30-دەرس
ئۆلۈپ كەتكەن يېقىنلىرىڭىز بىلەن قايتا جەم بولىسىز!
ئۆلۈم ئىنسانلارنىڭ بېشىغا ئېغىر قايغۇ-ھەسرەتلەر ۋە دەرد-ئەلەملەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭا، مۇقەددەس كىتابتا ئۆلۈم دۈشمەن دەپ ئاتالغان (1-كورىنتلىقلار 15:26). يەھۋا بۇ دۈشمەننى يوق قىلىدىغانلىقىنى، سىز 27-دەرستە ئۆگىنىپ ئۆتكەن. بىراق، ئاللىقاچان ئۆلۈپ كەتكەن كىشىلەرگە نېمە بولىدۇ؟. بۇ دەرستە، يەھۋانىڭ يەنە باشقا ئاجايىپ ۋەدىسى ھەققىدە ئۆگىنىسىز. ئۇ مىلياردلىغان كىشىلەرنى مەڭگۈ شاد-خورام ياشاش ئۈچۈن قايتا ھاياتلىققا تىرىلدۈرىدۇ. ئاشۇ ئىش ھەقىقەتەن يۈز بېرەمدۇ؟ ئۇلار تىرىلسە، ئاسماندا ياشامدۇ ياكى يەر يۈزىدىمۇ؟
1. خۇدا يېقىنلىرىمىزنى قايتا تىرىلدۈرۈشنى خالامدۇ؟
ياراتقۇچى يەھۋا ئۆلگەنلەرنى تىرىلدۈرۈشنى ئىنتايىن خالايدۇ. ساداقەتمەن كىشى ئايۇپ پەيغەمبەر ئۆزى ئۆلسە، خۇدانىڭ ئۇنى ئۇنتۇمايدىغانلىقىغا ئىشىنىپ: «سەن چاقىرىسەن، مەن ساڭا [گۆردىن] جاۋاب بېرىمەن»،– دېگەن.—ئايۇپ 14:13–15-نى ئوقۇڭ.
2. ئۆلگەنلەرنىڭ قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىنى قەيەردىن بىلىمىز؟
ئەيسا يەر يۈزىدە بولغاندا، خۇدا ئۇنىڭغا ئادەملەرنى تىرىلدۈرۈش كۈچ-قۇدرىتىنى بەرگەن. مەسىلەن، ئۇ 12 ياشتىكى بىر قىزنى ۋە بىر تۇل ئايالنىڭ ئوغلىنى تىرىلدۈرگەن (ماركۇس 5:41، 42؛ لۇقا 7:12–15). كېيىنرەك، ئەيسانىڭ دوستى لازار ئۆلۈپ يەرلەنگىنىگە تۆت كۈن بولسىمۇ، ئەيسا ئۇنى تىرىلدۈرگەن ئىدى. ئۇ خۇداغا دۇئا قىلىپ، قەبرىگە قاراپ: «لازار، تاشقىرىغا چىق!»— دەپ چاقىرغان. كېيىن، لازار تىرىلىپ قەبرىدىن چىققان (يۇھاننا 11:43، 44). لازارنىڭ ئائىلىسى ۋە دوستلىرى قانچىلىك خۇشال بولغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرۈڭ!
3. ئۆلۈپ كەتكەن يېقىنلىرىڭىز ئۈچۈن قانداق ئۈمىد بار؟
مۇقەددەس كىتاب نۇرغۇنلىغان ئىنسانلارنىڭ تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىدۇ (ئەلچىلەر 24:15). ئەيسا ئۆتمۈشتە تىرىلدۈرگەن كىشىلەر ئاسمانغا چىقىپ كەتمىگەن (يۇھاننا 3:13). ئۇلار تىرىلدۈرۈلگەندىن كېيىن، يەر يۈزىدە خۇشال-خورام ياشىغانىدى. خۇددى شۇنىڭدەك، يېقىن كېلەچەكتە ئەيسا مىلياردلىغان ئىنسانلارنى يەر يۈزى جەننەتتە مەڭگۈ شاد-خۇرام ياشاشقا تىرىلدۈرىدۇ. ئەيسا قەبرىدىكى بارلىق ئىنسانلارنىڭ تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇلار كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن چىقىپ كەتكەن بولسىمۇ، بىراق خۇدا ئۇلارنى ئۇنتۇمايدۇ.—يۇھاننا 5:28، 29.
چوڭقۇرراق قېزىڭ
ئەيسانىڭ ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈش كۈچ-قۇدرىتىنىڭ بارلىقى ۋە كېلەچەكتە چوقۇم شۇنداق قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى مۇقەددەس كىتابتىكى دەلىل-ئىسپاتلارنى كۆرۈڭ. تىرىلدۈرۈلۈش سىزگە قانداق تەسەللى ۋە ئۈمىد بېرىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىڭ.
4. ئەيسا ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرەلەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان
ئەيسا دوستى لازارنى قانداق تىرىلدۈرگەنلىكى ھەققىدە كۆپرەك بىلىۋېلىڭ. يۇھاننا 11:14، 38–44-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
-
لازارنىڭ ھەقىقەتەن ئۆلگەنلىكىنى قانداق بىلىمىز؟—39-ئايەتنى كۆرۈڭ.
-
سىزنىڭچە، لازار ئاسماندىكى جەننەتكە چىقىپ كەتكەن بولسا، ئەيسا ئۇنى تىرىلدۈرۈپ، يەرگە قايتا ئېلىپ چۈشكەنمۇ؟
5. مىلياردلىغان ئىنسانلار تىرىلدۈرۈلىدۇ!
زەبۇر 37:29-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
مىلياردلىغان تىرىلدۈرۈلگەن ئىنسانلار قەيەردە ياشايدۇ؟
ئەيسا پەقەت خۇداغا ئىبادەت قىلغانلارنى ئەمەس، باشقا كىشىلەرنىمۇ تىرىلدۈرىدۇ. ئەلچىلەر 24:15-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
سىز كىمنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشىنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتۈۋاتىسىز؟
بىر ئاتا ئوغلىنى ئۇيقۇدىن ئاسانلا ئويغاتقاندەك، ئەيسامۇ ئۆلگەنلەرنى ئاسانلا تىرىلدۈرىدۇ
6. تىرىلدۈرۈش سىزگە تەسەللى ۋە ئۈمىد بېرەلەيدۇ
مۇقەددەس كىتابتىكى يائىرنىڭ قىزى ھەققىدىكى ئۈزۈندىلەر يېقىنلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان نۇرغۇن كىشىلەرگە تەسەللى ۋە ئىلھام بېرەلەيدۇ. لۇقا 8:40–42، 49–56-ئايەتلەردىكى ھەقىقىي يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئوقۇپ بېقىڭ.
يائىرنىڭ قىزىنى تىرىلدۈرۈشتىن ئاۋۋال، ئەيسا قىزنىڭ دادىسىغا مۇنداق دېگەن: «قورقمىغىن، پەقەت ئىشەنگىن!» (50-ئايەتنى كۆرۈڭ). تۆۋەندىكى ۋەزىيەتلەردە، تىرىلىش ئۈمىدى سىزگە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
-
يېقىن ئۇرۇق-تۇققان، دوست-بۇرادەرلىرىڭىزدىن ئايرىلغاندا
-
ھاياتىڭىز خەۋپ-خەتەر ئاستىدا بولغاندا
فىلىمنى كۆرۈڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئال ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.
-
تىرىلىش ئۈمىدى فېلىسىتىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا قانداق تەسەللى بەرگەن؟
بەزىلەر مۇنداق دەيدۇ: «مەن تىرىلىشكە ئىشەنمەيمەن».
-
سىز قانداق ئويلايسىز؟
-
تىرىلىشنىڭ ھەقىقەتەن بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن قانداق ئايەتلەرنى ئىشلىتىسىز؟
خۇلاسە
مۇقەددەس كىتاب مىلياردلىغان ئىنسانلارنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىدۇ. ياراتقۇچى يەھۋا ئۆلگەنلەرنى تىرىلدۈرۈشنى بەك خالايدۇ ۋە ئەيساغا شۇلارنى تىرىلدۈرۈش كۈچ-قۇدرىتىنى بەرگەن.
تەكرارلاش
-
يەھۋا خۇدا ۋە ئەيسا ئۆلگەنلەرنى تىرىلدۈرۈشنى خالايدۇ. بۇنى قەيەردىن بىلىمىز؟
-
مىلياردلىغان تىرىلگەن كىشىلەر ئاسماندا ياشامدۇ ياكى يەر يۈزىدىمۇ؟ بۇنى قەيەردىن بىلدىڭىز؟
-
ئۆلۈپ كەتكەن يېقىنلىرىڭىزنىڭ قايتا ياشىيالايدىغانلىقىغا سىزنى نېمە قايىل قىلدى؟ نېمە ئۈچۈن؟
ئىزدىنىپ كۆرۈڭ
قايغۇ-ھەسرەتلىرىڭىزنى يېڭىشنىڭ بەزى ئۇسۇللىرىنى بىلىۋېلىڭ.
«قايغۇ-ھەسرەتلىرىڭىزنى يېڭەلەيسىز» («ئويغىنىش!»، 2018-يىل، 3-سان)
مۇقەددەس كىتاب پرىنسىپلىرى قايغۇ-ھەسرەت چېكىۋاتقان كىشىگە ھەقىقەتەن ياردەم بېرەلەمدۇ؟
يېقىنىدىن ئايرىلىپ قەلبى يارىلانغان سەبىيلەرگە قانداق ياردەم بېرەلەيسىز؟
ئادەملەر ئاسماندا ياشاش ئۈچۈن تىرىلدۈرۈلەمدۇ؟ قانداق ئادەملەر تىرىلدۈرۈلمەيدۇ؟