27-دەرس
ئەيسانىڭ ئۆلۈمى بىزنى قانداق قۇتقۇزالايدۇ؟
تۇنجى ئىنسان ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانا خۇداغا ئىسىيان كۆتەرگەنلىكتىن، بىزمۇ گۇناھكار بولۇپ، ئازاب-ئوقۇبەت چېكىمىز ۋە ئۆلۈمىز a. ئەمما، بىز ئۈمىدسىز ئەمەس، چۈنكى، خۇدا ئۆز ئوغلى ئەيسا مەسىھنى يەر يۈزىگە ئەۋەتىپ، بىزنى گۇناھتىن قۇتقۇزۇشنىڭ يولىنى ئاچقان. مۇقەددەس كىتابتا يېزىلغاندەك، ئەيسا ئۆز جېنىنى پىدا قىلىش ئارقىلىق تۆلەم بەرگەن. تۆلەم — بىر كىشىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تۆلىنىدىغان ھەق. ئەيسا ئۆزىنىڭ مۇكەممەل ئىنسان ھاياتىنى بېرىپ، شۇ ھەقنى تۆلىگەن (مەتتا 20:28-نى ئوقۇڭ). ئەيسا ئۆز ئىختىيارى بىلەن يەر يۈزىدە مەڭگۈ ياشاش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەندە، بىزنىڭ ئادەم-ئاتا بىلەن ھاۋا-ئانا يوقاتقان بارلىق نەرسىلەرگە قايتا ئېرىشىشىمىزگە يول ئاچقان. شۇ ئارقىلىق، ئەيسا ئۆزىنىڭ ۋە ئاتىسى يەھۋانىڭ بىزنى بەكمۇ ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. بۇ دەرس ئەيسانىڭ ئۆز جېنىنى بەرگەنلىكىگە بولغان مىننەتدارلىقىمىزنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ.
1. بۈگۈنكى كۈندە ئەيسانىڭ ئۆلۈمى بىزگە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
بىز گۇناھكار بولغاچ، يەھۋا ئۆچ كۆرىدىغان نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىمىز. بىراق، گۇناھلىرىمىزغا ھەقىقىي توۋا قىلساق، ئەيسا مەسىھنىڭ تۆلەم قۇربانلىقى ئاساسىدا يەھۋادىن كەچۈرۈم سورىساق ۋە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئوخشاش خاتالىقنى قايتا قىلماسلىققا تىرىشساق، شۇندىلا خۇدا بىلەن يېقىن دوست بولۇپ، خۇشاللىق تاپالايمىز (1-يۇھاننا 2:1). مۇقەددەس كىتاب شۇنداق دەيدۇ: «ئادىل ئىنسان مەسىھ ئادالەتسىز كىشىلەرنى گۇناھتىن ئازاد قىلىش ئۈچۈن بىرلا قېتىم ئۆزىنى پىدا قىلدى، سىلەرنى خۇداغا ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن شۇنداق يول تۇتتى».—1-پېترۇس 3:18.
2. كېلەچەكتە ئەيسانىڭ ئۆلۈمى بىزگە قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
ئەيسا مۇكەممەل ئىنسان ھاياتىنى پىدا قىلسۇن، دەپ يەھۋا ئۇنى يەر يۈزىگە ئەۋەتكەن. شۇڭا، ئەيساغا ئىشەنچ قىلغانلارنىڭ ھەممىسى ھالاك بولماي مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدۇ (يۇھاننا 3:16). ئەيسانىڭ تۆلەم قۇربانلىقىغا چەكسىز مىننەتدارمىز. يەھۋا پات-ئارىدا ئادەم-ئاتىنىڭ ئىتائەتسىزلىكى تۈپەيلى پەيدا بولغان بارلىق يامانلىقلارنى يوق قىلىدۇ. شۇڭا، بىز ئەيسانىڭ تۆلەم قۇربانلىقىغا ئىشەنسەك، كەلگۈسى يەر يۈزى جەننەتتە مەڭگۈ ياشاش پۇرسىتىگە ئېرىشىمىز.—يەشايا 65:21–23.
چوڭقۇرراق قېزىڭ
ئەيسا نېمە ئۈچۈن ئۆز ھاياتىنى پىدا قىلغان ۋە بۇنىڭ بىز ئۈچۈن قانداق ئەھمىيىتى بار؟ بۇلار ھەققىدە كۆپرەك بىلىۋېلىڭ.
3. ئەيسانىڭ ئۆلۈمى بىزنى گۇناھ ۋە ئۆلۈمدىن ئازات قىلىدۇ
فىلىمنى كۆرۈپ، تۆۋەندىكى سوئال ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.
-
ئادەم-ئانا خۇداغا ئىتائەتسىزلىك قىلغاندا، نېمىدىن مەھرۇم بولغان؟
رىملىقلار 5:12-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
ئادەم-ئاتىنىڭ گۇناھى سىزگە قانداق تەسىر قىلغان؟
يۇھاننا 3:16-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
يەھۋا نېمە ئۈچۈن ئۆز ئوغلىنى يەر يۈزىگە ئەۋەتكەن؟
-
(1) مۇكەممەل ئىنسان ئادەم-ئانا خۇداغا ئىتائەتسىزلىك قىلغان، شۇڭا ئىنسانلار گۇناھ ۋە ئۆلۈم يولىغا كىرىپ قالغان
-
(2) مۇكەممەل ئىنسان ئەيسا خۇداغا ئىتائەت قىلغان، شۇڭا ئىنسانلارنىڭ مۇكەممەللىككە ئېرىشىپ، مەڭگۈ ياشىشىغا يول ئېچىلغان
4. ئەيسانىڭ ئۆلۈمىنىڭ بارلىق ئىنسانلار ئۈچۈن ئەھمىيىتى زور
فىلىمنى كۆرۈڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئال ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.
-
بىر ئىنساننىڭ ئۆلۈمى قانداقلارچە پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ بەختكە ئېرىشىشىگە يول ئاچقان؟
1-تىموتىي 2:5، 6-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
مۇكەممەل ئىنسان ئادەم-ئاتا ئىنسانلارنى گۇناھ ۋە ئۆلۈمگە قۇل قىلىپ ساتقان. ئەيسامۇ مۇكەممەل ئىنسان بولغان. ئۇ قايسى ئۇسۇلدا تەڭ قىممەتلىك تۆلەمنى تۆلىگەن؟
5. تۆلەم يەھۋانىڭ سىزگە بەرگەن سوۋغىتى
يەھۋانىڭ دوستلىرى تۆلەمنى شەخسەن ئۆزىگە بېرىلگەن بىر سوۋغات سۈپىتىدە كۆرىدۇ. گالاتىيالىقلار 2:20-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
پاۋلۇسنىڭ قايسى سۆزلىرى تۆلەمنى ئۆزىگە شەخسەن بېرىلگەن سوۋغات سۈپىتىدە كۆرگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ؟
ئادەم-ئاتا گۇناھ قىلغاندا، ئۇ ۋە ئۇنىڭ بارلىق ئەۋلاتلىرى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان. بىراق، يەھۋا ئۆز ئوغلىنى تۆلەم قۇربانلىقى ئۈچۈن ئەۋەتكەن. شۇڭا، مەڭگۈ شاد-خۇرام ياشاش ئۈمىدىگە ئېرىشەلەيسىز.
تۆۋەندىكى ئايەتلەرنى ئوقۇغاندا، يەھۋانىڭ ئۆز ئوغلىنىڭ ئازاب-ئوقۇبەت چېكىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە، قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولغانلىقىنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ. يۇھاننا 19:1–7، 16–18-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
يەھۋا خۇدا ۋە ئەيسانىڭ سىز ئۈچۈن نېمە قىلغانلىقىنى بىلگەندە، سىز قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولدىڭىز؟
بەلكىم، بەزىلەر مۇنداق سورايدۇ: «قانداقمۇ بىر ئادەمنىڭ ئۆلۈمى بارلىق ئىنسانلارنى قۇتقۇزالايدۇ؟»
-
سىز قانداق جاۋاب بېرىسىز؟
خۇلاسە
ئەيسانىڭ تۆلەم قۇربانلىقى ئاساسىدا، يەھۋا گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرىدۇ. شۇ تۆلەم يەنە بىزگە مەڭگۈ شاد-خۇرام ياشاش ئۈمىدىنى بېرىدۇ.
تەكرارلاش
-
ئەيسا نېمە ئۈچۈن ئۆلگەن؟
-
قايسى ئۇسۇلدا ئەيسا مۇكەممەل ھاياتىنى قىممەتلىك تۆلەم سۈپىتىدە بەرگەن؟
-
ئەيسانىڭ ئۆلۈمىنىڭ سىز ئۈچۈن قانداق ئەھمىيىتى بار؟
ئىزدىنىپ كۆرۈڭ
نېمە ئۈچۈن ئەيسانىڭ پىدا قىلغان مۇكەممەل ئىنسان ھاياتىنى تۆلەم دەپ ئاتايدىغانلىقىمىزنى بىلىۋېلىڭ.
«نېمە ئۈچۈن ئەيسانىڭ قۇربانلىقى ئىنسانلار ئۈچۈن تۆلەم بولالىغان؟» (تور بېكەتتىكى ماقالە)
گۇناھ ۋە ئۆلۈمنىڭ قۇللۇقىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى بىلىۋېلىڭ.
«ئەيسا ئىنسانلارنى قانداق قۇتقۇزىدۇ؟» (تور بېكەتتىكى ماقالە)
ھەتتا ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزگەن كىشىلەر يەھۋانىڭ كەچۈرۈمىگە ئېرىشەلەمدۇ؟
«مۇقەددەس كىتاب — سوئال-جاۋابلار» («كۈزىتىش مۇنارى»، 2013-يىل، 1-ماي)
ئەيسانىڭ تۆلەم قۇربانلىقى ھەققىدە بىلىم ئېلىش بىر كىشىگە ئۆزىنى ئۆزگەرتىشكە قانداق ياردەم بەرگەنلىكىنى بىلىۋېلىڭ.
«ئەندى زوراۋانلىقنىڭ قۇلى ئەمەسمەن» (تور بېكەتتىكى ماقالە)
a گۇناھ پەقەت خاتا ئىش-ھەرىكەتلەرنى كۆرسىتىپ قالماستىن، بەلكى يەنە ئادەم-ئانا بىلەن ھاۋا-ئانىدىن مىراس ئالغان نامۇكەممەل ھالىتىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.