29-دەرس
ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن نېمە بولىدۇ؟
بۇ دۇنيادا يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە دوست-بۇرادەرلىرىدىن ئايرىلمىغان ھېچكىم يوق. شۇنداق پەيتلەردە، بەلكىم سىز: «بىز ئۆلگەندىن كېيىن نېمە بولىدۇ؟ ئۆلۈپ كەتكەن يېقىنلىرىمىزنى قايتا كۆرەلەيمىزمۇ؟»— دەپ ئويلايدىغانسىز. بۇ ۋە كېيىنكى دەرستە، مۇقەددەس كىتابنىڭ شۇ سوئاللارغا تەسەللى بېرىدىغان جاۋابلىرىنى كۆرۈپ چىقىمىز.
1. ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن نېمە بولىدۇ؟
ئەيسا ئۆلۈمنى قاتتىق ئۇيقۇ بىلەن سېلىشتۇرغان. نېمە ئۈچۈن ئۆلۈمنى ئۇيقۇغا سېلىشتۇرۇشقا بولىدۇ؟ قاتتىق ئۇخلىغان كىشى ئادەتتە ئەتراپىدا نېمە ئىش بولۇۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، ئادەم ئۆلگەندىن كېيىنمۇ ھېچقانداق ئازاب-ئوقۇبەتنى ھېس قىلمايدۇ. چۈنكى، مۇقەددەس كىتاب مۇنداق دەيدۇ: «ئۆلۈپ كەتكەنلەر ھېچنېمىنى بىلمەيدۇ».—ۋەز 9:5-نى ئوقۇڭ.
2. ئۆلۈم توغرۇلۇق ھەقىقەتنى بىلىش بىزگە قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
نۇرغۇن ئادەملەر ئۆلۈمدىن، ھەتتا ئۆلۈكلەردىن قورقۇشىدۇ. بىراق، مۇقەددەس كىتابتىكى ئۆلۈكلەر توغرۇلۇق ھەقىقەت كۆڭلىمىزگە تەسەللى بېرىدۇ. ئەيسا: «ھەقىقەت سىزلەرنى ئازاد قىلىدۇ»،— دېگەن (يۇھاننا 8:32). نۇرغۇن دىنلار ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ روھى داۋاملىق ياشايدۇ دەپ ئۆگىتىدۇ. بىراق، بۇ مۇقەددەس كىتاب ھەقىقىتىگە زىتتۇر. ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن ئازاب-ئوقۇبەت چەكمەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۆلۈكلەر بىزگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. سەۋەبى، ئۇلار ھېچنېمىنى بىلمەيدۇ. شۇڭا، ئەرۋاھلارغا ئىبادەت قىلىشىمىز ياكى دۇئا قىلىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق.
بەزىلەر ئەرۋاھلار بىلەن ئالاقە قىلالايمىز دەيدۇ. بىراق، بۇ مۇمكىن ئەمەس. بىز يۇقىرىدا كۆرگەندەك، ئۆلۈكلەر ھېچنېمىنى بىلمەيدۇ. ئەرۋاھلار بىلەن ئالاقە قىلىۋاتىمىز دەپ ئويلىغانلار، ئەمەلىيەتتە جىنلار بىلەن ئالاقە قىلىشىدۇ. جىنلار ئۆلگەن كىشىنىڭ قىياپىتىگە كىرىۋالىدۇ. شۇڭا، ئۆلۈم توغرۇلۇق ھەقىقەتنى بىلىش بىزنى جىنلاردىن قوغدايدۇ. يەھۋا جىنلارنىڭ بىزگە زىيانكەشلىك قىلالايدىغانلىقىنى بىلگەچ، بىزنى ئۇلار بىلەن ئالاقە قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇرىدۇ.—تەكرار قانۇن 18:10–12-نى ئوقۇڭ.
چوڭقۇرراق قېزىڭ
مۇقەددەس كىتابتا ئۆلۈم ھەققىدە يەنە نېمىلەرنى يېزىلغانلىقىنى بىلىۋېلىڭ. مېھىر-مۇھەببەتكە تولغان خۇدا ئۆلگەنلەرنى جازالىمايدىغانلىقىنى بىلىش ئىمان-ئېتىقادنى كۈچەيتىدۇ.
3. ئۆلۈم توغرىسىدىكى ھەقىقەت
ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن نېمە بولىدىغانلىقى ھەققىدە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ كۆزقاراشلىرى ھەر تۈرلۈك. ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان كۆزقاراشلىرىنىڭ ھەممىسى توغرا بولۇشى ناتايىن.
-
ئۆلگەن ئادەم قانداق ھالەتتە بولىدىغانلىقى ھەققىدە سىز ياشاۋاتقان رايوندىكى كىشىلەرنىڭ كۆز قارىشى قانداق؟
مۇقەددەس كىتابتا بۇ توغرۇلۇق نېمە يېزىلغان؟ فىلىمنى كۆرۈڭ.
ۋەز 3:20-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
-
ئوقۇلغان ئايەتلەرگە ئاساسەن، ئادەم ئۆلگەندە ئۇنىڭ بىلەن نېمە بولىدۇ؟
-
ئوقۇلغان ئايەتلەردە ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ جېنى ياكى روھى چىقىپ، باشقا بىر جايدا ياشايدۇ دەپ يېزىلغانمۇ؟
مۇقەددەس كىتابتا، ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ يېقىن دوستى لازارنىڭ ئۆلۈمى توغرۇلۇق يېزىلغان. ئەيسا دوستىنىڭ ئۆلۈمىنى قانداق تەسۋىرلىگەن؟ يۇھاننا 11:11–14-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
-
ئەيسا ئۆلۈمنى نېمە بىلەن سېلىشتۇرغان؟
-
ئەيسانىڭ بۇ سېلىشتۇرۇشى ئۆلۈكلەرنىڭ ھالىتى توغرۇلۇق بىزگە نېمە ئېيتىپ بېرىدۇ؟
-
سىزنىڭچە، مۇقەددەس كىتابتىكى ئۆلۈكلەرنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىكى تەسۋىرلەشلەر مەنتىقىگە ئۇيغۇنمۇ؟
4. ئۆلۈم توغرۇلۇق ھەقىقەت بىزنى ئەركىن قىلىدۇ
ئۆلۈم توغرۇلۇق ھەقىقەتلەرنى بىلسەك، بىز ئۆلۈكلەردىن قورقمايمىز. ۋەز 9:10-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
ئۆلۈكلەر بىزگە زىيان يەتكۈزەلەمدۇ؟
بەزىلەر ئەرۋاھلارنى چوقۇم ھۆرمەتلىشىمىز، ھەتتا ئۇلارغا چوقۇنۇشىمىز كېرەك دەيدۇ. مۇقەددەس كىتاب ھەقىقەتلىرى شۇنداق خاتا كۆزقاراشلاردىن بىزنى قوغدايدۇ. يەشايا 8:19 ۋە ۋەھىيلەر 4:11-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
سىزنىڭچە، كىشى ئۆلۈكلەرگە چوقۇنسا، ھەتتا ئۇلاردىن ياردەم سورىسا، يەھۋا قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولىدۇ؟
5. ئۆلۈكلەر توغرۇلۇق ھەقىقەتلەر بىزگە تەسەللى بېرىدۇ
ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن ئىلگىرى قىلغان يامانلىقلىرى ئۈچۈن جازالىنىپ، ئازاب-ئوقۇبەت چېكىدۇ دەيدىغان كۆزقاراشلار نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ كاللىسىغا سىڭدۈرۈۋېتىلگەن. بىراق، ئۆلگەندىن كېيىن، ھېچكىم، ھەتتا يامانلىق قىلغانلارنىڭمۇ ئازاب-ئوقۇبەت چەكمەيدىغانلىقىنى بىلىش، بىزگە تەسەللى بېرىدۇ. رىملىقلار 6:7-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
بىز مۇقەددەس كىتابتىن ئوقۇغىنىمىزدەك، بىر ئادەم ئۆلسە، ئۇ گۇناھتىن ئازات بولىدۇ. ئۇنداقتا، ئۆلگەنلەر ئىلگىرى ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى ئۈچۈن جازالىنامدۇ؟
يەھۋا ھەققىدە كۆپرەك بىلىم ئالغانسېرى، ئۇنىڭ ھەرگىزمۇ ئۆلگەنلەرنى جازالىمايدىغانلىقىغا سىزمۇ ئىشىنەلەيسىز. تەكرار قانۇن 32:4 ۋە 1-يۇھاننا 4:8-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
-
ئايەتلەردە تەسۋىرلەنگەندەك، شۇنداق ئېسىل پەزىلەتلىرى بار خۇدا، ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنى جازالىشى مۇمكىنمۇ؟
-
سىزنىڭچە، ئۆلۈكلەر توغرۇلۇق ھەقىقەتلەر بىزگە تەسەللى بېرەمدۇ؟ نېمە ئۈچۈن؟
بەزىلەر مۇنداق دەيدۇ: «مەن گۆر ئازابىدىن قورقىمەن».
-
شۇنداق ئويلايدىغان ئادەملەرگە، سىز مۇقەددەس كىتابتىكى قايسى ئايەتلەرنى كۆرسىتەلەيسىز؟
خۇلاسە
ئادەم ئۆلسە، ئۇنىڭ ھاياتى ئاخىرلىشىدۇ. ئۆلۈك ئازاب-ئوقۇبەت چەكمەيدۇ ۋە ھايات كىشىلەرگىمۇ زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ.
تەكرارلاش
-
ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن نېمە بولىدۇ؟
-
ئۆلۈم توغرۇلۇق ھەقىقەت بىزنى نېمىدىن ئەركىن قىلىدۇ؟
-
ئۆلۈم ھەققىدىكى ھەقىقەت بىزگە قانداق تەسەللى بېرىدۇ؟
ئىزدىنىپ كۆرۈڭ
مۇقەددەس كىتابتا، تىلغا ئېلىنغان «جان» دېگەن سۆز نېمىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىڭ.
خۇدا يامانلىق قىلغان كىشىلەرنى دوزاختا جازالامدۇ؟
بىز ئۆلگەندە يۈز بېرىدىغان ئىشلار توغرىسىدىكى ھەقىقەتنى بىلگەندە بىر كىشىنىڭ قانداق تەسەللىي تاپقانلىقىنى ئوقۇڭ
«مۇقەددەس كىتابنىڭ ئېنىق، مەنتىقىگە ئۇيغۇن جاۋابلىرى مېنى قايىل قىلدى» («كۈزىتىش مۇنارى»، 2015-يىل، 1-فېۋرال)