35-دەرس
توغرا قارارلارنى چىقىرىشقا نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
بىز ھەممىمىز قارارلارنى چىقىرىمىز. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى يەھۋا بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىمىزگە ياخشى ياكى يامان تەسىر قىلىدۇ. مەسىلەن، قەيەردە ياشاشنى، جان بېقىش ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىشنى ياكى توي قىلىش-قىلماسلىقنى قارار قىلىشىمىز كېرەك. بىز توغرا قارارلارنى چىقارساق، خۇشال بولىمىز ۋە يەھۋانىمۇ خۇرسەن قىلالايمىز.
1. توغرا قارارلارنى چىقىرىشىڭىزغا مۇقەددەس كىتاب قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
بىر قارار چىقىرىشتىن ئاۋۋال، يەھۋاغا دۇئا قىلىپ، ئۇنىڭدىن ياردەم سوراڭ ۋە ئۇنىڭ بۇ ئىشقا قانداق كۆزقاراشتا ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش ئۈچۈن مۇقەددەس يازمىلارنى تەتقىق قىلىپ ئوقۇڭ (پەندى-نەسىھەت 2:3–6-نى ئوقۇڭ). بەزى ۋەزىيەتلەردە، يەھۋا ئېنىق يول-يورۇق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەگەر ئاشۇ يول-يورۇققا بويسۇنسىڭىز، ئەڭ ياخشى قارارنى چىقىرالايسىز.
ئەگەر مۇقەددەس يازمىلاردىن نېمە قىلىشىڭىزنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئېنىق كۆرسەتمىنى تاپالمىسىڭىزچۇ؟ يەھۋا يەنىلا سىزنى توغرا يولغا باشلايمەن دەيدۇ (يەشايا 48:17). ئۇ توغرا يولنى قانداق كۆرسىتىپ بېرىدۇ؟ پرىنسىپلار ئارقىلىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. مۇقەددەس كىتابتىكى پرىنسىپلار — خۇدانىڭ ئوي-پىكىرلىرى ۋە ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئاشكارە قىلىدىغان ئاساسىي ھەقىقەتلەردۇر. مۇقەددەس يازمىلاردىكى ئۈزۈندىلەرنى ئوقۇپ، چوڭقۇر ئويلانغىنىمىزدا، خۇدانىڭ مەلۇم بىر ئىشقا بولغان كۆزقارىشىنى چۈشىنىپ يېتەلەيمىز. بىز يەھۋانىڭ كۆزقارىشىنى ياخشى بىلسەك، ئۇنى خۇرسەن قىلىدىغان قارارلارنى چىقىرالايمىز.
2. بىر قارار چىقىرىشتىن ئاۋۋال نېمە ھەققىدە ئويلىنىپ كۆرۈشىمىز كېرەك؟
مۇقەددەس كىتابتا: «زېرەك ئادەم ھەر بىر قەدىمىنى ئويلىنىپ باسار»،— دەپ يېزىلغان (پەندى-نەسىھەت 14:15). دېمەك، قارار چىقىرىشتىن بۇرۇن، تاللاشلىرىمىز ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىشقا چوقۇم ۋاقىت چىقىرىش كېرەك. شۇنداق قىلغاندا، ئۆزىڭىزدىن مۇنداق سوراپ كۆرۈڭ: «مۇقەددەس كىتابتىكى قايسى پرىنسىپلار بۇ ۋەزىيەتكە ماس كېلىدۇ؟ قايسىسىنى تاللىسام، كۆڭلۈم خاتىرجەم بولىدۇ؟ قارارىم باشقىلارغا قانداق تەسىر قىلىدۇ؟ ئەڭ مۇھىمى، قارارىم يەھۋانى خۇشال قىلامدۇ؟».—تەكرار قانۇن 32:29.
ياراتقۇچى يەھۋانىڭ بىزگە نېمىنىڭ ياخشى، نېمىنىڭ يامان ئىكەنلىكىنى ئېيتىش ھوقۇقى بار. بىز ئۇنىڭ قائىدە-پرىنسىپلىرىنى ياخشى بىلسەك ۋە ئۇلارغا ئەمەل قىلىشتا چىڭ تۇرساق، ئۆز ۋىجدانىمىزنى تەربىيىلەيمىز. ۋىجدان — بىزگە ياخشى-ياماننى پەرقلەندۈرۈشكە ياردەم بېرىدىغان ھېس-تۇيغۇ (رىملىقلار 2:14، 15). تەربىيىلەنگەن ۋىجدان ياخشى قارارلارنى چىقىرىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.
چوڭقۇرراق قېزىڭ
توغرا قارارلارنى چىقىرىشىمىزغا، مۇقەددەس كىتاب پرىنسىپلىرى ۋە ۋىجدانىمىز قانداق ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىڭ.
3. مۇقەددەس كىتاب سىزنى يېتەكلىسۇن
قارار چىقارغاندا، مۇقەددەس كىتاب پرىنسىپلىرى بىزگە قانداق يول كۆرسىتىپ بېرىدۇ؟ فىلىمنى كۆرۈڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللار ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.
-
تاللاش ئەركىنلىكى دېگەن نېمە؟
-
نېمە ئۈچۈن يەھۋا بىزگە تاللاش ئەركىنلىكىنى بەرگەن؟
-
دانا قارارلارنى چىقىرىشىمىزغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن يەھۋا بىزگە نېمىنى بەرگەن؟
مۇقەددەس كىتابتىكى بىر پرىنسىپنى كۆرۈش ئۈچۈن، ئەفەسلىكلەر 5:15، 16-نى ئوقۇڭ. كېيىن تۆۋەندە كەلتۈرۈلگەن ۋەزىيەتتە ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىپ كۆرۈڭ. ۋاقتىڭىزدىن توغرا پايدىلىنىپ، ...
-
دائىم مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟
-
ياخشىراق جورا، ئاتا-ئانا، ئوغۇل ياكى قىز بولۇش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟
-
جامائەت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟
4. ياخشى قارارلارنى چىقىرىش ئۈچۈن ۋىجدانىڭىزنى تەربىيىلەڭ
مەلۇم بىر مەسىلىگە قارىتا مۇقەددەس كىتاب ئېنىق يول-يورۇق بەرسە، توغرا قارار چىقىرىش تېخىمۇ ئاسان بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر شۇنداق يول-يورۇق بولمىسىچۇ؟ فىلىمنى كۆرۈڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئال ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.
-
بۇ فىلىمدا، قېرىنداش ۋىجدانىنى تاۋلاپ تەربىيىلەش ۋە يەھۋانى خۇرسەن قىلىدىغان قارارنى چىقىرىش ئۈچۈن قانداق قەدەملەرنى تاشلىغان؟
نېمىشقا باشقىلاردىن بىز ئۈچۈن قارارلارنى چىقىرىپ بېرىشنى سورىماسلىقىمىز كېرەك؟ ئىبرانىيلار 5:14-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
-
باشقىلاردىن ئۆزىمىز ئۈچۈن قارار چىقىرىپ بېرىشنى سوراش ئاساندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما چوقۇم نېمىنى ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىم؟
-
ۋىجدانىڭىزنى تەربىيىلەش ۋە توغرا قارار چىقىرىش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟
5. باشقىلارنىڭ ۋىجدانىنى ھۆرمەتلەڭ
كىشىلەر پەرقلىق قارارلارنى چىقىرىدۇ. باشقىلارنىڭ ۋىجدانىنى ھۆرمەتلەيدىغانلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟ تۆۋەندىكى ئىككى خىل ئەھۋالنى ئويلاپ كۆرۈڭ:
1-ۋەزىيەت: ياسىنىشنى ياخشى كۆرىدىغان قېرىنداش يېڭى جامائەتكە كۆچتى دەپ پەرەز قىلايلى. بۇ جامائەتتىكى قېرىنداشلار شۇنداق ياسىنىشنى ياقتۇرمايدۇ.
رىملىقلار 15:1 ۋە 1-كورىنتلىقلار 10:23، 24-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
-
بۇ ئايەتلەرگە ئاساسەن، شۇ قېرىنداش قانداق قارار چىقىرالايتتى؟ ئەگەر باشقىلارنىڭ ۋىجدانى يول قويمىغان ئىشقا، سىزنىڭ ۋىجدانىڭىز يول قويسا، نېمە قىلىسىز؟
2-ۋەزىيەت: بىر بۇرادەر مۇقەددەس كىتابقا ئاساسەن، ھاراقنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىچسە بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، دەيلى. ئەمما، ئۇ ھەرگىز ئىچمەسلىكنى قارار قىلىدۇ. ئۇ باشقا بۇرادەرلەرنىڭ ئولتۇرۇشتا ھاراق ئىچىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ.
ۋەز 7:16 ۋە رىملىقلار 14:1، 10-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
-
بۇ ئايەتلەرگە ئاساسەن، بۇرادەر قانداق قارار چىقىرالايتتى؟ باشقىلار ۋىجدانىڭىز يول قويمايدىغان ئىشنى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىڭىز، نېمە قىلىسىز؟
توغرا قارارلارنى چىقىرىشىڭىزغا ياردەم بېرىدىغان ئۈچ قەدەم
1. يەھۋاغا دۇئا قىلىڭ. توغرا قارار چىقىرىش ئۈچۈن ياردەم سوراڭ. —ياقۇپ 1:5.
2. ئىزدىنىپ تەتقىق قىلىڭ. مۇقەددەس كىتاب ۋە نەشىرى ماتېرىياللاردىن كېرەكلىك پرىنسىپلارنى ئىزدەڭ. يەنە تەجرىبىلىك ئېتىقادچىلاردىن مەسلىھەت سوراڭ.
3. تەسىرىنى ئويلاپ كۆرۈڭ. قارارىڭىز سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ۋىجدانىغا قانداق تەسىر قىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ كۆرۈڭ.
بەزىلەر مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ ئۆزۈم خالىغان ئىشنى قىلىش ھوقۇقۇم بار. باشقىلارنىڭ نېمە ئويلىشى بىلەن كارىم يوق».
-
نېمە ئۈچۈن خۇدانىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى، شۇنىڭدەك يەنە باشقا كىشىلەرنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئويلىشىشىمىز كېرەك؟
خۇلاسە
ئەگەر يەھۋانىڭ كۆزقارىشىنى نەزەرگە ئالساق ۋە ئىش-ھەرىكىتىمىزنىڭ باشقىلارغا ياخشى ياكى يامان تەسىر قىلىدىغانلىقىنى ئويلىساق، توغرا قارارلارنى چىقىرالايمىز.
تەكرارلاش
-
يەھۋانى خۇرسەن قىلىدىغان قارارلارنى قانداق چىقىرالايسىز؟
-
ۋىجدانىڭىزنى قانداق تاۋلاپ تەربىيىلىيەلەيسىز؟
-
باشقىلارنىڭ ۋىجدانىنى ھۆرمەتلەيدىغانلىقىڭىزنى قانداق كۆرسىتەلەيسىز؟
ئىزدىنىپ كۆرۈڭ
خۇدا بىلەن بولغان دوستلىقىڭىزنى كۈچەيتىدىغان قارارلارنى قانداق چىقىرالايسىز؟
«خۇدانى ئۇلۇغلايدىغان قارارلارنى چىقىرىڭ» («كۈزىتىش مۇنارى»، 2011-يىل، 15-ئاپرېل)
يەھۋانىڭ بىزگە قانداق نەسىھەت بېرىدىغانلىقىنى چوڭقۇرراق چۈشىنىڭ.
بىر كىشىنىڭ قىيىن قارارنى چىقىرىشىغا نېمە ياردەم بەرگەنلىكىنى كۆرۈڭ.
مەلۇم بىر ئىشقا قارىتا مۇقەددەس كىتابتا ئېنىق يول-يورۇق بېرىلمىگەن بولسا، يەھۋانى خۇرسەن قىلىدىغان قارارنى قانداق چىقىرالايدىغانلىقىڭىز ھەققىدە كۆپرەك بىلىۋېلىڭ.
«سىز دائىم مۇقەددەس كىتابنىڭ ئەمىرلىرىگە مۇھتاجمۇ؟» («كۈزىتىش مۇنارى»، 2003-يىل، 1-دېكابىر)