مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

13-‏دە‌رس

ساختا دىنلار ئىنسانلارنى خۇ‌دا ھە‌ققىدە خاتا چۈشە‌نچىگە كە‌لتۈرىدۇ

ساختا دىنلار ئىنسانلارنى خۇ‌دا ھە‌ققىدە خاتا چۈشە‌نچىگە كە‌لتۈرىدۇ

خۇ‌دا مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تتۇ‌ر.‏ ئە‌مما،‏ نېمە ئۈچۈن نۇ‌رغۇ‌ن دىنلار خۇ‌دانىڭ ئىسىمىنى تىلغا ئېلىپ تۇ‌رۇ‌پ،‏ شۇ‌نچە كۆپ رە‌زىل ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ؟‏ ئاددىي ئېيتقاندا،‏ ئاشۇ دىنلار ساختا ۋە خۇ‌دا ھە‌ققىدە توغرا تە‌لىملە‌رنى ئۆگە‌تمە‌يدۇ.‏ ئۇ‌لارنىڭ ئۆگە‌تكە‌نلىرى كىشىلە‌رنى قانداق خاتا چۈشە‌نچىگە كە‌لتۈرىدۇ؟‏ خۇ‌دا ئۇ‌لارنىڭ ئىشلىرىغا قارىتا قانداق كۆزقاراشتا ۋە ئۇ‌لارنى نېمە قىلىدۇ؟‏

1.‏ ساختا دىنلار ئۆز تە‌لىملىرى بىلە‌ن خۇ‌دا ھە‌ققىدە قانداق خاتا چۈشە‌نچىلە‌رنى بېرىدۇ؟‏

ساختا دىنلار خۇ‌دانىڭ ھە‌قىقىتىنى يالغانغا تېگىشىپ كە‌لگە‌ن (‏رىملىقلار 1:‏25‏)‏.‏ مە‌سىلە‌ن،‏ كۆپىنچە دىنلار خۇ‌دانىڭ ئىسىمىنى ئۆگە‌تمە‌يدۇ.‏ بىراق،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب خۇ‌دانىڭ ئىسىمىنى ئۆگىتىدۇ ۋە ئۇ‌نى ئىشلىتىشىمىز كېرە‌كلىكىنى ئېيتىدۇ (‏رىملىقلار 10:‏13،‏ 14‏)‏.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ يە‌نە بە‌زى دىنىي ئۇ‌ستازلار بىر پاجىئە‌لىك ئىش يۈز بە‌رگە‌ندە،‏ ئۇ خۇ‌دانىڭ ئىرادىسى دە‌پ چۈشە‌ندۈرىدۇ.‏ بىراق،‏ بۇ قىپقىزىل يالغانچىلىق.‏ خۇ‌دا يامانلىققا سە‌ۋە‌بچى ئە‌مە‌س (‏ياقۇ‌پ 1:‏13-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ بە‌كمۇ ئە‌پسۇ‌س،‏ دىنىي يالغانچىلىقلار ئىنسانلارنى خۇ‌دادىن يىراقلاشتۇ‌رۇ‌ۋاتىدۇ.‏

2.‏ ساختا دىنلار ئۆز ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرى بىلە‌ن خۇ‌دا ھە‌ققىدە قانداق خاتا چۈشە‌نچىلە‌رنى بېرىدۇ؟‏

ساختا دىنىي ئۇ‌ستازلار كىشىلە‌رگە يە‌ھۋا خالىغاندە‌ك مۇ‌ئامىلە قىلمايدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ساختا دىننىڭ ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرى ھە‌ققىدە ‏«ئۇ‌نىڭ گۇ‌ناھلىرى ئاسمانغا يە‌تتى»،‏—‏ دە‌يدۇ (‏ۋە‌ھىيلە‌ر 18:‏5‏)‏.‏ نە‌چچە يۈز يىللاردىن بۇ‌يان،‏ ساختا دىنلار سىياسە‌تكە ئارىلىشىپ،‏ ئۇ‌رۇ‌شلارنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌پ،‏ سان-‏ساناقسىز ئىنسانلارنىڭ ئۆلۈمىگە سە‌ۋە‌بچى بولۇ‌پ كېلىۋاتىدۇ.‏ بۈگۈنكى كۈندە بە‌زى دىنىي ئۇ‌ستازلار ھە‌شە‌مە‌تلىك تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرىدۇ.‏ شۇ‌نداق ياشاش ئۈچۈن،‏ ئۇ‌لار ئۆز ئە‌گە‌شكۈچىلىرىدىن پۇ‌ل بېرىشنى تە‌لە‌پ قىلىدۇ.‏ ئۇ‌لارنىڭ ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىدىن ئېنىق كۆرۈۋالالايمىزكى،‏ ئۇ‌لار خۇ‌دانى تونۇ‌مايدۇ.‏ شۇ‌ڭا،‏ ئۇ‌لارنىڭ خۇ‌داغا ۋە‌كىللىك قىلىپ،‏ كىشىلە‌رگە خۇ‌دا ھە‌ققىدە تە‌لىم بېرىش ھوقۇ‌قى يوق.‏—‏1-‏يۇ‌ھاننا 4:‏8-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

3.‏ خۇ‌دا ساختا دىنلارغا قارىتا قانداق كۆزقاراشتا؟‏

ساختا دىنلارنىڭ ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرى سىزنى غە‌زە‌پلە‌ندۈرسە،‏ ئۇ‌نداقتا ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولار؟‏ ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنى سۆيىدۇ،‏ ئە‌مما دىنىي ئۇ‌ستازلارغا غە‌زە‌پلىنىدۇ.‏ چۈنكى،‏ ئۇ‌لار خۇ‌دا توغرىسىدا خاتا چۈشە‌نچە بېرىدۇ ۋە ئىنسانلارغا ياخشى مۇ‌ئامىلە قىلمايدۇ.‏ ئۇ ساختا دىننى يوق قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇ‌نى قايتا كۆرمە‌يدىغانلىقىمىزنى ۋە‌دە قىلىدۇ (‏ۋە‌ھىيلە‌ر 18:‏21‏)‏.‏ پات-‏ئارىدا خۇ‌دا بارلىق ساختا دىنلارنى يوق قىلىدۇ.‏—‏ۋە‌ھىيلە‌ر 18:‏8‏.‏

چوڭقۇ‌رراق قېزىڭ

خۇ‌دانىڭ ساختا دىنلارغا قارىتا قانداق كۆزقاراشتا ئىكە‌نلىكى ھە‌ققىدە كۆپرە‌ك بىلىۋېلىڭ.‏ كېيىن،‏ ساختا دىنلارنىڭ باشقا يە‌نە نېمىلە‌رنى قىلغانلىقىنى ۋە نېمە ئۈچۈن ئۇ‌لارنىڭ ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرى سە‌ۋە‌بلىك،‏ يە‌ھۋانى تونۇ‌شتىن ۋاز كە‌چمە‌سلىكىمىز كېرە‌كلىكىنى كۆرۈڭ.‏

4.‏ خۇ‌دا بارلىق دىنلارنى قوبۇ‌ل قىلمايدۇ

نۇ‌رغۇ‌ن ئادە‌ملە‌ر بارلىق دىنلار بىزنى تۈرلۈك يوللار بىلە‌ن خۇ‌داغا يېقىنلاشتۇ‌رىدۇ،‏—‏ دە‌پ ئىشىنىدۇ.‏ بىراق،‏ بۇ توغرىمۇ؟‏ مە‌تتا 7:‏13،‏ 14-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ھاياتلىققا ئېلىپ بارىدىغان يول قانداق تە‌سۋىرلە‌نگە‌ن؟‏

فىلىمنى كۆرۈڭ‏،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئال ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.‏

  • مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بارلىق دىنلار خۇ‌دانى خۇ‌رسە‌ن قىلىدۇ دە‌پ ئۆگىتە‌مدۇ؟‏

5.‏ ساختا دىنلار خۇ‌دانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىگە مۇ‌ناسىۋە‌تلىك قانۇ‌نلىرىغا زىت ئىشلارنى قىلىدۇ

ساختا دىنلار كىشىلە‌رگە نۇ‌رغۇ‌ن يوللار بىلە‌ن خۇ‌دا ھە‌ققىدە خاتا چۈشە‌نچىلە‌رنى بېرىدۇ.‏ ئە‌ڭ يامان بولغىنى،‏ ئۇ‌لار ئۇ‌رۇ‌شلارنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌يدۇ.‏ بىر مىسالنى كۆرۈش ئۈچۈن فىلىمنى كۆرۈڭ‏.‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئاللار ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.‏

  • ئىككىنچى دۇ‌نيا ئۇ‌رۇ‌شى مە‌زگىلىدە نۇ‌رغۇ‌ن چېركاۋلار نېمە ئىش قىلغان؟‏

  • ئۇ‌لارنىڭ قىلغانلىرى ھە‌ققىدە سىز نېمە ئويلايسىز؟‏

يۇ‌ھاننا 13:‏34،‏ 35 ۋە 17:‏16-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • دىنلار ئۇ‌رۇ‌شنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلىگە‌ندە،‏ يە‌ھۋا قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولىدۇ؟‏

  • ساختا دىنلار نۇ‌رغۇ‌نلىغان يامان ئىشلارغا جاۋابكار.‏ ساختا دىنلار خۇ‌دانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببىتىگە مۇ‌ناسىۋە‌تلىك قانۇ‌نلىرىغا زىت قانداق ئىشلارنى قىلغان؟‏ بىرقانچە مىساللارنى ئېيتىپ بېرە‌لە‌مسىز؟‏

ساختا دىنلار خۇ‌دانىڭ مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌تكە مۇ‌ناسىۋە‌تلىك قانۇ‌نلىرىغا زىت ئىشلارنى قىلىدۇ

6.‏ خۇ‌دا ئىنسانلارنىڭ ساختا دىندىن چىقىپ قۇ‌تۇ‌لۇ‌شىنى خالايدۇ

ۋە‌ھىيلە‌ر 18:‏4-‏نى ئوقۇ‌ڭ a‏،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • خۇ‌دا ئىنسانلارنى ساختا دىندىن قۇ‌تقۇ‌زۇ‌شنى خالايدىغانلىقىنى ئۆگە‌نگە‌ندىن كېيىن،‏ سىز قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌غا كە‌لدىڭىز؟‏

7.‏ ھە‌ق خۇ‌دا توغرۇ‌لۇ‌ق بىلىم ئېلىشنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌ڭ

سىز بە‌زى ساختا دىنلارنىڭ ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىنى كۆرگە‌ندە،‏ خۇ‌داغا قارىتا سە‌لبىي كۆزقاراشتا بولامسىز؟‏ تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ كۆرۈڭ:‏ بىر ئوغۇ‌ل ئاتىسىنىڭ سۆزىگە قۇ‌لاق سالماي،‏ ئۆيدىن چىقىپ كېتىپ،‏ نۇ‌رغۇ‌ن يامان ئىشلارنى قىلدى.‏ ئاتا ئوغلىنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى ھە‌رگىزمۇ قوللىمىغان.‏ ئۇ‌نداقتا،‏ بۇ ئىسيانكار ئوغۇ‌لنىڭ شۇ‌نداق ھايات كە‌چۈرگىنىگە قاراپ،‏ ئاتىسىنى ئە‌يىبلە‌ش ئادىللىق بولامدۇ؟‏

  • ساختا دىنلارنىڭ ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلە‌ر سە‌ۋە‌بلىك،‏ يە‌ھۋانى ئە‌يىبلە‌پ،‏ ئۇ ھە‌ققىدە بىلىم ئالماسلىق،‏ سىزنىڭچە ئە‌قىلگە مۇ‌ۋاپىقمۇ؟‏

بە‌زىلە‌ر مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن خۇ‌دا توغرۇ‌لۇ‌ق بىلىم ئېلىشنى خالىمايمە‌ن.‏ چۈنكى،‏ دىنلار نۇ‌رغۇ‌ن قىيىنچىلىقلارنى پە‌يدا قىلىۋاتىدۇ».‏

  • سىزمۇ شۇ‌نداق ئويلامسىز؟‏

  • نېمە ئۈچۈن بىز ساختا دىننىڭ تە‌سىرىدە،‏ خۇ‌داغا خاتا كۆزقاراشتا بولماسلىقىمىز كېرە‌ك؟‏

خۇ‌لاسە

ساختا دىنلار يالغان تە‌لىملىرى ۋە يىرگىنچلىك ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرى بىلە‌ن،‏ خۇ‌دا ھە‌ققىدە خاتا چۈشە‌نچىلە‌رنى بېرىدۇ.‏ خۇ‌دا چوقۇ‌م ساختا دىنلارنى يوق قىلىدۇ.‏

تە‌كرارلاش

  • ساختا دىنلارنىڭ تە‌لىملىرى ۋە ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرى ھە‌ققىدە،‏ سىز قانداق ھېس تۇ‌يغۇ‌دا بولىسىز؟‏

  • يە‌ھۋا ساختا دىنلارغا قارىتا قانداق كۆزقاراشتا؟‏

  • خۇ‌دا ساختا دىنلارنى نېمە قىلىدۇ؟‏

مە‌قسە‌ت

ئىزدىنىپ كۆرۈڭ

يە‌ھۋا نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىز بىلە‌ن بىرلىكتە ئۇ‌نىڭغا ئىبادە‌ت قىلىشىمىزنى خالايدۇ؟‏

‏«بىر كىشى خۇ‌داغا ئىبادە‌ت قىلىشنى خالىسا،‏ چوقۇ‌م بىر دىنغا تە‌ۋە بولۇ‌شى كېرە‌كمۇ؟‏»‏ (‏تور بېكە‌تتىكى ماقالە)‏

بىر روھانىينىڭ ئۆز دىنىدىن كۆڭلى قالغان.‏ بىراق،‏ ئۇ خۇ‌دا توغرۇ‌لۇ‌ق بىلىم ئېلىشتىن ۋاز كە‌چمىگە‌ن.‏

‏«نېمە ئۈچۈن بىر روھانىي چېركاۋدىن كە‌تتى؟‏»‏ (‏«ئويغىنىش!‏»،‏ 2015-‏يىل،‏ فېۋرال)‏

نە‌چچە يۈز يىللاردىن بېرى،‏ دىنلار خۇ‌دا يېقىنلاشقىلى بولمايدىغان،‏ تاش يۈرە‌ك،‏ دېگە‌ندە‌ك يالغانچىلىقلارنى ئېيتىپ كېلىۋاتىدۇ.‏ شۇ‌لاردىن ئۈچ يالغانچىلىقنى كۆرۈپ بېقىڭ.‏

‏«ئىنسانلارنى خۇ‌دادىن يىراقلاشتۇ‌رغان يالغانچىلىقلار»‏ (‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى»،‏ 2013-‏يىل،‏ 1-‏نويابىر)‏

a ۋە‌ھىيلە‌ر كىتابىدا،‏ نېمە ئۈچۈن ساختا دىننى «بۈيۈك بابىل»،‏ دە‌پ ئاتالغان ئايال بىلە‌ن تە‌سۋىرلە‌نگە‌نلىكىنى بىلىش ئۈچۈن قوشۇ‌مچە ئىزاھاتنىڭ بىرىنچىسىگە قاراڭ.‏