39-دەرس
خۇدانىڭ قانغا بولغان كۆزقارىشى
قان ئىنتايىن مۇھىم. ئۇ بولمىسا، ھېچقايسىمىز ھايات قالالمايمىز. خۇدا بىزنى ياراتقاچقا، ئۇنىڭ قاننى قانداق ئىشلىتىشىمىز كېرەكلىكىنى ئېيتىش ھوقۇقى بار. ئۇ قان توغرىسىدا نېمە دېگەن؟ ئۇنى يېيىشكە ياكى ئىنسان تېنىگە سېلىشقا بولامدۇ؟ بۇ مەسىلىدە توغرا قارارلارنى قانداق چىقىرالايسىز؟
1. يەھۋانىڭ قانغا بولغان كۆزقارىشى قانداق؟
قەدىمقى زاماندا، يەھۋا ئۆزىگە ئىبادەت قىلغۇچىلارغا شۇنداق دېگەن: «ھەربىر تىرىك جاننىڭ ھاياتى ئۇنىڭ قېنىدا» (لاۋىيلار 17:14). ياراتقۇچىنىڭ نەزىرىدە، قان ھايات دېمەكتۇر. خۇدا سوۋغا قىلغان ھايات مۇقەددەس، شۇڭا قانمۇ مۇقەددەس.
2. خۇدا قاننى قانداق ئىشلىتىشكە يول قويمايدۇ؟
خۇدا قەدىمقى زامانلاردا ئۆز خىزمەتچىلىرىگە قان يېمەسلىكنى بۇيرىغان ئىدى (يارىتىلىش 9:4 ۋە لاۋىيلار 17:10-نى ئوقۇڭ). مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى جامائىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، يەھۋا خۇدا بۇ بۇيرۇقنى قايتا تەكرارلىغان. شۇ چاغدا، يېتەكچى كېڭەش مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىگە قاندىن ساقلىنىش ھەققىدە يول-يورۇق بەرگەن.—ئەلچىلەر 15:28، 29-نى ئوقۇڭ.
قاندىن ساقلىنىش دېگەن نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ ئەگەر دوختۇر سىزگە ھاراق-شارابلاردىن ساقلىنىشنى ئېيتسا، ئۇنى ئىچمەيسىز. ئەمما، تەركىبىدە ئىسپىرت بار يېمەكلىكلەرنى يەمسىز ياكى ھاراقنى تومۇرىڭىزغا ئوكۇل قىلىپ سالامسىز؟ ئېنىقكى، ئۇنداق قىلمايسىز. خۇددى شۇنىڭدەك، خۇدانىڭ قاندىن ساقلىنىش بۇيرۇقى قاننى ئىچمەسلىكىمىز ياكى قېنى ئېقىتىلمىغان جانىۋارلارنىڭ گۆشىنى يېمەسلىكىمىز كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، قان قوشۇلغان يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىكىمىز لازىم.
قاننى تىببىي داۋالاشتا قوللىنىشقا توغرا كەلسىچۇ؟ ناھايىتى ئېنىقكى بەزى داۋالاش ئۇسۇللىرى ياراتقۇچى خۇدانىڭ قانۇنىغا زىتتۇر. بۇلار پۈتۈن قاننى ياكى قاننىڭ ئاساسلىق تەركىبلىرى بولغان قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى، ئاق قان ھۈجەيرىلىرى، قان پلاستىنكىلىرى ۋە قان پلازمىسىنى تەنگە سېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لېكىن، باشقا داۋالاش ئۇسۇللىرى خۇدانىڭ قانۇنىغا زىت ياكى زىت ئەمەسلىكىنى ئېنىق قارار قىلغىلى بولماسلىقى مۇمكىن. مەسىلەن، بەزى ئۇسۇللار قاننىڭ ئاساسلىق تەركىبلىرىدىن ئايرىپ ئېلىنغان كىچىك تەركىبىي ماددىلارنى ئىشلىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەنە باشقا ئۇسۇللار بىر ئادەمنىڭ ئۆز قېنىنى ئىشلىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ تاللاشلار ھەققىدە ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، ھەربىرىمىز چوقۇم ئۆزىمىز قارار چىقىرىشىمىز كېرەك a.—گالاتىيالىقلار 6:5.
چوڭقۇرراق قېزىڭ
قان بىلەن باغلىنىشلىق تىببىي داۋالاش مەسىلىسىدە قانداق دانا قارارلارنى چىقىرىشقا بولىدىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ.
3. يەھۋانى خۇرسەن قىلىدىغان داۋالىنىش ئۇسۇللىرىنى تاللاڭ
خۇدانىڭ قانغا بولغان كۆزقارىشىغا ماس كېلىدىغان داۋالاش قارارلىرىنى قانداق چىقىرالايسىز؟ فىلىمنى كۆرۈڭ، كېيىن تۆۋەندىكى قەدەملەرنى بېسىش نېمە ئۈچۈن مۇھىم ئىكەنلىكىنى مۇھاكىمە قىلىڭ.
-
ئەقىل-پاراسەت سوراپ دۇئا قىلىڭ.—ياقۇپ 1:5.
-
مۇقەددەس كىتاب پرىنسىپلىرى ۋە ئۇلارنى قانداق ئەمەلىي قوللىنىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ كۆرۈڭ.—پەندى-نەسىھەت 13:16.
-
سىز ياشايدىغان جايدا قانداق داۋالاش ئۇسۇللىرى بارلىقىنى تېپىڭ.
-
قايسى داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىڭىزنى ئېنىقلاڭ.
-
ۋىجدانىڭىز سىزنى ئازابلىمايدىغان قارارنى چىقىرىڭ.—ئەلچىلەر 24:16 b.
-
شۇنى ئېنىق بىلىڭكى، ۋىجدان مەسىلىسىدە قانداق قارار چىقىرىشنى، سىزگە ھېچكىم ھەتتا نىكاھلىق جۈپتىڭىز، ئاقساقال ياكى سىز بىلەن مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىپ ئۆگەنگەن ئېتىقادچى ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ.—رىملىقلار 14:12.
-
ئۆز قارارىڭىزنى يېزىپ قويۇڭ.
4. يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئەڭ ياخشى داۋالىنىش ئۇسۇللىرىنى ئىزدەيدۇ
خۇدانىڭ قان توغرىسىدىكى قانۇنىغا بويسۇنۇپ، ئەڭ ياخشى قانسىز داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوبۇل قىلىش ئىمكانىيىتىمىز بار. فىلىمنى كۆرۈڭ.
تىتۇس 3:2-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
تىببىي خادىملار بىلەن پاراڭلاشقاندا، نېمە ئۈچۈن مۇلايىم ۋە ھەمكارلىشىشقا تەييار ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتىشىمىز كېرەك؟
قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ |
ئېتىقادچى ئۆزى قارار قىلىدۇ |
---|---|
(1) قان پلازمىسى. |
پلازمىسىدىن ئايرىپ ئېلىنغان كىچىك تەركىبىي ماددىلار |
(2) ئاق قان ھۈجەيرىلىرى. |
ئاق قان ھۈجەيرىلىرىدىن ئايرىپ ئېلىنغان تەركىبىي ماددىلار |
(3) قان پلاستىنكىلىرى. |
قان پلاستىنكىلىرىدىن ئايرىپ ئېلىنغان تەركىبىي ماددىلار |
(4) قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى. |
قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىدىن ئايرىپ ئېلىنغان تەركىبىي ماددىلار |
5. قاندىن ئايرىپ ئېلىنغان كىچىك تەركىبىي ماددىلار
قاننىڭ تۆت ئاساسلىق تەركىبى بار — قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى، ئاق قان ھۈجەيرىلىرى، قان پلاستىنكىلىرى ۋە پلازمىسى. بۇ ئاساسىي تەركىبلەر نۇرغۇن كىچىك تەركىبلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، قاندىن ئايرىپ ئېلىنغان كىچىك تەركىبىي ماددىلار دەپ ئاتىلىدۇ c. بەزى كىچىك تەركىبىي ماددىلار كېسەللىكلەرگە قارشى تۇرۇش ياكى قان توختىتىشقا ياردەم بېرىدىغان دورىلارغا قوشۇلغان.
قاندىن ئايرىپ ئېلىنغان كىچىك تەركىبىي ماددىلار ھەققىدە، ھەربىر مەسىھ ئەگەشكۈچىسى مۇقەددەس كىتاب ئاساسىدا تاۋلاپ تەربىيىلەنگەن ۋىجدانىغا ئاساسەن ئۆزى قارار چىقىرىشى كېرەك. بەزىلەر قاندىن ئايرىغان كىچىك تەركىبىي ماددا بىلەن مۇناسىۋەتلىك داۋالاش، يەنى ئوپېراتسىيە، دورا-ئوكۇل ياكى تەكشۈرۈشلەرنى رەت قىلىشنى قارار قىلىشى مۇمكىن. باشقىلارنىڭ ۋىجدانى بولسا، قاندىن ئايرىپ ئېلىنغان كىچىك تەركىبىي ماددىلارنى قوبۇل قىلىشقا يول قويىدۇ.
قارار چىقارغاندا، بۇنى ئويلاپ كۆرۈڭ:
-
دوختۇرغا نېمىشقا قاندىن ئايرىپ ئېلىنغان بەزى كىچىك تەركىبىي ماددىلارنى رەت قىلىدىغان ياكى قوبۇل قىلىدىغانلىقىمنى قانداق چۈشەندۈرەلەيمەن؟
بەلكىم، بەزىلەر مۇنداق سورايدۇ: «قان سېلىشنى ياكى قۇيۇشنى قوبۇل قىلىش خاتامۇ؟»
-
سىز قانداق ئويلايسىز؟
خۇلاسە
يەھۋا بىزنىڭ قاننى قالايمىقان ئىشلىتىشتىن ساقلىنىشىمىزنى خالايدۇ.
تەكرارلاش
-
ياراتقۇچى يەھۋا نېمە ئۈچۈن قاننى مۇقەددەس كۆرىدۇ؟
-
خۇدانىڭ قاندىن ساقلىنىش بۇيرۇقى قان سېلىشقىمۇ قارىتىلىدىغانلىقىنى قەيەردىن بىلىمىز؟
-
قان بىلەن مۇناسىۋەتلىك داۋالاش ئۇسۇللىرىنى تاللاشقا توغرا كەلگەندە، دانا قارارلارنى چىقىرىش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟
ئىزدىنىپ كۆرۈڭ
ئۆز قېنىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك داۋالىنىش ئۇسۇلىنى تاللاشنى قارار قىلىشتىن بۇرۇن نېمە توغرۇلۇق ئويلاش كېرەك؟
«ئوقۇرمەنلەرنىڭ سوئاللىرى» («كۈزىتىش مۇنارى»، 2000-يىل، 15-ئۆكتەبىر)
قاندىن ئايرىپ ئېلىنغان كىچىك تەركىبىي ماددىلار توغرۇلۇق قارار چىقارغاندا، نېمىنى نەزەردە تۇتۇش كېرەك؟
«ئوقۇرمەنلەرنىڭ سوئاللىرى» («كۈزىتىش مۇنارى»، 2004-يىل، 15-ئىيۇن)
بىر دوختۇرنىڭ يەھۋا خۇدانىڭ قانغا بولغان كۆزقارىشى دانا ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشىگە نېمە ياردەم بەرگەن؟
«خۇدانىڭ قانغا بولغان كۆزقارىشىنى قوبۇل قىلدىم» («ئويغىنىش!»، 2003-يىل، 8-دېكابىر)
دوختۇرخانىلار بىلەن ئالاقىلىشىش كومىتېتلىرىدا خىزمەت قىلىدىغان ئاقساقاللار ئېتىقادداشلىرىغا قانداق ياردەم بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ بېقىڭ.
«يەھۋا كېسەل ئادەملەرنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدۇ» (23:10)
a «توغرا قارارلارنى چىقىرىشقا نېمە ياردەم بېرىدۇ؟» دەپ ئاتالغان 35-دەرسكە قاراڭ.
b بۇ دەرستىكى «قاندىن ئايرىپ ئېلىنغان كىچىك تەركىبىي ماددىلار ھەققىدە» دېگەن 5-نۇقتىغا؛ «قانغا مۇناسىۋەتلىك داۋالاش ئۇسۇللىرى» دېگەن 3-ئىزاھاتقا قاراڭ.
c بەزى دوختۇرلار قاننىڭ تۆت ئاساسلىق تەركىبلىرىنى قاندىن ئايرىپ ئېلىنغان كىچىك تەركىبىي ماددىلار سۈپىتىدە تونۇيدۇ. شۇڭلاشقا، پۈتۈن قان ياكى قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى، ئاق قان ھۈجەيرىلىرى، قان پلاستىنكىلىرى ياكى قان پلازمىسىنى قوبۇل قىلماسلىقنى قارار قىلغانلىقىڭىزنى، سىز ئۆزىڭىز دوختۇرىڭىزغا ئېنىق چۈشەندۈرۈشىڭىز لازىم.