33-دەرس
خۇدا پادىشاھلىقى نېمە قىلىدۇ؟
خۇدا پادىشاھلىقى ئاللىقاچان ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتىدۇ. پات ئارىدا ئۇ يەر يۈزىدە چوڭ ئۆزگىرىشلەرنى قىلىدۇ. خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا كەلگۈسىدە قانداق ئىشلار ئەمەلگە ئاشىدۇ؟ ئۇلارنىڭ بىرقانچىسىنى كۆرۈپ باقايلى.
1. خۇدا پادىشاھلىقى يەر يۈزىدە تىنچلىق ۋە ئادالەتنى قانداق ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ؟
خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى ئەيسا، ئارماگېدون ئۇرۇشىدا بارلىق رەزىل كىشىلەرنى ۋە ھۆكۈمەتلەرنى يوق قىلىدۇ (ۋەھىيلەر 16:14، 16). ئۇ ۋاقىتتا، مۇقەددەس كىتابتىكى مۇنۇ بېشارەت پۈتۈنلەي ئەمەلگە ئاشىدۇ: «مانا ئازغىنە ۋاقىتتىن كېيىن رەزىللەر يوق بولار» (زەبۇر 37:10). خۇدا پادىشاھلىقى ئارقىلىق، ئەيسا يەر يۈزىدە تىنچلىق ۋە ئادالەتنى ئورنىتىدۇ.—يەشايا 11:4-نى ئوقۇڭ.
2. خۇدانىڭ ئىرادىسى يەر يۈزىدە ئەمەلگە ئاشقاندا، ئىنسانلار قانداق ياشايدۇ؟
خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا «ئادىللار يەر يۈزىگە ۋارىس بولار، مەڭگۈ ئۇنىڭدا ياشار» (زەبۇر 37:29). ياراتقۇچى يەھۋانى ۋە بىر-بىرىنى ياخشى كۆرىدىغان ھەققانىي ئادەملەر بىلەن تولغان دۇنيادا ياشاشنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ! ھېچكىم كېسەل بولمايدۇ، ھەممە كىشى مەڭگۈ ياشايدۇ.
3. رەزىللەر يوقىتىلغاندىن كېيىن، خۇدا پادىشاھلىقى نېمە قىلىدۇ؟
رەزىل كىشىلەر يوقىتىلغاندىن كېيىن، ئەيسا 1000 يىل پادىشاھلىق قىلىدۇ. شۇ مەزگىلدە، ئەيسا ۋە ئۇنىڭ بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان 000 144 كىشى يەر يۈزىدىكى ئىنسانلارنىڭ مۇكەممەل بولۇپ، گۇناھىدىن پۈتۈنلەي ئازات بولۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. 1000 يىل ئاخىرلاشقاندا، يەر يۈزى گۈزەل جەننەتكە ئايلىنىدۇ. خۇدانىڭ قانۇنىغا بويسۇنغان كىشىلەر شاد-خۇرام تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. كېيىن، ئەيسا پادىشاھلىقنى ئۆز ئاتىسى يەھۋا خۇداغا قايتۇرۇپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، خۇدانىڭ ئىسىمى ھەرقانداق ۋاقىتقا قارىغاندا تېخىمۇ مۇقەددەس بولىدۇ (مەتتا 6:9، 10). ئۇنىڭدىن باشقا، يەھۋانىڭ ئۆز خەلقىگە غەمخورلۇق قىلىدىغان ياخشى بىر ھۆكۈمران ئىكەنلىكى ئىسپاتلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن، يەھۋا ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى چىققان شەيتان، ئۇنىڭ جىنلىرى ۋە باشقا بارلىق ئىسيانچىلارنى يوق قىلىدۇ (ۋەھىيلەر 20:7–10). خۇدا پادىشاھلىقى بەرپا قىلغان مۇكەممەل شارائىتلار مەڭگۈ داۋام قىلىدۇ.
چوڭقۇرراق قېزىڭ
خۇدا نېمە ئۈچۈن ئۆز پادىشاھلىقىنى ئىشلىتىپ، بارلىق ۋەدىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنەلەيدىغانلىقىمىزنى مۇھاكىمە قىلىپ باقايلى.
4. خۇدا پادىشاھلىقى ئىنسانلارنىڭ ھۆكۈمەتلىرىنى يوق قىلىدۇ
ئىنساننىڭ ئۈستىگە ئىنسان ھۆكۈمرانلىق قىلغىنىدا، ئۇلارغا پەقەت زىيان يەتكۈزىدىكەن (ۋەز 8:9). خۇدا ئۆز پادىشاھلىقى ئارقىلىق بۇ ئادالەتسىزلىكنى پۈتۈنلەي يوق قىلىدۇ.
دانىيال 2:44 ۋە 2-سالونىكالىقلار 1:6–8-نى ئوقۇڭ،كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
-
خۇدا ۋە ئەيسا ئىنسانلار قۇرغان ھۆكۈمەتلەر ۋە ئۇلارنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغانلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدۇ؟
-
يەھۋا خۇدا ۋە ئەيسا ھەققىدە ئالغان بىلىملىرىڭىز، سىزنى ئۇلارنىڭ ئادىل ۋە ھەققانىي ئىش قىلىۋاتقانلىقىغا ئىشەندۈرەمدۇ؟
5. ئەيسا پادىشاھ بولۇشقا ئەڭ لايىق
خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى ئەيسا، بۇ پادىشاھلىقنىڭ يەر يۈزىدىكى پۇقرالىرىغا بەرىكەتلەرنى تۆكىدۇ. ئەيسانىڭ ئادەملەرگە ياردەم بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى ۋە خۇدا ئۇنىڭغا شۇنداق قىلىش ئۈچۈن كۈچ-قۇدرەت بەرگەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن فىلىمنى كۆرۈڭ.
ئەيسا يەر يۈزىدە بولغاندا، خۇدا پادىشاھلىقى كەلگۈسىدە نېمە ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئالدىن كۆرسەتكەن. بۇ يەردە كۆرسىتىلگەن بەرىكەتلەردىن قايسىسىنى كۆرۈشكە تەشنا بولۇۋاتىسىز؟ شۇ بەرىكەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنى ئوقۇڭ.
ئەيسا يەر-يۈزىدە بولغاندا، . . . |
ئەيسا ئاسماندا بولغاندا، . . . |
---|---|
|
|
|
|
|
|
|
|
6. خۇدا پادىشاھلىقى گۈزەل كېلەچەككە ئېرىشتۈرىدۇ
پادىشاھلىق يەھۋانىڭ ئىنسانلار ئۈچۈن قىلغان ئەسلى ئىرادىسىنى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. ئۇلار يەر يۈزىدە ئەبەدىي ياشايدۇ. خۇدا ئۆز ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئوغلى ئەيسانى قانداق ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، فىلىمنى كۆرۈڭ.
زەبۇر 145:16-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
ياراتقۇچى بارلىق جانلىقلارنىڭ تەشنالىقىنى قاندۇرىدۇ. بۇنى بىلگەندە، ئۆزىڭىز قانداق ھېس قىلدىڭىز؟
بەزىلەر مۇنداق دەيدۇ: «ئىتتىپاقلىق — كۈچ! بىز ھەممىمىز ئىتتىپاقلىشىپ تىرىشساق، دۇنيادىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايمىز».
-
خۇدا پادىشاھلىقى ئىنسانلار قۇرغان ھۆكۈمەتلەر ھەل قىلالمايدىغان قانداق قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىدۇ؟
خۇلاسە
خۇدا پادىشاھلىقى ئۇنىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، پۈتكۈل يەر يۈزىنى جەننەتكە ئايلاندۇرىدۇ. يەر يۈزىدە ھەققانىي ئادەملەر ياشايدۇ ۋە ئۇلار يەھۋاغا مەڭگۈ ئىبادەت قىلىدۇ.
تەكرارلاش
-
خۇدا پادىشاھلىقى خۇدانىڭ ئىسىمىنى قانداق مۇقەددەس قىلىدۇ؟
-
نېمە ئۈچۈن مۇقەددەس كىتابتا تىلغا ئالغان ۋەدىلەرنى خۇدا پادىشاھلىقى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنەلەيمىز؟
-
خۇدا پادىشاھلىقى، بولۇپمۇ قايسى ۋەدىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى ئۆز كۆزۈڭىز بىلەن كۆرۈشكە تەشنا بولۇۋاتىسىز؟
ئىزدىنىپ كۆرۈڭ
ئارماگېدون نېمىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىڭ.
«ئارماگېدون ئۇرۇشى دېگەن نېمە؟» (تور بېكەتتىكى ماقالە)
ئەيسانىڭ 1000 يىللىق ھۆكۈمرانلىق مەزگىلىدە ۋە شۇ مەزگىل ئاخىرلاشقاندا نېمە ئىشلار يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىڭ.
«قىيامەت كۈنىدە نېمە ئىشلار يۈز بېرىدۇ؟» («كۈزىتىش مۇنارى»، 2012-يىل، 1-سېنتەبىر)
بىر ئائىلىنىڭ خۇدا پادىشاھلىقى قانداق بەرىكەتلەرگە ئېرىشتۈرىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈڭ.
«يېشىلمىگەن تۈگۈنچىلەردەك نۇرغۇن سوئاللىرىم بار ئىدى» دېگەن ماقالىدىن، ھۆكۈمەتكە قارشى سىياسىي پائالىيەتچى ئاخىرى دۇنيادىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى قانداق تاپقانلىقى ھەققىدە بىلىۋېلىڭ.
«مۇقەددەس كىتاب ھاياتنى ئۆزگەرتىدۇ» («كۈزىتىش مۇنارى»، 2012-يىل، 1-يانۋار)