09-دەرس
دۇئا ئارقىلىق ياراتقۇچىغا يېقىنلىشىش
سىز ھاياتىڭىزدا كۆرسەتمىلەرگە مۇھتاج بولغانمۇ؟ جاۋاب تاپماقچى بولغان مۇھىم سوئاللىرىڭىز بارمۇ؟ سىز تەسەللىگە ياكى ئىلھامغا مۇھتاجمۇ؟ ياراتقۇچى خۇداغا تېخىمۇ يېقىنراق بولۇشنى خالامسىز؟ مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىگە دۇئا ياردەم بېرەلەيدۇ. ئەمما، قانداق ئۇسۇلدا دۇئا قىلىش توغرا بولىدۇ؟ خۇدا ھەرقانداق دۇئانى تىڭشامدۇ؟ ئۇنىڭ سىزنىڭ دۇئالىرىڭىزغا قۇلاق سالىدىغانلىقىغا ئىشىنىش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟ كېلىڭ، كۆرۈپ باقايلى.
1. كىمگە دۇئا قىلىشىمىز كېرەك؟
نۇھ، ئىبراھىم، مۇسا ۋە داۋۇت پەيغەمبەرلەر ھەق خۇدا، يەھۋاغا دۇئا قىلغان. مەسىلەن، داۋۇت پەيغەمبەر مۇنداق دېگەن: قۇلاق سالغىن پەرۋەردىگار دۇئايىمغا (زەبۇر 143:1). بىز يەھۋاغا دۇئا قىلغاندا، ئۇنىڭ بىلەن بولغان دوستلىقىمىز كۈچىيىدۇ.
دۇئادا نېمە سورىساق بولىدۇ؟ بىز دۇئالىرىمىزدا يەھۋانىڭ ئىرادىسىگە ماس كېلىدىغان ھەرقانداق نەرسىنى سورىساق بولىدۇ. ئەگەر شۇنداق قىلساق، ياراتقۇچىمىز دۇئالىرىمىزغا جاۋاب بېرىدۇ. مۇقەددەس كىتاب: «ئۇنىڭ [خۇدانىڭ] ئىرادىسىگە مۇۋاپىق نېمىنى تىلىسەك، ئۇ بىزنى ئاڭلايدۇ»،— دەيدۇ (1-يۇھاننا 5:14). ئەيسا پەيغەمبەر ئۈلگىلىك دۇئاسىدا نېمىلەر ھەققىدە دۇئا قىلىشنى كۆرسەتكەنىدى (مەتتا 6:9–13-نى ئوقۇڭ). بىز شەخسىي ئېھتىياجلىرىمىز ھەققىدە دۇئا قىلغاندىن باشقا، چوقۇم خۇدانىڭ بىز ئۈچۈن قىلغانلىرىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىمىز ۋە باشقىلار ئۈچۈن ياردەم سوراشنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك.
2. دۇئانى قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟
مۇقەددەس كىتاب: «كۆڭلۈڭلارنى ئۇنىڭغا تۆكۈڭلار»،— دەپ بىزنى خۇداغا چىن يۈرەكتىن دۇئا قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ (زەبۇر 62:8). شۇڭا، دۇئالىرىمىز سەمىمىي ۋە چىن يۈرەكتىن چىقىشى كېرەك. بىز ئۈنلۈك ياكى ئۈنسىز ئاۋازدا، بەدىنىمىز ھەرخىل يۆنىلىشتە ياكى ھالەتتە، ھەرقانداق جايدا ۋە ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھۆرمەت بىلەن دۇئا قىلساق بولىدۇ.
3. خۇدا دۇئالىرىڭىزغا قانداق جاۋاب قايتۇرىدۇ؟
ئۇ ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ. يەھۋا ئۆز سۆزى بولغان مۇقەددەس كىتابنى بەرگەن. ئۇنىڭدىن سوئاللىرىمىزغا جاۋابلارنى تاپالايمىز. خۇدانىڭ سۆزىنى ئوقۇش «تەجىرىبىسىز كىشىنى دانا قىلار»، دەپ يېزىلغان (زەبۇر 19:7؛ ياقۇپ 1:5-نى ئوقۇڭ). بىز قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەندە، ئۇ بىزگە كۆڭۈل خاتىرجەملىكى بېرەلەيدۇ. بىز مۇھتاجلىققا چۈشسەك، ئۇ ئۆز خىزمەتچىلىرىنى ئىشلىتىپ، بىزگە ياردەم بېرىدۇ.
چوڭقۇرراق قېزىڭ
ياراتقۇچىڭىزنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن، دۇئانى قانداق قىلسىڭىز بولىدۇ ۋە دۇئانىڭ سىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بارلىقى ھەققىدە ئىزدىنىپ كۆرۈڭ.
4. ياراتقۇچى قوبۇل قىلىدىغان دۇئالار
ياراتقۇچىمىز يەھۋانىڭ دۇئالىرىمىزنى قوبۇل قىلىش-قىلماسلىقى نېمە قىلىشىمىزغا باغلىق؟ فىلىمنى كۆرۈڭ.
يەھۋا ئۇنىڭغا دۇئا قىلىشىمىزنى خالايدۇ. زەبۇر 65:2-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
-
سىزنىڭچە، «دۇئانى ئاڭلىغۇچى» خۇدا، سىزنىڭ ئۇنىڭغا دۇئا قىلىشىڭىزنى خالامدۇ؟ نېمە ئۈچۈن؟
ياراتقۇچىنىڭ دۇئالىرىمىزغا قۇلاق سېلىشىنى خالىساق، بىز چوقۇم ئۇنىڭ ئۆلچەملىرىگە مۇۋاپىق ياشىشىمىز كېرەك. مىكاھ 3:4 ۋە 1-پېترۇس 3:12-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
يەھۋانىڭ دۇئالىرىمىزغا قۇلاق سالىدىغانلىقىغا قانداق ئىشىنەلەيمىز؟
ئۇرۇش بولغاندا، ھەر ئىككىلا تەرەپ غەلىبە ئۈچۈن دۇئا قىلىدۇ. شۇنداق دۇئالارنى ياراتقۇچى قوبۇل قىلىدۇ، دەپ ئۈمىد قىلىش ئەقىلگە سىغامدۇ؟
5. دۇئالىرىمىز ئوخشاش سۆزلەرنى قايتا-قايتا تەكرارلاش ئەمەس، چىن يۈرەكتىن چىققان سۆزلەر بولۇشى كېرەك
بەزى ئادەملەر دۇئالارنى سۆزمۇ-سۆز يادلىۋېلىش كېرەك دەپ ئۆگىتىدۇ. يەنە بەزىلەر ئۆزلىرىمۇ چۈشەنمەيدىغان تىللاردا دۇئا قىلىدۇ. بىراق، ياراتقۇچى بىزنىڭ شۇنداق دۇئا قىلىشىمىزنى خالامدۇ؟ مەتتا 6:7-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
دۇئالىرىڭىزدا ئوخشاش سۆزلەرنى قايتا-قايتا تەكرارلاشتىن ئۆزىڭىزنى قانداق ساقلىيالايسىز؟
ھەر كۈنى ھاياتىڭىزدا ئېرىشكەن مەلۇم بىر بەرىكەت ھەققىدە ئويلاپ، شۇ بەرىكەت ئۈچۈن ياراتقۇچىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈڭ. بىر ھەپتە ھەر كۈنى شۇنداق قىلىڭ. شۇندا يەتتە كۈندە يەتتە نەرسە ھەققىدە دۇئا قىلىپ، ئوخشاش نەرسىنى تەكرارلىمايسىز.
كۆيۈمچان ئاتا بالىسىنىڭ قەلبىدىكى يۈرەك-سۆزلىرىنى ئېيتىپ بېرىشىنى خالايدۇ. خۇددى شۇنىڭدەك، دۇئا قىلغىنىمىزدا، مېھىر-شەپقەتلىك ياراتقۇچىمىز ئىچ باغرىمىزنى ئۇنىڭغا تۆكۈپ بېرىشىمىزنى خالايدۇ
6. دۇئا — يەھۋا خۇدا بىزگە بەرگەن ھەدىيە
دۇئا ياخشى-يامان كۈنلەردە، بىزگە قانداق كۈچ بېرىدۇ؟ فىلىمنى كۆرۈڭ.
مۇقەددەس كىتاب شۇنداق ۋەدە بېرىدۇكى، دۇئا بىزگە ھەقىقىي روھىي خاتىرجەملىككە ئېرىشىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. فىلىپىلىكلەر 4:6، 7-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
-
گەرچە دۇئا ھەمىشە قىيىنچىلىقلىرىمىزنى پۈتۈنلەي يوق قىلمىسىمۇ، ئۇ قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
-
سىز نېمىلەر ھەققىدە دۇئا قىلىشنى خالايسىز؟
سىز بىلەمسىز؟
«ئامىن» سۆزىنىڭ مەنىسى «شۇنداق بولسۇن» ياكى «توغرا». مۇقەددەس كىتاب زامانىدا، «ئامىن» سۆزى دۇئا ئاخىرلاشقاندا ئېيتىلغان.—1-تارىخنامە 16:36.
7. دۇئا قىلىش ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىش
بەزىدە شۇنچە ئالدىراش بولۇپ كېتىپ، دۇئا قىلىشنى ئۇنتۇپ قالىمىز. ئەيسا پەيغەمبەر ئۈچۈن دۇئا قىلىش قانچىلىك مۇھىم بولغان؟ مەتتا 14:23 ۋە ماركۇس 1:35-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى ئىككى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
ئەيسا پەيغەمبەر دۇئا قىلىشقا ۋاقىت چىقىرىش ئۈچۈن، نېمە ئىش قىلغان؟
-
سىز دۇئا قىلىش ئۈچۈن، قاچان ۋاقىت چىقىرالايسىز؟
بەزىلەر مۇنداق دەيدۇ: «پەرۋەردىگار پەقەت ئەرەب تىلىدا قىلغان دۇئالارنى قوبۇل قىلىدۇ».
-
ياراتقۇچىمىز پەقەت ئەرەب تىلىنى چۈشىنەمدۇ؟
خۇلاسە
چىن يۈرەكتىن قىلغان دۇئالار بىزنى خۇداغا يېقىنلاشتۇرىدۇ، روھىي خاتىرجەملىككە ئېرىشتۈرىدۇ ۋە ياراتقۇچىنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن توغرا ئىشلارنى قىلىشقا كۈچ بېرىدۇ.
تەكرارلاش
-
كىمگە دۇئا قىلىشىمىز كېرەك؟
-
قانداق دۇئا قىلىشىمىز كېرەك؟
-
دۇئا قىلىشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟
ئىزدىنىپ كۆرۈڭ
دۇئا ھەققىدە كۆپ سورالغان سوئاللارنىڭ جاۋابلىرىنى كۆرۈپ بېقىڭ.
«دۇئا ھەققىدە بىلىشكە تېگىشلىك يەتتە نەرسە» («كۈزىتىش مۇنارى»، 2010-يىل، 1-ئۆكتەبىر)
دۇئا قىلىشنىڭ سەۋەبلىرى ۋە دۇئالىرىڭىزنىڭ سۈپىتىنى قانداق ياخشىلاش ھەققىدە بىلىۋېلىڭ.
«نېمە ئۈچۈن دۇئا قىلىشىم كېرەك؟» (تور بېكەتتىكى ماقالە)
مۇقەددەس كىتاب، نېمە ئۈچۈن دۇئا قىلىشىمىز ھەققىدە نېمىلەرنى ئۆگىتىدىغانلىقىنى مۇھاكىمە قىلىڭ.
«ئەۋلىيا-ئەنبىيالارغا دۇئا قىلىشىم كېرەكمۇ؟» (تور بېكەتتىكى ماقالە)
بۇ مۇزىكىلىق فىلىمدىن، قاچان ۋە قەيەردە دۇئا قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە بىلىۋېلىڭ.