‏«كۆز ئالدىڭغا كە‌لتۈر»‏ (‏37:‏3)‏

بىر سىياسىي پائالىيە‌تچى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن كېلە‌چە‌ك توغرىسىدىكى ئۈمىدنى بىلگە‌ندە،‏ قانداق ئۆزگىرىش قىلغانلىقىنى ئوقۇ‌ڭ.‏

‏«ھازىر دۇ‌نيانى ئۆزگە‌رتىشىم كېرە‌ك،‏ دە‌پ ئە‌سلا ئويلىمايمە‌ن»‏ (‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى»،‏ 2013-‏يىل،‏ 1-‏ئىيۇ‌ل)‏