12-دەرس
مۇقەددەس كىتابنى داۋاملىق تەتقىق قىلىشىڭىزغا نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلسىڭىز، چوقۇم مېۋىسىنى كۆرىسىز. بەلكىم، دەسلەپتە بۇ ئاسان بولماسلىقى مۇمكىن. بىراق، سىز ۋاز كەچمەي، داۋاملىق تەتقىق قىلسىڭىز، پايدىسىنى كۆرىسىز. نېمە ئۈچۈن تەتقىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئەرزىيدۇ؟ قىيىنچىلىقلارغا قارىماي، تەتقىق ئۆگىنىشىنى داۋاملاشتۇرۇشقا نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
1. مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىش نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟
««خۇدانىڭ سۆزى تىرىك ۋە كۈچلۈكتۇر» (ئىبرانىيلار 4:12). مۇقەددەس كىتاب ناھايىتى قەدىر-قىممەتلىكتۇر. سەۋەبى، ئۇنىڭدا خۇدانىڭ سىزگە بولغان كۆزقارىشى ۋە ھېس-تۇيغۇلىرى ئىپادىلەنگەن. ئۇ سىزنىڭ بىلىم ئېلىشىڭىزغا ياردەم بېرىپلا قالماي، ھەقىقىي دانالىق ۋە ئۈمىدكە ئېرىشىشىڭىزگىمۇ ياردەم بېرىدۇ. ئەڭ مۇھىمى، مۇقەددەس كىتاب سىزگە ياراتقۇچى يەھۋانىڭ دوستى بولۇشقا ياردەم بېرىدۇ. سىز مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلغاندا، ئۇنىڭ كۈچىنىڭ ھاياتىڭىزغا ئىجابىي تەسىر قىلىشىغا يول بېرىسىز.
2. مۇقەددەس كىتابتىكى ھەقىقەتنىڭ قەدىر-قىممىتىنى تونۇپ يېتىش نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟
مۇقەددەس كىتابتىكى ھەقىقەتلەر خۇددى بىباھا غەزنىگە ئوخشاش. شۇ سەۋەب، مۇقەددەس كىتاب بىزنى مۇنداق دەۋەت قىلىدۇ: «ھەقىقەتنى سېتىۋال، ئۇنى ھەرگىز ساتما» (پەندى-نەسىھەت 23:23). مۇقەددەس كىتابتىكى ھەقىقەتنىڭ قەدىر-قىممىتىنى مەھكەم ئەستە ساقلىساق، مەيلى قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەيلى، بىز تەتقىق ئۆگىنىشىنى داۋاملاشتۇرۇشقا قەتئىي تىرىشىمىز.— (پەندى-نەسىھەت 2:4، 5-نى ئوقۇڭ.
3. تەتقىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشىڭىزغا، خۇدا قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
ھەممىگە قادىر ياراتقۇچىڭىز ۋە دوستىڭىز يەھۋا ئۆزى ھەققىدە بىلىم ئېلىشىڭىزغا ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. ئۇ ئارزۇ-ئىستىكىڭىزنى كۈچەيتىدۇ ۋە ھەرىكەت قىلىشقا كۈچ بېرەلەيدۇ (فىلىپىلىكلەر 2:13-نى ئوقۇڭ). دېمەك، ئەگەر تەتقىق قىلىش ۋە ئۆگەنگەنلىرىڭىزنى ھاياتىڭىزدا قوللىنىشقا دەۋەت قىلىدىغان ئارزۇ-ئىستەككە مۇھتاج بولسىڭىز، ئۇ سىزگە شۇنى بېرەلەيدۇ. ئەگەر توسالغۇلار ياكى قارشىلىقلارنى يېڭىش ئۈچۈن كۈچكە مۇھتاج بولسىڭىز، ئۇ كېرەكلىك كۈچنى بېرەلەيدۇ. شۇڭا، مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشىڭىزنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، ھەمىشە دۇئا قىلىپ، يەھۋادىن ياردەم سوراڭ.—1-سالونىكالىقلار 5:17.
چوڭقۇرراق قېزىڭ
ئالدىراش بولۇشىڭىزغا ياكى باشقىلارنىڭ قارشىلىقلىرىغا قارىماي، مۇقەددەس كىتاب تەتقىق ئۆگىنىشىنى قانداق داۋاملاشتۇرالايدىغانلىقىڭىزنى ئۆگىنىڭ. كېيىن تەتقىق ئۆگىنىشىنى تاشلىماسلىقىڭىزغا، يەھۋانىڭ قانداق ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىڭ.
4. مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشىڭىزنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇڭ
بەزىدە تۇرمۇشىمىز بەك ئالدىراش بولۇپ كەتكەچ، مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىشقا ۋاقتىمىز يوقتەك ھېس قىلىمىز. ۋاقىت تېپىشقا نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟ فىلىپىلىكلەر 1:10-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
-
ھاياتىڭىزدىكى بەزى مۇھىم ئىشلار قايسى؟
-
مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشىڭىزنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟
-
(1) ئەگەر بىر كىچىك چېلەككە قۇمنى قويۇپ، كېيىن تاشنى قويسىڭىز، تاش ئۇنىڭغا سىغمايدۇ
-
(2) ئەگەر بىرىنچى بولۇپ تاشنى قويسىڭىز، كېيىن قۇمنىڭ ھەممىسىنى دېگىدەك قويۇشقا ئورۇن بولىدۇ. خۇددى شۇنىڭدەك، ئەگەر ھاياتىڭىزدا مۇھىم ئىشلارنى بىرىنچى ئورۇنغا قويسىڭىز، شۇلارنى پۈتتۈرەلەيسىز ۋە باشقا ئىشلارنىمۇ قىلىشقا ۋاقتىڭىز بولىدۇ
مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، خۇدانى تونۇش ۋە ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشتەك روھىي ئېھتىياجلىرىمىزنى قاندۇرالايمىز. مەتتا 5:3-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىشنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويساق، بىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بار؟
5. قارشىلىقلارغا دۇچ كەلگەندە، بەل قۇيۇۋەتمەڭ
بەزىدە باشقىلار سىزنىڭ مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىش قىزغىنلىقىڭىزغا سۇ چېچىشى مۇمكىن. فرانسىسكونىڭ مىسالىنى كۆرۈپ بېقىڭ. فىلىمنى كۆرۈڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللار ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.
-
بۇ فىلىمدا، فرانسىسكو دوستلىرىغا ۋە ئائىلىسىدىكىلەرگە ئۆزىنىڭ ئۆگەنگەنلىرىنى ئېيتىپ بەرگەندە، ئۇلار قانداق ئىنكاس قايتۇرغان؟
-
ئۇ بەل قويۇۋەتمەي قانداق مۇكاپاتقا ئېرىشكەن؟
2-تىموتىي 2:24، 25-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
-
ئائىلىڭىزدىكىلەر ۋە دوستلىرىڭىز مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىشىڭىزگە قانداق قارايدۇ؟
-
مۇشۇ ئايەتلەرگە ئاساسەن، ئەگەر بىرى مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىۋاتقىنىڭىزدىن خۇشال بولمىسا، قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشىڭىز كېرەك؟ نېمە ئۈچۈن؟
6. يەھۋانىڭ ياردىمىگە تايىنىڭ
ياراتقۇچى يەھۋا خۇداغا يېقىنلاشقانسېرى، ئۇنى خۇرسەن قىلىش ئارزۇ-ئىستىكىمىز كۈچىيىدۇ. ئەمما، ئۇنىڭ ئۆلچەملىرىگە مۇۋاپىق ياشاش ئۈچۈن زۆرۈر ئۆزگەرتىشلەرنى قىلىش، بىز ئۈچۈن يەنىلا قىيىنغا توختىشى مۇمكىن. ئەگەر سىز شۇنداق ھېس قىلسىڭىز، ھەرگىزمۇ بەل قۇيۇۋەتمەڭ. يەھۋا سىزگە ياردەم بېرىدۇ. فىلىمنى كۆرۈڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللار ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.
-
بۇ فىلىمدا، جىم يەھۋانى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن قانداق ئۆزگۈرۈشلەرنى قىلغان؟
-
ئۇنىڭ مىسالى ھەققىدە نېمە سىزگە بەكرەك تەسىر قىلدى؟
ئىبرانىيلار 11:6-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
-
يەھۋا ئۆزىنى سەمىمىي ئىزدىگەنلەر، يەنى ئۇنى تونۇشقا ۋە خۇرسەن قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلار ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىدۇ؟
-
يەھۋا مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىش ئۈچۈن چىقارغان تىرىشچانلىقىڭىزنى كۆرگەندە، ئۇنىڭ قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولىدىغانلىقى ھەققىدە، بۇ ئايەت نېمە ئېيتىپ بېرىدۇ؟
بەلكىم، بەزىلەر مۇنداق سورايدۇ: «سىز نېمە ئۈچۈن مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىسىز؟»
-
سىز قانداق جاۋاب بېرىسىز؟
خۇلاسە
گەرچە مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىش دائىم ئاسانغا توختىمىسىمۇ، ئەمما تەتقىق ئۆگىنىشى مەڭگۈ شاد-خۇرام ياشىشىڭىزغا ياردەم بېرەلەيدۇ. داۋاملىق ياراتقۇچى يەھۋاغا تايىنىڭ، ئۇ سىزنى مۇكاپاتلايدۇ.
تەكرارلاش
-
نېمە ئۈچۈن مۇقەددەس كىتاب ھەقىقەتلىرى، سىز ئۈچۈن قەدىر-قىممەتلىك؟
-
نېمىنىڭ مۇھىم ئىشلار ئىكەنلىكىگە كۆز يەتكۈزگەندىن كېيىن، نېمە ئىش قىلىشىڭىز كېرەك؟
-
نېمە ئۈچۈن مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا يەھۋادىن ياردەم سورىشىڭىز كېرەك؟
ئىزدىنىپ كۆرۈڭ
ۋاقىتتىن توغرا پايدىلىنىشنىڭ تۆت ئۇسۇلى ھەققىدە بىلىۋېلىڭ.
«ۋاقىتتىن قانداق ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش» («ئويغىنىش!»، 2014-يىل، فېۋرال)
يولدىشى ئۆزىنىڭ خۇدانى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن چىقارغان تىرىشچانلىقىنى چۈشەنمىگەن ئايالغا، يەھۋانىڭ قانداق ياردەم بەرگەنلىكىنى كۆرۈپ بېقىڭ.
ئايالى بەل قويۇۋەتمىگەچ، يولدىشى قانداق بەرىكەت تاپقانلىقىنى كۆرۈپ بېقىڭ.
بەزىدە ئادەملەر يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئائىلىلەرنى بۇزىدۇ، دەپ شىكايەت قىلىشىدۇ، بىراق بۇ راستمۇ؟
«يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئائىلىلەرنى بۇزامدۇ ياكى مۇستەھكەملەيدۇ؟» (تور بېكەتتىكى ماقالە)