07-دەرس
يەھۋا — ئۇ كىم؟
يەھۋا خۇدانى تەسەۋۋۇر قىلسىڭىز، ئوي-خىيالىڭىزغا نېمىلەر كېلىدۇ؟ بەزى ئادەملەر خۇدا ئۇلۇغ، ھەيۋەتلىك، ئۇنىڭغا يېقىنلىشىش مۇمكىن ئەمەس دەپ ئويلايدۇ. سىز ئۇنى ھەقىقىي شەخس ئەمەس بەلكى تەبىئەتتىكى گۈلدۈرماما، چاقماقلار كەبى كۈچ دەپ قارامسىز؟ يەھۋا — ئۇ زادى كىم؟ ئۆز سۆزى بولغان مۇقەددەس كىتاب ئارقىلىق، يەھۋا ئۆزىنىڭ بەزى ئېسىل پەزىلەتلىرىنى ۋە سىزگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
1. نېمە ئۈچۈن خۇدانى كۆرەلمەيمىز؟
«خۇدا روھتۇر» (يۇھاننا 4:24). خۇدانىڭ جىسمانىي تېنى يوق. ئۇ ئاسماندا ياشايدىغان، كۆزۈمىزگە كۆرۈنمەيدىغان روھتۇر.
2. يەھۋانىڭ قانداق بەزى ئېسىل پەزىلەتلىرى بار؟
بىز يەھۋانى كۆرەلمەيمىز. ئەمما، ئۇنى تونۇيالايمىز ۋە سۆيەلەيمىز. چۈنكى، ئۇ ئاجايىپ پەزىلەتلەرگە ئىگە ھەقىقىي شەخس. مۇقەددەس كىتاب: «يەھۋا سۆيەر ئادالەتنى، تاشلىماس ئۆزىنىڭ سادىق بەندىسىنى»،— دەيدۇ (زەبۇر 37:28). ئۇ يەنە بولۇپمۇ ئازاب-ئوقۇبەت چەككەن كىشىلەرگە ھەقىقەتەن ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىلدۇر (ياقۇپ 5:11). «يەھۋا كۆڭلى سۇنۇقلارغا يېقىندۇر، روھى ئېزىلگەنلەرنى قۇتقۇزار» (زەبۇر 34:18). ئىش-ھەرىكەتلىرىمىزنىڭ يەھۋانى خۇشال قىلىشى ياكى رەنجىتىشى مۇمكىنلىكىنى بىلەمسىز؟ بىر ئادەم يامان ئىش قىلىشنى تاللىسا، خۇدانىڭ كۆڭلى يېرىم بولىدۇ (زەبۇر 78:40، 41). بىراق، كىشى توغرا ئىش قىلسا، ئۇنىڭ كۆڭلىنى خۇرسەن قىلىدۇ.—پەندى-نەسىھەت 27:11-نى ئوقۇڭ.
3. يەھۋا بىزنى سۆيىدىغانلىقىنى قانداق كۆرسىتىدۇ؟
مېھىر-مۇھەببەت — يەھۋانىڭ ئەڭ ئېسىل پەزىلىتى. ئەمەلىيەتتە، «خۇدا ئۆزى مۇھەببەتتۇر» (1-يۇھاننا 4:8). يەھۋا ئۆز مۇھەببىتىنى مۇقەددەس كىتاب ئارقىلىقلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئۆزىنىڭ ياراتمىلىرى ئارقىلىقمۇ كۆرسىتىدۇ (ئەلچىلەر 14:17-نى ئوقۇڭ). مەسىلەن، ئۇنىڭ بىزنى قانداق ياراتقانلىقىنى ئويلاپ كۆرۈڭ. ئۇ بىزگە چىرايلىق رەڭلەرنى كۆرۈش، يېقىملىق مۇزىكىلارنى تىڭشاش ۋە تەملىك تاماقلارنى تېتىش قابىلىيىتىنى بەرگەن. ئۇ بىزنىڭ شاد-خۇرام ھايات كەچۈرۈشىمىزنى خالايدۇ.
چوڭقۇرراق قېزىڭ
ياراتقۇچىنىڭ ئاجايىپ ئىشلارنى تاماملاش ئۈچۈن نېمىلەرنى قوللانغانلىقىنى بىلىۋېلىڭ. كېيىن يەھۋانىڭ كىشىنى جەلپ قىلىدىغان ئېسىل پەزىلەتلەرنى قانداق ئىپادىلىگەنلىكىنى كۆرۈڭ.
4. مۇقەددەس روھ خۇدانىڭ ھەرىكەت كۈچى
خۇددى بىز ئىشلەش ئۈچۈن قولىمىزنى ئىشلەتكەندەك، يەھۋا خۇدامۇ مۇقەددەس روھىنى ئىشلىتىدۇ. مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغاندا، مۇقەددەس روھ — ئۇ شەخس ئەمەس، ئەكسىچە ئۇ خۇدا ئۆز ئىرادىسىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ئىشلەتكەن كۈچتۇر. لۇقا 11:13 ۋە ئەلچىلەر 2:17-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
-
خۇدا ئۆزىدىن مۇقەددەس روھنى سورىغانلارنىڭ ئۈستىگە، شۇ روھىنى تۆكىدۇ. ئۇنداقتا، سىزنىڭچە مۇقەددەس روھ بىر شەخسمۇ ياكى خۇدانىڭ ھەرىكەت كۈچىمۇ؟ نېمە ئۈچۈن شۇنداق دەيسىز؟
يەھۋا ئۆزىنىڭ مۇقەددەس روھىنى ئاجايىپ ئىشلارنى تاماملاش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. زەبۇر 33:6 ۋە 2-پېترۇس 1:20، 21-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
يەھۋا ئۆزىنىڭ مۇقەددەس روھىنى يەنە قانداق ئۇسۇللار بىلەن ئىشلىتىدۇ؟
5. يەھۋانىڭ ئېسىل پەزىلىتى
مۇسا پەيغەمبەر خۇدانىڭ سادىق خىزمەتچىسى بولغان. بىراق، ئۇ ئۆز ياراتقۇچىسى ھەققىدە تېخىمۇ ياخشىراق بىلىشنى خالىغان ئىدى. شۇڭا، مۇسا پەيغەمبەر خۇداغا: «نەزىرىڭدە ئىتىپات تېپىشىم ئۈچۈن، ماڭا ئۆز يوللۇرۇڭنى كۆرسىتىپ بەر»،— دېگەن (چىقىش 33:13). مۇسانىڭ سۆزىگە جاۋابەن، ئۇنىڭغا يەھۋا ئۆزىنىڭ قانداق شەخس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. چىقىش 34:4–6-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
-
يەھۋا مۇسا پەيغەمبەرگە ئۆزىنىڭ قايسى پەزىلىتىنى كۆرسەتكەن؟
-
سىز بولۇپمۇ يەھۋانىڭ قايسى پەزىلەتلىرىنى ياخشى كۆرىسىز؟
6. خۇدا ئىنسانلارغا كۆڭۈل بۆلىدۇ
خۇدانىڭ خەلقى، يەنى ئىبرانىيلار مىسىردا قۇل بولغان. ئۇنىڭ خەلقى ئازاب-ئوقۇبەت چەككەندە، يەھۋا قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولغان؟ ئاۋازلىق ئوقۇشنى تىڭشاڭ ياكى چىقىش 3:1–10-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللار ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.
-
مۇشۇ مەلۇمات ئىنسانلار ئازاب چەككەندە، خۇدانىڭ قانداق ھېسسىياتتا بولىدىغانلىقى ھەققىدە سىزگە نېمە ئېيتىپ بېرىدۇ؟ —7، 8-ئايەتلەرنى قاراڭ.
-
سىزنىڭچە، يەھۋا ئىنسانلارغا ياردەم بېرىشنى ھەقىقەتەن خالامدۇ ۋە ئۇ شۇنداق قىلىشقا قادىرمۇ؟ نېمە ئۈچۈن؟
7. تەبىئەت دۇنياسى يەھۋانىڭ پەزىلەتلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ
يەھۋا ئۆزى ياراتقان مەۋجۇداتلار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ پەزىلەتلىرىنى ئاشكارىلايدۇ. فىلىمنى كۆرۈڭ، كېيىن رىملىقلار 1:20-نى ئوقۇپ، تۆۋەندىكى سوئال ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.
-
يەھۋا ياراتقان مەۋجۇداتلاردىن ئۇنىڭ قانداق پەزىلەتلىرىنى كۆردىڭىز؟
بەزىلەر مۇنداق دەيدۇ: «بىز خۇدانى كۆرەلمەيمىز. شۇڭا، ئۇنى تونۇپ-بىلىش مۇمكىن ئەمەس».
-
سىز نېمە ئويلايسىز؟
-
نېمە ئۈچۈن شۇنداق ئويلىدىڭىز؟
خۇلاسە
يەھۋا كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان روھىي شەخس. ئۇنىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرى بار. ئۇ ئۆزى مېھىر-مۇھەببەتتۇر.
تەكرارلاش
-
نېمە ئۈچۈن بىز يەھۋانى كۆرەلمەيمىز؟
-
مۇقەددەس روھ دېگەن نېمە؟
-
يەھۋانىڭ قانداق بەزى پەزىلەتلىرى بار؟
ئىزدىنىپ كۆرۈڭ
يەھۋانىڭ تۆت ئاساسىي پەزىلەتلىرى ھەققىدە كۆپرەك بىلىۋېلىڭ.
«يەھۋا — ئۇ كىم؟» («كۈزىتىش مۇنارى»، 2019-يىل، 1-سان)
ھەممە مەۋجۇداتلاردا يەھۋانىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنىڭ ئىسپاتىنى كۆرۈپ چىقىڭ.
مۇقەددەس كىتاب نېمە ئۈچۈن مۇقەددەس روھنى خۇدانىڭ قوللىرى سۈپىتىدە تىلغا ئالغانلىقىنى كۆرۈڭ.
قارغۇ بىر ئادەم ئۈچۈن، خۇدانىڭ ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىغا ئىشىنىش قىيىن بولغان. ئۇنىڭ ئوي-پىكىرىنى نېمە ئۆزگەرتكەن؟ كۆرۈپ بېقىڭ.
«مەن ھازىر باشقىلارغا ياردەم بېرەلەيمەن» («كۈزىتىش مۇنارى»، 2015-يىل، 1-ئۆكتەبىر)