مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

40-‏دە‌رس

خۇ‌دانىڭ نە‌زە‌رىدە پاك بولۇ‌ڭ

خۇ‌دانىڭ نە‌زە‌رىدە پاك بولۇ‌ڭ

مېھرىبان ئانا ئوغلىنى مە‌كتە‌پكە ئە‌ۋە‌تىش ئالدىدا،‏ بالىسىنى قانداق تە‌ييارلىغانلىقىنى تە‌سە‌ۋۋۇ‌ر قىلىپ بېقىڭ.‏ ئۇ ئوغلىنى يۇ‌يۇ‌ندۇ‌رۇ‌پ،‏ پاكىز،‏ رە‌تلىك كىيىندۈرىدۇ.‏ بۇ بالىنىڭ سالامە‌تلىكى ئۈچۈن پايدىلىق ۋە باشقىلارغا ئاتا-‏ئانىسىنىڭ ئوغلىغا ياخشى كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ كۆيۈمچان ئاتىمىز يە‌ھۋا بىزنىڭ جىسمانىي ۋە ئە‌خلاقىي جە‌ھە‌تتىن پاك بولۇ‌شىمىزنى خالايدۇ.‏ پاكىز بولساق،‏ ئۆزىمىز ئۈچۈن پايدىلىق ۋە ياراتقۇ‌چىمىزغا شان-‏شە‌رە‌پ كە‌لتۈرىمىز.‏

1.‏ جىسمانىي جە‌ھە‌تتىن قانداق پاك بولالايمىز؟‏

يە‌ھۋا بىزگە:‏ ‏«مۇ‌قە‌ددە‌س بولۇ‌ڭلار»‏ دە‌يدۇ (‏1-‏پېترۇ‌س 1:‏16‏)‏.‏ مۇ‌قە‌ددە‌سلىك جىسمانىي ۋە ئە‌خلاقىي پاكلىق بىلە‌ن باغلىنىشلىق.‏ بىز دائىم يۇ‌يۇ‌نۇ‌ش ۋە كىيىم-‏كېچە‌ك،‏ ئۆي ۋە ماشىنىمىزنى پاكىز،‏ رە‌تلىك تۇ‌تۇ‌ش ئارقىلىق جىسمانىي جە‌ھە‌تتىن پاك بولالايمىز.‏ بىز يە‌نە ئىبادە‌ت يىغىلىشى زاللىرىنى تازىلاپ،‏ پاكىز تۇ‌تۇ‌شقا ياردە‌م بېرە‌لە‌يمىز.‏ جىسمانىي جە‌ھە‌تتىن پاك بولساق،‏ يە‌ھۋاغا شان-‏شە‌رە‌پ كە‌لتۈرىمىز.‏—‏2-‏كورىنتلىقلار 6:‏3،‏ 4‏.‏

2.‏ پاك-‏پاكىز بولۇ‌ش ئۈچۈن،‏ قايسى ئادە‌تلە‌ردىن يىراق تۇ‌رۇ‌شىمىز كېرە‌ك؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ‏«تە‌ن ۋە روھىمىزنى بۇ‌لغايدىغان ھە‌رقانداق نە‌رسىدىن ئۆزىمىزنى پاكىزلاپ»‏‏،‏ بىزنى پاك ياشاشقا ئۈندە‌يدۇ (‏2-‏كورىنتلىقلار 7:‏1‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ بە‌دىنىمىزگە ياكى ئە‌قلىمىزگە زىيان يە‌تكۈزىدىغان ھە‌رقانداق نە‌رسىدىن نېرى تۇ‌رۇ‌شقا تىرىشىمىز.‏ ئوي-‏پىكىرلىرىمىز يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلىشى كېرە‌ك.‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ پۈتۈن كۈچىمىز بىلە‌ن نامۇ‌ۋاپىق ئوي-‏پىكىرلە‌رنى رە‌ت قىلىمىز (‏زە‌بۇ‌ر 104:‏34‏)‏.‏ بىز يە‌نە ئە‌دە‌بسىز گە‌پ-‏سۆزلە‌رنى ئىشلە‌تمە‌سلىككە تىرىشىمىز.‏—‏كولوسىلىقلار 3:‏8-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

يە‌نە نېمە بىزنى جىسمانىي ۋە ئە‌خلاقىي جە‌ھە‌تتىن ناپاك قىلىدۇ؟‏ تېنىمىزنى بۇ‌لغايدىغان بە‌زى ماددىلار بار.‏ شۇ‌ڭلاشقا،‏ بىز تاماكا،‏ ناسۋال،‏ نە‌شە ۋە زە‌ھە‌رلىك چېكىملىك ۋە باشقا مە‌سخۇ‌ش قىلىدىغان دورىلاردىن يىراق تۇ‌رىمىز.‏ بۇ‌لاردىن ساقلىنىش ئارقىلىق تە‌ن-‏ساغلاملىقىمىز ياخشىراق بولىدۇ ۋە ھاياتلىق سوۋغىسىغا ھۆرمە‌ت كۆرسىتىمىز.‏ بىز يە‌نە ئانانىزم a ۋە شە‌ھۋانىي مە‌زمۇ‌ندىكى نە‌رسىلە‌رنى كۆرۈشتە‌ك ناپاك قىلمىشلارغا قارشى تۇ‌رۇ‌ش ئارقىلىق ئە‌خلاقىي جە‌ھە‌تتىن پاك بولۇ‌شقا تىرىشىمىز (‏زە‌بۇ‌ر 119:‏37؛‏ ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 5:‏5‏)‏.‏ بۇ يامان ئادە‌تلە‌رنى يېڭىش قىيىن،‏ شۇ‌نداقتىمۇ يە‌ھۋا بىزگە ئۇ‌لارنى تاشلاشقا ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ.‏—‏يە‌شايا 41:‏13‏.‏

چوڭقۇ‌رراق قېزىڭ

جىسمانىي جە‌ھە‌تتىن پاك بولۇ‌شنىڭ يە‌ھۋاغا قانداق شان-‏شە‌رە‌پ ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئويلاڭ ۋە ناپاك ئادە‌تلە‌رنى قانداق تاشلاشنى ئۆگىنىڭ.‏

3.‏ جىسمانىي پاكىزلىق يە‌ھۋاغا شان-‏شە‌رە‌پ كە‌لتۈرىدۇ

يە‌ھۋانىڭ قە‌دىمقى ئىسرائىل خە‌لقىگە بە‌رگە‌ن بۇ‌يرۇ‌قلىرىنى تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۇ‌نىڭ پاكىزلىققا بولغان كۆزقارىشىنى بىلە‌لە‌يمىز.‏ چىقىش 19:‏10 ۋە 30:‏17–‏19-‏نى ئوقۇ‌ڭ‏،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • بۇ ئايە‌تلە‌ر ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋانىڭ جىسمانىي پاكىزلىققا بولغان كۆزقارىشى ھە‌ققىدە نېمىلە‌رنى ئاشكارىلايدۇ؟‏

  • قايسى ياخشى ئادە‌تلە‌ر جىسمانىي جە‌ھە‌تتىن پاك بولۇ‌شىڭىزغا ياردە‌م بېرىدۇ؟‏

جىسمانىي جە‌ھە‌تتىن پاكىزە بولۇ‌ش ئۈچۈن ۋاقىت ۋە كۈچ چىقىرىشقا توغرا كېلىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ قە‌يە‌ردە ياشىشىمىزدىن ۋە ئىقتىسادىي ئە‌ھۋالىمىز قانداق بولۇ‌شىدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ بىز تامامە‌ن شۇ‌نداق قىلالايمىز.‏ فىلىمنى كۆرۈڭ‏،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئال ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.‏

  • ۋە‌ز خىزمىتىمىزدە ئۆز نە‌رسە-‏كېرە‌كلىرىمىزنى پاكىزە-‏رە‌تلىك تۇ‌تۇ‌ش ئارقىلىق يە‌ھۋاغا قانداق شان-‏شە‌رە‌پ كە‌لتۈرە‌يمىز؟‏

4.‏ يامان ئادە‌تلە‌رنى تاشلاڭ

يە‌ھۋا خۇ‌دا بىزگە ھە‌رقانداق يامان ئادە‌تتىن ئايرىلىشقا ياردە‌م بېرىدۇ

ئە‌گە‌ر تاماكا ياكى كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن زە‌ھە‌رلىك چېكىملىك چە‌كسىڭىز،‏ بۇ ئادە‌تنى تاشلاشنىڭ قانچىلىك قىيىن ئىكە‌نلىكىنى بىلىسىز.‏ ئە‌مما،‏ سىزگە نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏ شۇ ئادە‌تنىڭ سىزگە قانداق تە‌سىر قىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ كۆرۈڭ.‏ مە‌تتا 22:‏37–‏39-‏نى ئوقۇ‌پ،‏ تۆۋە‌ندىكى سوئاللارنى مۇ‌ھاكىمە قىلىڭ.‏ تاماكا ۋە زە‌ھە‌رلىك چېكىملىك .‏.‏.‏

  • كىشىنىڭ يە‌ھۋا بىلە‌ن بولغان دوستلۇ‌قىغا قانداق تە‌سىر قىلىدۇ؟‏

  • كىشىنىڭ ئائىلە ئە‌زالىرى ۋە باشقىلار بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىگە قانداق تە‌سىر قىلىدۇ؟‏

يامان ئادە‌تنى تاشلاش ئۈچۈن پىلان تۈزۈڭ b‏.‏ فىلىمنى كۆرۈڭ‏.‏

فىلىپپىلىقلارغا 4:‏13-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • دۇ‌ئا قىلىش،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىش ۋە ئىبادە‌ت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىشنى ئادە‌تكە ئايلاندۇ‌رۇ‌ش يامان ئادە‌تنى تاشلاشقا قانداق كۈچ بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

5.‏ ناپاك ئوي-‏پىكىرلە‌ر ۋە ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلە‌رگە قارشى كۈرە‌ش قىلىڭ

كولوسىلىقلار 3:‏5-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • شە‌ھۋانىي مە‌زمۇ‌ندىكى نە‌رسىلە‌رنى كۆرۈش،‏ شە‌ھۋانىي مە‌زمۇ‌ندىكى ئۇ‌چۇ‌رلارنى ئە‌ۋە‌تىش ۋە قولدا لە‌ززە‌تلىنىش يە‌ھۋانىڭ نە‌زە‌رىدە ناپاك ئىكە‌نلىكىنى قە‌يە‌ردىن بىلىمىز؟‏

  • سىزنىڭچە،‏ يە‌ھۋانىڭ بىزدىن ئە‌خلاقىي جە‌ھە‌تتىن پاك بولۇ‌شنى تە‌لە‌پ قىلىشى ئە‌قىلگە مۇ‌ۋاپىقمۇ؟‏ نېمە ئۈچۈن؟‏

ناپاك ئوي-‏خىياللارغا قارشى قانداق كۈرە‌ش قىلىشنى بىلىۋېلىڭ.‏ فىلىمنى كۆرۈڭ‏.‏

ئە‌يسا مە‌سىھ بىر تە‌مسىلنى ئىشلىتىپ،‏ ئە‌خلاق جە‌ھە‌تتە پاك-‏پاكىزە بولۇ‌ش ئۈچۈن چوقۇ‌م قە‌تئىي ھە‌رىكە‌ت قىلىشىمىز كېرە‌كلىكىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ مە‌تتا 5:‏29،‏ 30-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • بۇ ئايە‌تتە،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ ئۆزىمىزگە جىسمانىي جە‌ھە‌تتىن زىيان يە‌تكۈزۈشىمىز كېرە‌كلىكىنى ئېيتمىغان،‏ ئە‌كسىچە ناپاك ئوي-‏پىكىرلە‌ردىن يىراق تۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن قە‌تئىي ئىرادە بىلە‌ن ھە‌رىكە‌ت قىلىشىمىز كېرە‌كلىكىنى كۆرسە‌تكە‌ن.‏ بۇ‌نى قانداق قىلالايمىز؟‏ c

ناپاك ئوي-‏پىكىرلە‌ردىن قۇ‌تۇ‌لۇ‌ش ئۈچۈن كۈرە‌ش قىلسىڭىز،‏ يە‌ھۋا چىقارغان تىرىشچانلىقىڭىزنى قە‌دىرلە‌يدۇ.‏ زە‌بۇ‌ر 103:‏13،‏ 14-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • ئە‌گە‌ر ناپاك ئادە‌ت بىلە‌ن كۈرە‌ش قىلىۋاتقان بولسىڭىز،‏ بۇ ئايە‌ت سىزنى داۋاملىق كۈرە‌ش قىلىشقا قانداق دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ؟‏

يىقىلىپ چۈشسىڭىز،‏ قايتا دە‌س تۇ‌رۇ‌ڭ!‏

بىر ئادە‌م قايتا يامان ئىش قىلىپ قويغىنىدا،‏ «مە‌ن يامان ئادىتىمنى تاشلىيالمايدىكە‌نمە‌ن،‏ بولدى ۋاز كېچە‌يلا»،‏_ دە‌پ ئويلىشى مۇ‌مكىن.‏ ئە‌مما،‏ ئويلاپ كۆرۈڭە:‏ ئۇ‌زۇ‌نغا يۈگۈرە‌يدىغان تە‌نھە‌رىكە‌تچى مۇ‌سابىقىدە يىقىلىپ چۈشسە،‏ بۇ ئۇ‌نىڭ مە‌غلۇ‌پ بولغانلىقىنى ياكى بولمىسا باش پە‌للىگە قايتىپ،‏ قايتا يۈرۈشى كېرە‌كلىكىنى بىلدۈرمە‌يدۇ.‏ خۇ‌ددى شۇ‌نىڭدە‌ك،‏ بىر ئىشنى تە‌كرار قىلىپ قويۇ‌ش،‏ بۇ يامان ئادە‌تلە‌رگە قارشى كۈرە‌شتە مە‌غلۇ‌پ بولغانلىقىڭىزنى بىلدۈرمە‌يدۇ.‏ شۇ‌نىڭدە‌ك،‏ بۇ ھە‌رگىزمۇ ئاللىقاچان قولغا كە‌لتۈرگە‌ن نە‌تىجىلىرىڭىز بىكار بولدى دېگە‌نلىك ئە‌مە‌س.‏ بىر ئىشنى قايتا قىلىپ قويۇ‌ش نورمال ئە‌ھۋال،‏ غە‌لبە قىلىش ئۈچۈن بېسىش كېرە‌ك يولنىڭ بىر قىسىمى.‏ ھە‌رگىز بە‌ل قويۇ‌ۋە‌تمە‌ڭ!‏ يە‌ھۋانىڭ ياردىمىدە چوقۇ‌م يامان ئادە‌تنى تاشلىيالايسىز.‏

بە‌زىلە‌ر مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «‏مە‌ن خۇ‌مار بولۇ‌پ قالدىم.‏ ئە‌مدى تاشلىيالمايمە‌ن».‏

  • بىر كىشىگە ئۆزىنىڭ يامان ئادىتىنى يە‌ھۋانىڭ ياردىمىدە تاشلىيالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى قايسى ئايە‌تنى قوللىنالايسىز؟‏

خۇ‌لاسە

تېنىمىز،‏ زېھىنىمىز ۋە ئىش-‏ھە‌رىكىتىمىزنى پاك-‏پاكىز تۇ‌تۇ‌ش ئارقىلىق يە‌ھۋانى خۇ‌رسە‌ن قىلىمىز.‏

تە‌كرارلاش

  • پاك-‏پاكىز بولۇ‌ش نېمە ئۈچۈن شۇ‌نچە مۇ‌ھىم؟‏

  • جىسمانىي جە‌ھە‌تتىن پاكىز بولۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟‏

  • ئوي-‏پىكىرلىرىڭىز ۋە ئىش-‏ھە‌رىكە‌تلىرىڭىزنى قانداق پاك تۇ‌تالايسىز؟‏

مە‌قسە‌ت

ئىزدىنىپ كۆرۈڭ

تۇ‌رمۇ‌ش شارائىتىڭىز ئانچە ياخشى بولمىسىمۇ،‏ جىسمانىي جە‌ھە‌تتىن پاكىز بولۇ‌ش ئۈچۈن قانداق ئاددىي ئىشلارنى قىلالايسىز؟‏

‏«سالامە‌تلىك ۋە تازىلىق —‏ قول يۇ‌يۇ‌ش»‏ (‏01:‏3)‏

تاماكا خۇ‌مارىدىن قۇ‌تۇ‌لۇ‌شنىڭ ئە‌مە‌لىي قە‌دە‌ملىرىنى كۆرۈڭ.‏

‏«تاماكىنى قانداق تاشلاش»‏ (‏«ئويغىنىش!‏»،‏ 2010-‏يىل،‏ ماي)‏

شە‌ھۋانىي مە‌زمۇ‌ندىكى نە‌رسىلە‌رنى كۆرۈشنىڭ تە‌سىرى ھە‌ققىدە بىلىۋېلىڭ.‏

‏«شە‌ھۋانىي مە‌زمۇ‌ندىكى نە‌رسىلە‌ر —‏ زىيانلىقمۇ ياكى زىيانسىزمۇ؟‏»‏ (‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى»،‏ 2013-‏يىل،‏ 1-‏ئاۋغۇ‌ست)‏

بىر ئادە‌م شە‌ھۋانىي مە‌زمۇ‌ندىكى نە‌رسىلە‌رنى كۆرۈش خۇ‌مارىدىن قانداق قۇ‌تۇ‌لغانلىقىنى بىلىۋېلىڭ.‏

‏«مە‌ن غە‌لبە قازىنىشتىن بۇ‌رۇ‌ن،‏ نۇ‌رغۇ‌ن قېتىم مە‌غلۇ‌پ بولدۇ‌م»‏ (‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى»،‏ 2016-‏يىل،‏ 4-‏سان)‏

a ئانانىزم ياكى قولدا لە‌ززە‌تلىنىش —‏ ئۆزىنىڭ جىنسىي ئە‌زالىرىنى سىلاش ياكى سۈركە‌ش ئارقىلىق ئادە‌تتە جىنسىي ھېسسىياتىنى يۇ‌قىرى پە‌للىگە كۆتۈرىدىغان ناچار ئادە‌تتۇ‌ر.‏

b بۇ دە‌رسنىڭ «ئىزدىنىپ كۆرۈڭ» دېگە‌ن بۆلىكىدە،‏ «‏تاماكىنى قانداق تاشلاش‏» ناملىق ماقالە تە‌ۋسىيە قىلىنغان.‏ ئۇ‌نىڭدا تاماكا خۇ‌مارىدىن قۇ‌تۇ‌لۇ‌شنىڭ ئە‌مە‌لىي قە‌دە‌ملىرى چۈشە‌ندۈرۈلگە‌ن.‏

c قولدا لە‌ززە‌تلىنىش (‏ئانانىزم)‏ ئادىتىنى يېڭىش ئۈچۈن «ياشلارنىڭ سوئاللىرى _ ئە‌مە‌لىي مە‌سلىھە‌تلە‌ر» كىتابىنىڭ (‏باشقا تىلدا)‏ 1-‏قىسىمىدىكى «‏قولدا لە‌ززە‌تلىنىش ئادىتىنى قانداق يېڭە‌لە‌يمە‌ن؟‏‏» ناملىق 25-‏بابىغا قاراڭ.‏