42-دەرس
مۇقەددەس كىتاب بويتاقلىق ۋە نىكاھ ھەققىدە نېمە دەيدۇ؟
بەزى مەدەنىيەتلەردە كىشىلەر توي قىلمىسا، خۇشال-خۇرام ياشىيالمايدۇ دەپ قارىلىدۇ. ئەمما، توي قىلغانلارنىڭ ھەممىسىلا بەختلىك ئەمەس، بويتاق ئۆتكەنلەرنىڭ ھەممىسىلا بەختسىز ئەمەس. ھەقىقەت شۇكى، مۇقەددەس كىتاب ھەم بويتاقلىق ھەم نىكاھ ھەر ئىككىسىنى سوۋغات دەپ تىلغا ئالغان.
1. بويتاق ئۆتۈشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟
مۇقەددەس كىتاب مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى توي قىلسا ياخشى قىلغان بولىدۇ، توي قىلمىسا تېخىمۇ ياخشى قىلغان بولىدۇ» (1-كورىنتلىقلار 7:32، 33، 38-نى ئوقۇڭ). كىشى توي قىلماي بويتاق ئۆتسە، نېمىنى «تېخىمۇ ياخشى» قىلالايدۇ؟ بويتاق ئېتىقادچىنىڭ توي قىلغانلارغا ئوخشاش مەسئۇلىيىتى بولمىغاچ، ئادەتتە ئۇنىڭ كۆپرەك ئەركىنلىكى بار. بەزى بويتاقلار خۇداغا كۆپرەك خىزمەت قىلىش ئۈچۈن تۈرلۈك ئۇسۇللاردا ۋەز قىلىشقا قاتنىشالايدۇ. مەسىلەن، خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش ئۈچۈن باشقا دۆلەتكە بارالايدۇ. ھەممىدىن مۇھىمى، ئۇلار يەھۋاغا يېقىنلىشىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپرەك ۋاقىت چىقىرالايدۇ.
2. نىكاھنى قانۇنلۇق تىزىملىتىپ، توي قىلىشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟
خۇددى بويتاقلىققا ئوخشاش، توي قىلىشنىڭمۇ ئۆزگىچە پايدىسى بار. مۇقەددەس كىتاب مۇنداق دەيدۇ: «بىردىن ئىككىسى ياخشىدۇر» (ۋەز 4:9). نىكاھىدا مۇقەددەس كىتاب پرىنسىپلىرىنى ئەمەلىي قوللانغان خۇدا خىزمەتچىلىرى بۇ سۆزلەرنىڭ پايدىسىنى كۆرىدۇ. قانۇنلۇق توي قىلغان ئەر-خوتۇنلار بىر-بىرىنى سۆيۈش، ھۆرمەتلەش ۋە قەدىرلەش توغرىسىدا قەسەم قىلىدۇ. نەتىجىدە، ئۇلار توي قىلماي بىللە ياشايدىغانلارغا قارىغاندا، ئۆزلىرىنى دائىم بىخەتەر ھېس قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، نىكاھ پەرزەنتلەرنىڭ بىخەتەر ئائىلە مۇھىتىدا چوڭ بولۇشىغا شارائىت يارىتىدۇ.
3. يەھۋا نىكاھقا قانداق كۆزقاراشتا؟
يەھۋا تۇنجى نىكاھنى ئورۇنلاشتۇرغاندا شۇنداق دېگەن: «بىر ئادەم ئۆز ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ، ئۆز خوتۇنى بىلەن باغلىنىدۇ ۋە ئۇلار بىر تەن بولىدۇ» (يارىتىلىش 2:24). يەھۋا ئەر-خوتۇنلارنىڭ ئۆمۈرۋايەت بىر-بىرىنى سۆيۈپ، مەھكەم رىشتە باغلاپ ياشىشىنى خالايدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى زىنا قىلغان بولسا، خۇدا نىكاھتىن ئاجرىشىشقا رۇخسەت قىلىدۇ. يەھۋا بۇنداق ئەھۋالدا، بىگۇناھ جۈپتىگە نىكاھتىن ئاجرىشىش-ئاجراشماسلىقنى قارار قىلىش ھوقۇقىنى بېرىدۇ a (مەتتا 19:9). يەھۋا مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشىنى قوبۇل قىلمايدۇ.—1-تىموتىي 3:2.
چوڭقۇرراق قېزىڭ
مەيلى بويتاق ياكى توي قىلغان بولۇڭ، قانداق خۇشاللىق تېپىشنى ۋە ياراتقۇچى يەھۋانى خۇرسەن قىلىشنى بىلىۋېلىڭ.
4. بويتاقلىق سوۋغىسىدىن ياخشى پايدىلىنىڭ
ھەزرىتى ئەيسا بويتاقلىقنى سوۋغات سۈپىتىدە كۆرگەن. (مەتتا 19:11، 12). مەتتا 4:23-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
ھەزرىتى ئەيسا ئۆز ئاتىسىغا خىزمەت قىلىش ۋە باشقىلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن بويتاقلىق سوۋغىسىدىن قانداق پايدىلانغان؟
خۇدا خىزمەتچىلىرى بويتاقلىقىدىن پايدىلىنىپ خۇشاللىق تېپىشتا، ئەيسانى ئۈلگە قىلالايدۇ. فىلىمنى كۆرۈڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئال ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.
-
مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى بويتاقلىقىدىن قانداق ياخشى پايدىلىنالايدۇ؟
سىز بىلەمسىز؟
مۇقەددەس كىتابتا كىشىنىڭ قانچە ياشتا توي قىلىشى ھەققىدە بەلگىلىمە يوق. بىراق، ئۇ كىشىنى ياشلىق باھارى ئۆتۈپ كەتكۈچە ساقلاشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا كۈچلۈك جىنسىي ھېسسىيات ياشلارنىڭ دانا قارار چىقىرىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشى مۇمكىن.—1-كورىنتلىقلار 7:36.
5. ئاقىلانىلىك بىلەن ھەمراھ تاللاڭ
ھەمراھ تاللاش ھاياتىڭىزدا چىقىرىدىغان ئەڭ مۇھىم قارارلاردىن بىرى. مەتتا 19:4–6، 9-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
نېمە ئۈچۈن مەسىھ ئەگەشكۈچىسى توي قىلىشقا ئالدىراپ كەتمەسلىكى كېرەك؟
مۇقەددەس كىتاب بىزگە ھەمراھ تاللاش ھەققىدە قانداق ياخشى مەسلىھەتلەرنى بېرىدۇ. ھەممىدىن مۇھىمى، يەھۋانى سۆيىدىغان كىشىنى ھەمراھىڭىز بولۇشقا تاللاڭ b. 1-كورىنتلىقلار 7:39 ۋە 2-كورىنتلىقلار 6:14-نى ئوقۇڭ. كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
-
نېمە ئۈچۈن پەقەت يەھۋا گۇۋاھچىسى بىلەن توي قىلىشىمىز كېرەك؟
-
سىزنىڭچە، بىز يەھۋانى سۆيمەيدىغان كىشى بىلەن توي قىلساق، يەھۋا قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولار؟
ئىككى تۈرلۈك جانىۋارنى بىر بويۇنتۇرۇق ئاستىدا ماڭسا، ھەر ئىككىلىسى قىينىلىدۇ. خۇددى شۇنىڭدەك، يەھۋا گۇۋاھچىسى ئەمەس كىشى بىلەن توي قىلغانلارمۇ كۆپ قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ
6. نىكاھقا يەھۋانىڭ كۆزقارىشى بىلەن قاراڭ
قەدىمقى ئىسرائىلدا بەزى ئەرلەر شەخسىيەتچىلىك قىلىپ، ئايالىدىن ئاجرىشىپ كەتكەن. مالاكى 2:13، 14، 16-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
نېمە ئۈچۈن يەھۋا ناھەق ئاجرىشىشنى ئۆچ كۆرىدۇ؟
زىنا ۋە ئاجرىشىش بىگۇناھ ھەمراھىغا ۋە بالىلىرىغا نۇرغۇن ئازابلارنى ئېلىپ كېلىدۇ
فىلىمنى كۆرۈڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئال ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.
-
ئەگەر ھەمراھىڭىز يەھۋا گۇۋاھچىسى بولمىسا، نىكاھىڭىزنى بەختلىك قىلىش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟
7. يەھۋانىڭ نىكاھقا بولغان ئۆلچەم-قائىدىلىرىگە بويسۇنۇڭ
بەلكىم، يەھۋانىڭ نىكاھقا بولغان ئۆلچەم-قائىدىلىرىگە بويسۇنۇش ئۈچۈن، كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ c. بىراق، يەھۋا تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلەرنى بەرىكەتلەيدۇ. فىلىمنى كۆرۈڭ.
ئىبرانىيلار 13:4-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
-
سىزنىڭچە، يەھۋانىڭ نىكاھقا بولغان ئۆلچەم-قائىدىلىرى ئەقىلگە مۇۋاپىقمۇ؟ نېمە ئۈچۈن؟
كۆپىنچە دۆلەت ۋە رايونلاردا، ھۆكۈمەت نىكاھلىنىش ۋە ئاجرىشىشنى قانۇن بويىچە تىزىملىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. يەھۋا ئۆزىگە ئىبادەت قىلغۇچىلارنىڭ بۇ قانۇن-تۈزۈملەرگە بويسۇنۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. تىتۇس 3:1-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
ئەگەر توي قىلغان بولسىڭىز، نىكاھىڭىزنى ھۆكۈمەت قانۇنى بويىچە تىزىملاتتىڭىزمۇ؟
بەلكىم، بەزىلەر مۇنداق سورايدۇ: «نېمە ئۈچۈن قانۇنلۇق نىكاھلىنىش لازىم؟ توي قىلماي بىرگە ياشىسا بولمامدۇ؟»
-
بۇنىڭغا قانداق جاۋاب بېرىسىز؟
خۇلاسە
بويتاقلىق ۋە نىكاھ يەھۋا بەرگەن سوۋغىدۇر. ئەگەر بويتاقلار ھەم نىكاھلىق بولغانلار ياراتقۇچىنىڭ ئۆلچەملىرىگە ماس ياشىسا، شاد-خۇرام تۇرمۇش كەچۈرۈپ، كۆڭۈللىرى قانائەت تاپىدۇ.
تەكرارلاش
-
كىشى ئۆزىنىڭ بويتاقلىقىدىن قانداق ياخشى پايدىلىنالايدۇ؟
-
نېمە ئۈچۈن مۇقەددەس كىتاب پەقەت ئېتىقادداشلار بىلەن توي قىلىش كېرەك دەيدۇ؟
-
مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغاندا، ئاجرىشىشنىڭ بىردىن-بىر سەۋەبى نېمە؟
ئىزدىنىپ كۆرۈڭ
پەقەت ئېتىقادداشلار بىلەن توي قىلىش مۇھىملىقىنى بىلىۋېلىڭ.
«ئوقۇرمەنلەرنىڭ سوئاللىرى» («كۈزىتىش مۇنارى»، 2004-يىل، 1-ئىيۇل)
مۇھەببەتلىشىپ يۈرۈش ۋە توي قىلىشتا دانا قارار چىقىرىشىڭىزغا ياردەم بېرەلەيدىغان ئىككى قىسقا فىلىمنى كۆرۈڭ.
بىر قېرىنداش ئۆز ھاياتىدا ۋاز كەچكەن نەرسىلەرگە قارىغاندا، يەھۋا بەرگەن نەرسىلەرنىڭ تېخىمۇ قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان. نېمە ئۈچۈن؟
«مەن ئۇنىڭ ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم» (56:1)
a زىناغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋالدا، ئايرىلىپ ياشاش ھەققىدە بىلىش ئۈچۈن 4-ئىزاھاتقا قاراڭ.
b بەزى مەدەنىيەتلەردە، ئاتا-ئانىلار ئوغلى ياكى قىزى ئۈچۈن ھەمراھ تاللايدۇ. شۇنداق ئەھۋالدا، مېھرىبان ئاتا-ئانىلار ئالدى بىلەن پەرزەنتى ئۈچۈن تاللىماقچى بولغان كىشىنىڭ پۇل-مال ياكى ئىجتىمائىي ئورنى ئەمەس، بەلكى يەھۋانى سۆيىدىغان-سۆيمەيدىغانلىقى ھەققىدە ئويلىشىدۇ.
c ئەگەر سىز قانۇنلۇق نىكاھتىن ئۆتمەي، بىرى بىلەن ياشاۋاتقان بولسىڭىز، شۇ كىشىدىن ئايرىلىش ياكى توي قىلىشنى ئۆزىڭىز قارار قىلىسىز.