41-دەرس
مۇقەددەس كىتاب جىنسىي مۇناسىۋەت ھەققىدە نېمە دەيدۇ؟
بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن كىشىلەر جىنسىي مۇناسىۋەت ھەققىدە گەپ قىلىشتىن خىجىل بولىدۇ. ئەمما، مۇقەددەس كىتابتا بۇ ماۋزۇ ئوچۇق-ئاشكارە ۋە ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىنغان. ئۇنىڭدا يېزىلغانلار بىز ئۈچۈن پايدىلىق. بۇ ئەقىلگە ئۇيغۇن، چۈنكى يەھۋا بىزنىڭ ياراتقۇچىمىزدۇر. شۇڭا، ئۇ بىز ئۈچۈن نېمىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ياراتقۇچىمىز ئۇنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن نېمە قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى ۋە مەڭگۈ شاد-خۇرام ياشىشىمىزغا نېمە ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
1. يەھۋا جىنسىي مۇناسىۋەتكە قانداق كۆزقاراشتا؟
جىنسىي مۇناسىۋەت — يەھۋادىن كەلگەن سوۋغات. ياراتقۇچىمىز نىكاھدا بىر-بىرىگە باغلانغان ئەر-ئايالنىڭ بۇ سوۋغاتتىن ھۇزۇرلىنىشىنى خالايدۇ. بۇ سوۋغات ئارقىلىق ئەر-خوتۇنلار پەرزەنتلىك بولۇپلا قالماي، بەلكى بىر-بىرىگە سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى تەبىئىي ۋە ھۇزۇرلۇق شەكىلدە ئىپادىلىيەلەيدۇ. شۇڭلاشقا، خۇدانىڭ سۆزى مۇنداق دەيدۇ: «ياشلىقىڭدا ئالغان ئايالىڭ بىلەن سۆيۈنگىن» (پەندى-نەسىھەت 5:18، 19). يەھۋا تۇرمۇش قۇرغان مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىدىن ئۆز جۈپتىگە ۋاپادار بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، شۇڭا ئۇلار ھەرگىزمۇ زىنا قىلماسلىقى كېرەك.—ئىبرانىيلار 13:4-نى ئوقۇڭ.
2. جىنسىي ئەخلاقسىزلىق دېگەن نېمە؟
مۇقەددەس كىتاب، بىزگە «زىناكارلار . . . خۇدا پادىشاھلىقىغا ۋارىس بولمايدۇ» دەيدۇ (1-كورىنتلىقلار 6:9، 10). مۇقەددەس يازمىلارنى گرېك تىلىدا قەلەمگە ئالغانلار جىنسىي ئەخلاقسىزلىقنى تەسۋىرلىگەندە، پورنىئا سۆزىنى ئىشلەتكەن. بۇ سۆزنىڭ مەنىسى: (1) ئۆزئارا توي قىلمىغانلار ئوتتۇرىسىدىكى جىنسىي مۇناسىۋەت a، (2) ئوخشاش جىنسلىقلار ئوتتۇرىسىدىكى جىنسىي مۇناسىۋەت، (3) ھايۋانلار بىلەن بولغان جىنسىي مۇناسىۋەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بىز جىنسىي ئەخلاقسىزلىقتىن ساقلانساق، يەھۋانى خۇرسەن قىلىمىز ۋە بۇ ئۆزىمىز ئۈچۈنمۇ پايدىلىقتۇر.—1-سالونىكالىقلار 4:3.
چوڭقۇرراق قېزىڭ
جىنسىي ئەخلاقسىزلىقتىن قانداق ساقلىنالايدىغانلىقىڭىز ۋە ئەخلاق جەھەتتىن پاك بولۇشنىڭ سىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بارلىقى ھەققىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.
3. جىنسىي ئەخلاقسىزلىقتىن قېچىڭ
يۈسۈپ ئىسىملىك سادىق كىشىنىڭ ئەخلاق جەھەتتىن ئۆزىنى پاك تۇتۇشى ئاسان بولمىغان. يارىتىلىش 39:1–12-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
-
يۈسۈپنى قېچىشقا نېمە دەۋەت قىلغان ئىدى؟ 9-ئايەتنى كۆرۈڭ.
-
سىزنىڭچە، يۈسۈپ توغرا قارار قىلغانمۇ؟ نېمە ئۈچۈن؟
بۈگۈنكى كۈندە ياشلار يۈسۈپنى ئۈلگە قىلىپ، جىنسىي ئەخلاقسىزلىقتىن قانداق قاچالايدۇ؟ فىلىمنى كۆرۈڭ.
يەھۋا ھەممىمىزنىڭ ئەخلاقسىزلىقنى رەت قىلىشىنى خالايدۇ. 1-كورىنتلىقلار 6:18-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
-
قانداق ۋەزىيەتلەر بىر كىشىنى جىنسىي ئەخلاقسىزلىققا يېتەكلەيدۇ؟
-
ئەخلاقسىزلىقتىن قانداق قاچالايسىز؟
4. ئېزىقتۇرۇشقا قارشى تۇرالايسىز
نېمە ئۈچۈن جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلىش ئېزىقتۇرۇشىغا قارشى تۇرۇش ئاسان ئەمەس؟ فىلىمنى كۆرۈڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئال ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.
-
بۇ فىلىمدىكى بۇرادەر ئۆز ئوي-پىكىرلىرى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىنىڭ ئايالىغا ۋاپاسىزلىق قىلىشقا سەۋەبچى بولالايدىغانلىقىنى ھېس قىلغاندا، نېمە قىلدى؟
بەزىدە ھەتتا ساداقەتمەن خۇدا خىزمەتچىلىرىگىمۇ ئوي-پىكىرلىرىنى پاك تۇتۇش قىيىن بولىدۇ. دائىم ئەخلاقسىز ئوي-پىكىرلەردە بولۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن نېمە قىلسىڭىز بولىدۇ؟ فىلىپىلىكلەر 4:8-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
-
قانداق ئىشلار ئۈستىدە ئويلىنىشىمىز كېرەك؟
-
مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇش ۋە يەھۋا خۇداغا خىزمەت قىلىش بىلەن بەنت بولۇش ئېزىقتۇرۇلۇشقا قارشى تۇرۇشىمىزغا قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
5. يەھۋانىڭ ئەخلاق ئۆلچەملىرى بىز ئۈچۈن پايدىلىق
يەھۋا بىز ئۈچۈن نېمە ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئۇ بىزگە ئەخلاقىي پاكلىقنى قانداق ساقلاشنى ۋە ئۇنىڭ پايدىسىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. پەندى-نەسىھەت 7:7–27-نى ئوقۇڭ ياكى فىلىمنى كۆرۈڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللار ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.
-
يىگىت ئېزىقتۇرۇلۇشقا باشلايدىغان ۋەزىيەتكە قانداق چۈشۈپ قالدى؟—پەندى-نەسىھەت 7:8، 9-نى كۆرۈڭ.
-
پەندى-نەسىھەت 7:23، 26-ئايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر ئەخلاق جەھەتتىن ئۆزىمىزنى پاك تۇتساق، قانداق مەسىلىلەردىن ساقلىنالايمىز؟
-
ئەخلاقىي پاكلىقنى ساقلاش مەڭگۈ شاد-خۇرام ياشىشىمىزغا قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
مۇقەددەس كىتابتا، ئوخشاش جىنىسلىقلارنىڭ جىنسىي مۇناسىۋىتى مەنئىي قىلىنغانلىقىنى بەزىلەر رەھىم-شەپقەتسىزلىك دەپ قارايدۇ. ئەمما، سۆيگۈ-مۇھەببەتنىڭ مەنبەسى يەھۋا خۇدا بارچە ئىنساننىڭ مەڭگۈ شاد-خۇرام ياشىشىنى خالايدۇ. مەڭگۈ ياشاشقا لايىق بولۇش ئۈچۈن چوقۇم ئۇنىڭ ئەخلاق ئۆلچەملىرىگە ماس ياشىشىمىز كېرەك. 1-كورىنتلىقلار 6:9–11-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
خۇدانىڭ نەزەرىدە، پەقەتلا ئوخشاش جىنسلىقلار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولۇش ئارزۇ-ئىستىكى ناتوغرىمۇ؟
خۇدانى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن، ھەممىمىز ئۆزگىرىشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشىشقا ئەرزىمدۇ؟ زەبۇر 19:8، 11-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
-
سىزنىڭچە، يەھۋانىڭ ئەخلاق ئۆلچەملىرى ئەقىلگە مۇۋاپىقمۇ؟ نېمە ئۈچۈن؟
ياراتقۇچى يەھۋا نۇرغۇن ئادەملەرگە ئۇنىڭ ئەخلاقىي ئۆلچەملىرىگە ماس ياشىشىغا ياردەم بەرگەن. ئۇ سىزگىمۇ ياردەم بېرەلەيدۇ
بەزىلەر مۇنداق دەيدۇ: «ئىككى ئادەم بىر-بىرىنى ياقتۇرسا، جىنسىي ئالاقىدە بولۇش خاتا ئەمەس».
-
سىز بۇنىڭغا نېمە دەيسىز؟
خۇلاسە
جىنسىي مۇناسىۋەت — يەھۋا نىكاھتا باغلانغان ئەر-خوتۇنغا بەرگەن سوۋغىدۇر.
تەكرارلاش
-
جىنسىي ئەخلاقسىزلىق نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟
-
جىنسىي ئەخلاقسىزلىقتىن ساقلىنىشىمىزغا نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
-
يەھۋانىڭ ئەخلاق ئۆلچەملىرىگە بويسۇنۇشنىڭ بىز ئۈچۈن قانداق پايدىسى بار؟
ئىزدىنىپ كۆرۈڭ
نېمە ئۈچۈن ياراتقۇچى يەھۋا بىرگە ياشىماقچى بولغان ئەر ۋە ئايالدىن نىكاھىنى قانۇنلۇق تىزىملىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ؟
مۇقەددەس كىتابتا ئوخشاش جىنىسلىقلارنىڭ جىنسىي مۇناسىۋىتى مەنئىي قىلىنغانلىقى رەھىم-شەپقەتسىزلىكمۇ؟
«ئوخشاش جىنىسلىقلارنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولۇشى خاتامۇ؟» (تور بېكەتتىكى ماقالە)
جىنسىي مۇناسىۋەت توغرىسىدىكى خۇدانىڭ قانۇنلىرىنىڭ بىزنى قانداق قوغدايدىغانلىقىنى ئۆگىنىۋېلىڭ.
ئوخشاش جىنسلىقلار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولغان كىشى ئۆزگىرىپ، خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان ئۇسۇلدا ياشىغان. بۇنى بىلىش ئۈچۈن «ماڭا ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلدى» ناملىق تەرجىمىھالنى ئوقۇڭ.
«مۇقەددەس كىتاب ھاياتنى ئۆزگەرتىدۇ» («كۈزىتىش مۇنارى»، 2011-يىل، 1-ئاپرېل)
a خۇدا ئۆچ كۆرىدىغان ئىشلار، ئېغىز بوشلۇقى، مەقەت يولى ئارقىلىق جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش ۋە باشقىلارنىڭ جىنسىي ئەزاسىنى ئەركىلىتىش قاتارلىق تۈرلۈك ئىش-ھەرىكەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.