04-دەرس
كىم ھەق خۇدا؟
ئىنسانلار يارىتىلغاندىن باشلاپ تا ھازىرغىچە نۇرغۇنلىغان ئىلاھلارغا ئىبادەت قىلىپ كەلگەن. بىراق، مۇقەددەس كىتابتا باشقا بارلىق ئىلاھلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ھەق بىر خۇدا تىلغا ئېلىنغان (2-تارىخنامە 2:5). ئۇنداقتا، ئۇ نېمە ئۈچۈن باشقا ئىلاھلاردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ؟ بۇ دەرستە خۇدا ئۆزىنى سىزگە قانداق تونۇشتۇرىدىغانلىقىنى كۆرۈمىز.
1. خۇدانىڭ ئىسىمى نېمە ۋە ئۇ ئۆز ئىسىمىنى بىلىشىمىزنى خالايدىغانلىقىنى قانداق بىلەلەيمىز؟
خۇدا مۇقەددەس كىتابتا ئۆزىنى بىزگە تونۇشتۇرىدۇ: «مەن يەھۋامەن، بۇ مېنىڭ ئىسمىمدۇر» (يەشايا 42:5، 8-نى ئوقۇڭ). «يەھۋا»، دېگەن ئىبرانىيچە ئىسىمنىڭ تەرجىمىسى «ئۇ بولغۇزىدۇ»، دېگەننى بىلدۈرىدۇ. يەھۋا بىزنىڭ ئۇنىڭ ئىسىمىنى بىلىشىمىزنى خالايدۇ (چىقىش 3:15). بىز بۇنى قانداق بىلەلەيمىز؟ مۇقەددەس كىتابتا ئۇنىڭ ئىسىمى 7000 قېتىمدىن كۆپرەك تىلغا ئېلىنغان a. يۇقىرىدا ئاسماندا ۋە تۆۋەندە يەر يۈزىدە پەقەت بىرلا ھەق خۇدا بار ۋە ئۇنىڭ ئىسىمى يەھۋادۇر.—تەكرار .قا 4:39
2. مۇقەددەس كىتاب يەھۋا ھەققىدە نېمە دەيدۇ؟
مۇقەددەس كىتاب ئىنسانلار ئىبادەت قىلغان بارلىق ئىلاھلارنىڭ ئارىسىدا، يەھۋا يالغۇز ھەق خۇدا، دەيدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ بىرقانچە سەۋەبلىرى بار. يەھۋا ئەڭ ئالىي ھوقۇققا ئىگە، پەقەت ئۇ تامام يەر يۈزىنىڭ ئۈستىگە يۇقىرى مەرتىۋىلىك ئاللا (زەبۇر 83:18-نى ئوقۇڭ). ئۇ «ھەممىگە قادىر». بۇ ئۇنىڭ ھەرقانداق ئىشنى قىلىشقا كۈچ-قۇدرىتى يېتىدۇ، دېگەننى بىلدۈرىدۇ. ئۇ پۈتكۈل مەۋجۇداتلارنى — ئالەم بوشلۇقى ۋە يەر يۈزىدىكى بارلىق جانلىقلارنى ياراتقان (ۋەھىيلەر 4:8، 11). يەھۋا ئەزەلدىن مەۋجۇت ۋە ئەبەدىل-ئەبەد مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.—زەبۇر 90:2.
چوڭقۇرراق قېزىڭ
خۇدانىڭ نام-ئۇنۋانلىرى بىلەن ئۇنىڭ خاس ئىسىمى ئوتتۇرىسىدا قانداق پەرق بارلىقىنى كۆرۈڭ. كېيىن، ئۇ قانداق ۋە نېمە ئۈچۈن ئۆز ئىسىمىنى سىزگە ئاشكارە قىلغانلىقىنى بىلىۋېلىڭ.
3. خۇدانىڭ نام-ئۇنۋانلىرى كۆپ، ئەمما ئىسىمى بىر
بىر شەخسنىڭ نام-ئۇنۋانى بىلەن ئۇنىڭ ئىسىمى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى بىلىۋېلىش ئۈچۈن، فىلىمنى كۆرۈڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئال ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.
-
خۇدانىڭ نام-ئۇنۋانلىرى بىلەن ئۇنىڭ خاس ئىسىمى ئوتتۇرىسىدا قانداق پەرق بار؟
مۇقەددەس كىتابتا ئىنسانلارنىڭ نۇرغۇن ئىلاھلارغا ئىبادەت قىلغانلىقى ئېيتىلغان. چىقىش 18:11-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
بۇ ئايەت ھەق خۇدا ھەققىدە نېمە دەيدۇ؟
4. يەھۋا ئۆز ئىسىمىنى بىلىشىڭىزنى ۋە ئۇنى قوللىنىشىڭىزنى خالايدۇ
يەھۋانىڭ ئۆز ئىسىمىنى بىلىشىڭىزنى خالايدىغانلىقىنى نېمە كۆرسىتىپ بېرىدۇ؟ فىلىمنى كۆرۈڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللار ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.
-
سىزنىڭچە، يەھۋا ئۆز ئىسىمىنى باشقىلارغا بىلدۈرۈشنى خالامدۇ؟ نېمە ئۈچۈن؟
يەھۋا ئۆز ئىسىمىنى ئادەملەرنىڭ قوللىنىشىنى خالايدۇ. رىملىقلار 10:13-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
-
خۇدانىڭ يەھۋا دېگەن ئىسىمىنى قوللىنىش نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟
-
بىر كىشى ئىسىمىڭىزنى ئېسىدە تۇتۇۋېلىپ، سىزنى ئىسىمىڭىز بىلەن چاقىرسا، قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولىسىز؟
-
سىزنىڭچە، يەھۋانى ئىسىمى بىلەن چاقىرسىڭىز، ئۇ قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولىدۇ؟
5. يەھۋا ئۇنىڭ دوستى بولۇشىڭىزنى خالايدۇ
كامبودژادا ياشايدىغان سوتېن ئىسىملىك بىر ئايال خۇدانىڭ ئىسىمىنى بىلىش، ئۇنى شاد-خۇراملىققا چۆمدۈرگەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن. فىلىمنى كۆرۈڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئال ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.
-
خۇدانىڭ ئىسىمىنى بىلىش سوتېنغا قانداق تەسىر قىلغان؟
سىز ئادەتتە بىرى بىلەن دوست بولۇشتىن بۇرۇن، ئۇنىڭ ئىسىمىنى سورايسىز. ياقۇپ 4:8-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
-
يەھۋا سىزنى نېمە ئىش قىلىشقا تەكلىپ قىلىدۇ؟
-
خۇدانىڭ ئىسىمىنى بىلىش ۋە ئۇنى ئىشلىتىش ئۆزىڭىزنى ئۇنىڭغا يېقىن ھېس قىلىشىڭىزغا قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
بەزىلەر مۇنداق دەيدۇ: «ئاللا بىر، ئۇنىڭ ئىسىملىرى كۆپ. ئۇنى قانداقلا چاقىرساڭ بولىدۇ».
-
خۇدانىڭ ئىسىمى يەھۋا ئىكەنلىكىگە ئىشىنەمسىز؟
-
خۇدا ئۆز ئىسىمىنى قوللىنىشىمىزنى خالايدىغانلىقىنى قانداق چۈشەندۈرەلەيسىز؟
خۇلاسە
بىردىن-بىر ھەق خۇدانىڭ ئىسىمى يەھۋا. ئۇ شۇ ئىسىمنى ئىشلىتىشىمىزنى خالايدۇ. شۇنداق قىلساق، بىز ئۇنىڭغا يېقىنلىشالايمىز.
تەكرارلاش
-
ئادەملەر ئىبادەت قىلىدىغان بارلىق ئىلاھلاردىن يەھۋا قانداق پەرقلىنىدۇ؟
-
نېمە ئۈچۈن خۇدانىڭ ئىسىمىنى ئىشلىتىشىمىز كېرەك؟
-
يەھۋانىڭ ئۆزىگە يېقىنلىشىشىمىزنى خالايدىغانلىقىنى نېمە كۆرسىتىدۇ؟
ئىزدىنىپ كۆرۈڭ
خۇدانىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىسپاتلايدىغان، كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان بەش دەلىل-ئىسپاتنى كۆرۈڭ.
خۇدانىڭ ئەزەلدىن بارلىقىغا ئىشىنىش نېمە ئۈچۈن ئەقىلگە مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى مۇھاكىمە قىلىڭ.
«كىم خۇدانى ياراتتى؟» («كۈزىتىش مۇنارى»، 2014-يىل، 1-ئاۋغۇست)
خۇدانىڭ ئىسىمىنىڭ قەدىمدە قانداق تەلەپپۇز قىلىنغانلىقىنى بىلمىسەكمۇ، نېمە ئۈچۈن شۇ ئىسىمىنى ئىشلىتىشىمىز كېرەكلىكىنى بىلىۋېلىڭ.
خۇدانى قانداقلا چاقىرساق بولامدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بىز ئۇنىڭ پەقەت بىرلا ئۆزىگە خاس ئىسىمى بار، دەپ ئېيتالايدىغانلىقىمىزنى كۆرۈڭ.
a خۇدانىڭ ئىسىمىنىڭ مەنىسى ۋە بۇ ئىسىم مۇقەددەس كىتابنىڭ بەزى تەرجىمىلىرىدە چىقىرىۋېتىلگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى بىلىش ئۈچۈن، «مۇقەددەس كىتاب مەدھىيە تەرجىمىسى»-گە قاراڭ.