32-دەرس
خۇدا پادىشاھلىقى ھازىر ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتىدۇ!
1914-يىلى، خۇدا پادىشاھلىقى ئاسماندا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىغان. شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، ئىنسانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرقى كۈنلىرىگە قەدەم باسقان. بۇنى نەدىن بىلىمىز؟ مۇقەددەس كىتابنىڭ ئاخىرقى كۈن ھەققىدە نېمە دېگەنلىكىنى كۆرەيلى. كېيىن 1914-يىلدىن باشلاپ، دۇنيا ۋەزىيىتى ۋە ئىنسانلارنىڭ مىجەز-خۇلقىدا قانداق ئۆزگىرىشلەر بولغانلىقىنى مۇھاكىمە قىلىمىز.
1. مۇقەددەس كىتابتا نېمىلەر بېشارەت قىلىنغان؟
مۇقەددەس كىتابنىڭ دانىيال كىتابىدا، يەتتە دەۋر دەپ ئاتالغان بىر مەزگىل ۋاقىت ئاخىرلاشقاندا، خۇدا پادىشاھلىقى ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى باشلايدىغانلىقى بېشارەت قىلىنغان (دانىيال 4:16، 17). نەچچە يۈز يىلدىن كېيىن، ئەيسا ئۇشبۇ ۋاقىتنى «مىللەتلەر ئۈچۈن بەلگىلەنگەن زامان» دەپ ئاتىغان ۋە شۇ ۋاقىتنىڭ تېخى ئاخىرلاشمىغانلىقىنى ئېيتقان (لۇقا 21:24). بۇ دەرستە، شۇ يەتتە دەۋرنىڭ 1914-يىلى ئاخىرلاشقانلىقىنى كۆرۈمىز.
2. 1914-يىلدىن باشلاپ، دۇنيا ۋەزىيىتى ۋە ئىنسانلارنىڭ مىجەز-خۇلقىدا قانداق ئۆزگىرىشلەر بولدى؟
ئەيسا مەسىھنىڭ شاگىرتلىرى ئۇنىڭدىن: «سېنىڭ ھازىر بولۇشۇڭنى ۋە زامان ئاخىرىنىڭ كېلىشىنى بىلدۈرىدىغان قانداق ئالامەتلەر بولىدۇ؟»— دەپ سورىغان (مەتتا 24:3). بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ ئەيسا ئاسماندا خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى سۈپىتىدە ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى باشلىغاندىن كېيىن يۈز بېرىدىغان نۇرغۇن ئىشلارنى ئېيتىپ بەرگەن. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە يەر تەۋرەشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (مەتتا 24:7-نى ئوقۇڭ). ئۇنىڭدىن باشقا، مۇقەددەس كىتابتا زاماننىڭ ئاخىرىدا ئادەملەرنىڭ مىجەز-خۇلقلىرى ئۆزگىرىپ، ھايات كەچۈرۈش ئادەتتىن تاشقىرى قىيىن بولىدىغانلىقى ئالدىن-ئالا ئېيتىلغانىدى (2-تىموتىي 3:1–5). 1914-يىلدىن باشلاپ، دۇنيانىڭ ۋەزىيىتى ۋە ئادەملەرنىڭ مىجەز-خۇلقلىرىدا ھەقىقەتەن كۆپ ئۆزگىرىشلەر بولۇشقا باشلىغان.
3. نېمە ئۈچۈن 1914-يىلدىن باشلاپ، دۇنيانىڭ ۋەزىيىتىدە شۇنچە زور ئۆزگىرىشلەر بولغان؟
ئەيسا مەسىھ خۇدا پادىشاھلىقىدا پادىشاھ بولۇپ، ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتمەي، ئاسماندا شەيتان ۋە ئۇنىڭ جىنلىرىغا قارشى جەڭگە ئاتلانغان. شەيتان بۇ جەڭدە مەغلۇپ بولغان. مۇقەددەس كىتاب، شەيتان ۋە ئۇنىڭ جىنلىرى يەر يۈزىگە تاشلاندى دەيدۇ (ۋەھىيلەر 12:9، 10، 12). شەيتان ئۆزىنىڭ ھالاك بولىدىغانلىقىنى بىلگەچ، قاتتىق غەزەپلەنگەن. شۇڭا، پۈتكۈل يەر يۈزىدە ئازاب-ئوقۇبەتلەر ۋە قايغۇ-ھەسرەتلەرنى پەيدا قىلىۋاتىدۇ. دېمەك، دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ بۇنداق ناچار بولۇپ كېتىشى ھەرگىزمۇ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. ئەمما، خۇدا پادىشاھلىقى ھەممە قىيىنچىلىقلارنى يوق قىلىدۇ.
چوڭقۇرراق قېزىڭ
خۇدا پادىشاھلىقى 1914-يىلى ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىغانلىقىنى قانداق بىلەلەيمىز؟ بۇنى بىلگەندە، نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟ مۇشۇ سوئاللار ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرەيلى.
4. مۇقەددەس كىتابتىكى بېشارەتلەر 1914-يىلنى كۆرسىتىدۇ
خۇدا قەدىمقى زاماندا بابىل پادىشاھى نېبۇقادنىسارغا بىر چۈشنى كۆرسىتىپ، كەلگۈسىدە نېمە ئىشلارنىڭ بولىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. ئەگەر بىز چۈشنىڭ مەزمۇنىغا ۋە دانىيالنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە قارىساق، بۇ چۈش نېبۇقادنىسارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى خۇدا پادىشاھلىقى بىلەنمۇ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى بىلىمىز.—دانىيال 4:17-نى ئوقۇڭ a.
دانىيال 4:20–26-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى رامكىدىن پايدىلىنىپ، تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
-
(1) نېبۇقادنىسار چۈشىدە نېمىنى كۆرگەن؟—20، 21-ئايەتلەرنى كۆرۈڭ.
-
(2) ئاشۇ چۈشتىكى چوڭ دەرەخكە نېمە بولۇشى كېرەك ئىدى؟—23-ئايەتنى كۆرۈڭ.
-
(3) «يەتتە دەۋر» ئاخىرلاشقاندىن كېيىن نېمە ئىش يۈز بېرىشى كېرەك ئىدى؟—26-ئايەتنى كۆرۈڭ.
چۈشتىكى دەرەخ بىلەن خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟
بېشارەت (دانىيال 4:20–36)
ھۆكۈمرانلىق
(1) غايەت زور دەرەخ
ھۆكۈمرانلىق توختاپ قالدى
(2) دەرەخ كېسىلىشى ۋە يەتتە دەۋر ئۆتۈپ كېتىشى كېرەك ئىدى
ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈش ئەسلىگە كەلدى
(3) پادىشاھلىقىڭ ئۆزۈڭگە قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ
بېشارەتلەرنىڭ بىرىنچى قېتىم ئەمەلگە ئېشىشى . . .
-
(4) شۇ دەرەخ كىمگە ۋەكىللىك قىلغان؟—22-ئايەتنى كۆرۈڭ.
-
(5) نېبۇقادنىسارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى قانداق توختاپ قالغان؟ —دانىيال 4:29–33-نى ئوقۇڭ.
-
(6) يەتتە دەۋر ئاخىرلاشقاندا، نېبۇقادنىسارغا نېمە بولغان؟ —دانىيال 4:34–36-نى ئوقۇڭ.
بىرىنچى قېتىم ئەمەلگە ئېشىشى
ھۆكۈمرانلىق
• (4) بابىلنىڭ پادىشاھى نېبۇقادنىسار
ھۆكۈمرانلىق توختاپ قالدى
• (5) مىلادىدىن ئىلگىرىكى 606-يىلدىن كېيىن، نېبۇقادنىسار ئەقىل-ھوشىنى يوقىتىپ، 7 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلالمىغان
ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈش ئەسلىگە كەلدى
• (6) نېبۇقادنىسار ئەقىل-ھوشىغا كېلىپ، قايتىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى باشلىغان
بېشارەتلەرنىڭ ئىككىنچى قېتىم ئەمەلگە ئېشىشى . . .
-
(7) دەرەخ كىمگە ۋەكىللىك قىلغان؟ —1-تارىخنامە 29:23-نى ئوقۇڭ.
-
(8) ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى قانداق توختاپ قالغان؟ ئەيسا يەر يۈزىدە بولغاندا، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلمىغانلىقىنى قانداق بىلىمىز؟ —لۇقا 21:24-نى ئوقۇڭ.
-
(9) بۇ ھۆكۈمرانلىق قاچان ۋە قەيەردە قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن؟
ئىككىنچى قېتىم ئەمەلگە ئېشىشى
ھۆكۈمرانلىق
(7) ئىسرائىل پادىشاھلىرى خۇداغا ۋەكىللىك قىلىپ، ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن
ھۆكۈمرانلىق توختاپ قالدى
(8) يېرۇسالىم ۋەيران قىلىنغاندىن كېيىنكى 2520 يىل جەريانىدا ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھلىرى خۇداغا ۋەكىللىك قىلىپ، ھۆكۈمرانلىق قىلمىغان
ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈش ئەسلىگە كەلدى
(9) ئەيسا مەسىھ ئاسماندا خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى سۈپىتىدە ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈشنى باشلايدۇ
يەتتە دەۋر قاچان باشلىنىپ، قاچان ئاخىرلىشىدۇ؟
مۇقەددەس كىتابتىكى بەزى ئايەتلەرنى چۈشىنىشكە باشقا ئايەتلەر ياردەم بېرىدۇ. مەسىلەن، مۇقەددەس كىتابنىڭ ۋەھىيلەر كىتابىدا ئۈچ يېرىم دەۋرنىڭ 1260 كۈنگە تەڭ ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان (ۋەھىيلەر 12:6، 14). يەتتە دەۋر ئۈچ يېرىم دەۋرنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، يەنى 2520 كۈن بولىدۇ. بەزىدە مۇقەددەس كىتابتا بىر كۈن بىر يىلنى ئىپادىلەيدۇ (ھەزەكىيال 4:6). دېمەك، دانىيال كىتابىدا تىلغا ئېلىنغان يەتتە دەۋر 2520 يىل بولىدۇ.
5. دۇنيا 1914-يىلدىن باشلاپ ئۆزگەردى
ئەيسا پادىشاھ بولغاندىن كېيىن، دۇنيا ۋەزىيىتى ئۆزگىرىدىغانلىقى بېشارەت قىلىنغان. لۇقا 21:9–11-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
بۇ ئايەتلەردە، تەسۋىرلەنگەن قايسى ئەھۋاللارنى ئۆز كۆزۈڭىز بىلەن كۆردىڭىز ياكى ئاڭلىدىڭىز؟
ئەلچى پاۋلۇس ئىنسانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە، ئۇلارنىڭ مىجەز-خۇلقلىرى قانداق ئۆزگىرىدىغانلىقىنى تەسۋىرلىگەن. 2-تىموتىي 3:1–5-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
كۈندىلىك تۇرمۇشىڭىزدا، بۇ ئايەتلەردە تەسۋىرلەنگەن قانداق ئادەملەرنى ئۇچراتتىڭىز؟
6. خۇدا پادىشاھلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىڭىزنى كۆرسىتىڭ
مەتتا 24:3، 14-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
-
قايسى مۇھىم خىزمەت خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ ھازىر ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ؟
-
بۇ خىزمەتكە ئۆز ھەسسىڭىزنى قوشۇش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟
خۇدا پادىشاھلىقى ھازىر ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتىدۇ. پات-ئارىدا پۈتكۈل يەر يۈزى ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. ئىبرانىيلار 10:24، 25-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
شۇ كۈننىڭ يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئىكەنمىز، بىز چوقۇم نېمە ئىش قىلىشىمىز كېرەك؟
ئەگەر ئۆگەنگەن بىلىملىرىڭىز باشقىلارغا ياردەم بېرەلىسە ياكى ھاياتىنى قۇتقۇزالىسا، سىز نېمە قىلىسىز؟
بەلكىم، بەزىلەر مۇنداق سورايدۇ: «نېمە ئۈچۈن يەھۋا گۇۋاھچىلىرى 1914-يىلنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆپ تەكىتلەيدۇ؟»
-
سىز قانداق جاۋاب بېرىسىز؟
خۇلاسە
مۇقەددەس كىتابتىكى بېشارەتلەر، تارىخ ۋە دۇنيا ۋەزىيىتى، ھازىر خۇدا پادىشاھلىقى ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. بۇلار ھەققىدە ۋەز قىلىش ۋە جامائەت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىش ئارقىلىق، بۇنىڭغا ئىشىنىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز.
تەكرارلاش
-
دانىيال كىتابىدا تىلغا ئېلىنغان يەتتە دەۋرنىڭ ئاخىرىدا نېمە ئىش يۈز بېرىدۇ؟
-
خۇدا پادىشاھلىقى 1914-يىلى ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىغانلىقىغا سىزنى نېمە ئىشەندۈرىدۇ؟
-
خۇدا پادىشاھلىقى ھازىر ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىڭىزنى كۆرسىتىش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟
ئىزدىنىپ كۆرۈڭ
1914-يىلىدىن بۇيان، دۇنيادىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە تارىخشۇناسلار ۋە باشقىلارنىڭ نېمىلەرنى يازغانلىقىنى بىلىۋېلىڭ.
«ئادەملەرنىڭ ئەدەپ-ئەخلاقى بۇزۇلۇپ كەتتى» («ئويغىنىش!»، 2007-يىل، ئاپرېل)
مەتتا 24:14-ئايەتتىكى بېشارەتنىڭ بىر كىشىگە قانداق تەسىر قىلغانلىقىنى ئوقۇپ بېقىڭ.
«ھاياتىمنى كالتەك توپقا بېغىشلىغان ئىدىم» («كۈزىتىش مۇنارى»، 2017-يىل، 3-سان)
دانىيال كىتابى، 4-بابتىكى بېشارەتنىڭ خۇدا پادىشاھلىقى بىلەن باغلىنىشى بارلىقىنى بىلىۋېلىڭ.
«خۇدا پادىشاھلىقى ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى قاچان باشلىغان؟ 1-قىسىم» («كۈزىتىش مۇنارى»، 2014-يىل، 1-ئۆكتەبىر)
دانىيال كىتابى، 4-بابتا تىلغا ئېلىنغان يەتتە دەۋرنىڭ 1914-يىلى ئاخىرلاشقانلىقىنى قانداق بىلىمىز؟
«خۇدا پادىشاھلىقى ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى قاچان باشلىغان؟ 2-قىسىم» («كۈزىتىش مۇنارى»، 2014-يىل، 1-نويابىر)
a بۇ دەرسنىڭ «ئىزدىنىپ كۆرۈڭ» دېگەن بۆلۈكىدىكى ئاخىرقى ئىككى ماقالىنى ئوقۇپ كۆرۈڭ.