45-دەرس
بىتەرەپ تۇرۇش دېگەن نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟
ئەيسا ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىگە بۇ دۇنياغا مەنسۇپ ياكى تەۋە بولماسلىقى كېرەكلىكىنى ئېيتقان (يۇھاننا 15:19). بىتەرەپ تۇرۇش دۇنيانىڭ سىياسىي ئىشلىرىدا ۋە ئۇرۇش ياكى جەڭلەردە ھېچ تەرەپتە تۇرماسلىقنى بىلدۈرىدۇ. بىراق، بىتەرەپ تۇرۇش ھەمىشە ئاسان ئەمەس. مۇشۇ سەۋەبتىن، بىز مەسخىرىگە ئۇچرىشىمىز مۇمكىن. بىتەرەپلىكنى ساقلاپ، ياراتقۇچىمىز يەھۋاغا سادىق قېلىش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟
1. ھەقىقىي مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى ئىنسانىي ھۆكۈمەتلەرگە قانداق كۆزقاراشتا؟
مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى ھۆكۈمەتنى ھۆرمەتلەيدۇ. بىز ئەيسا مەسىھ بۇيرىغاندەك قىلىمىز ۋە قەيسەرنىڭ ھەققىنى قەيسەرگە بېرىمىز، يەنى ئۆزىمىز ياشىغان دۆلەتنىڭ قانۇنلىرىغا بويسۇنۇپ، تەلەپ قىلىنغان باجنى تاپشۇرىمىز (ماركۇس 12:17). مۇقەددەس كىتاب شۇنداق تەلىم بېرىدۇكى، يەھۋا ئىنسانىي ھۆكۈمەتلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىشىغا رۇخسەت قىلغىنى ئۈچۈنلا، ئۇلار ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ (رىملىقلار 13:1). شۇڭا، ئىنسانىي ھۆكۈمەتلەرنىڭ پەقەت نىسبىي ياكى چەكلىك ھوقۇققا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىمىز. بىز خۇدا ۋە ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ئىنسانىيەتنىڭ بارلىق قىيىنچىلىقلىرىنى پات-ئارىدا ھەل قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.
2. بىز بىتەرەپ تۇرىدىغانلىقىمىزنى قانداق كۆرسىتەلەيمىز؟
ئەيساغا ئوخشاش، بىز سىياسەتكە ئارىلاشمايمىز. كىشىلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ بىر مۆجىزىسىنى كۆرۈپ، ئۇنى يەر يۈزىدە ئۆزلىرىنىڭ پادىشاھى قىلماقچى بولغان. بىراق، ئەيسا ئۇلارنى رەت قىلغان ئىدى (يۇھاننا 6:15). نېمە ئۈچۈن؟ جاۋابنى ئەيسانىڭ كېيىنرەك ئېيتقان مۇنۇ سۆزلىرىدىن تاپالايمىز: «مېنىڭ پادىشاھلىقىم بۇ دۇنيادىن ئەمەس» (يۇھاننا 18:36). ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى سۈپىتىدە بىزلەر بىتەرەپ تۇرىدىغانلىقىمىزنى بىرقانچە ئۇسۇللار بىلەن كۆرسىتىمىز. مەسىلەن، بىز قوللىرىمىزغا قورال ئېلىپ ئۇرۇشقا بارمايمىز (مىكاھ 4:3-نى ئوقۇڭ). دۆلەتلەرنىڭ بايراقلىرىغا ئوخشاش سىمۋوللۇق بەلگىلەرگە ھۆرمەت كۆرسىتىمىز، بىراق خۇداغا بېرىدىغان شان-شەرەپنى ئۇلارغا بەرمەيمىز (1-يۇھاننا 5:21). ھېچقانداق سىياسىي پارتىيە ياكى نامزاتلار تەرەپتە تۇرمايمىز ياكى ئۇلارغا قارشى چىقمايمىز. مۇشۇنداق ۋە باشقا ئۇسۇللاردا، بىز خۇدانىڭ ھۆكۈمىتىگە، يەنى ئۇنىڭ پادىشاھلىقىغا پۈتۈنلەي سادىق ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتىمىز.
چوڭقۇرراق قېزىڭ
بىتەرەپلىكنى ساقلىشىمىزغا قىيىنچىلىق تۇغدۇرىدىغان ۋەزىيەتلەرنى بىلىۋېلىڭ ۋە يەھۋانى خۇرسەن قىلىدىغان قارارلارنى قانداق چىقىرالايدىغانلىقىڭىزنى كۆرۈپ بېقىڭ.
3. ھەقىقىي مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى بىتەرەپ تۇرىدۇ
ھەزرىتى ئەيسا ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بىزگە ئۈلگە قالدۇرغان. رىملىقلار 13:1، 5–7 ۋە 1-پېترۇس 2:13، 14-نى ئوقۇڭ. كېيىن فىلىمنى كۆرۈپ، تۆۋەندىكى سوئاللار ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.
-
بىز نېمە ئۈچۈن ئىنسانىي ھۆكۈمەتلەرنى ھۆرمەتلىشىمىز كېرەك؟
-
ئۇلارغا بويسۇنىدىغانلىقىمىزنى قايسى يوللار بىلەن كۆرسىتەلەيمىز؟
ئۇرۇش مەزگىلىدە، بەزى دۆلەتلەر ئۆزىنى بىتەرەپ دەپ جاكارلىشى مۇمكىن. ئەمما، ئۇرۇش پەيتىدە ئۇلار جەڭ قىلىۋاتقان ھەر ئىككىلا تەرەپكە ياردەم بېرىدۇ. ھەقىقىي بىتەرەپلىك دېگەن نېمە؟ يۇھاننا 17:16-نى ئوقۇڭ. فىلىمنى كۆرۈڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئال ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.
-
بىتەرەپلىك دېگەن نېمە؟
ئەگەر ئىنسانىي ھۆكۈمەت خۇدانىڭ قانۇنىغا زىت بىر ئىشنى قىلىشنى تەلەپ قىلسىچۇ؟ ئەلچىلەر 5:28، 29-نى ئوقۇڭ. فىلىمنى كۆرۈڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللار ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.
-
ئەگەر ئىنسانلارنىڭ قانۇنى خۇدانىڭ قانۇنىغا زىت بولسا، كىمنىڭ قانۇنىغا بويسۇنۇشىمىز كېرەك؟
-
سىزنىڭچە، مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى قايسى ۋەزىيەتلەردە ئىنسانىي ھۆكۈمەتلەرگە بويسۇنمايدۇ؟
4. ئوي-پىكىر ۋە ئىش-ھەرىكەتتە بىتەرەپ تۇرۇڭ
1-يۇھاننا 5:21-نى ئوقۇڭ. فىلىمنى كۆرۈڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللار ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.
-
بۇ فىلىمدا، ئايېنگې نېمە ئۈچۈن سىياسىي پارتىيىنىڭ ئەزا بولماسلىقنى ۋە بايراققا سالام بېرىشتەك ۋەتەنپەرۋەرلىك مۇراسىملىرىغا قاتناشماسلىقنى قارار قىلدى؟
-
سىزنىڭچە، ئۇ ئاقىلانە قارار قىلدىمۇ؟
يەنە قانداق ۋەزىيەتلەردە بىتەرەپلىكنى ساقلاشتا سىناققا دۇچ كېلىشىمىز مۇمكىن؟ فىلىمنى كۆرۈڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللار ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.
-
خەلقئارا تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىدە بىتەرەپلىكنى قانداق ساقلىيالايمىز؟
-
ھەتتا سىياسەتچىلەرنىڭ قارارلىرى تۈپەيلى، ئۆزىمىز زىيان تارتساق ياكى پايدا كۆرسەكمۇ، بىتەرەپلىكنى قانداق ساقلىيالايمىز؟
-
ئاخبارات خەۋەرلىرى ياكى تونۇش كىشىلەردىن ئاڭلىغان مەلۇماتلار بىتەرەپلىكنى ساقلىشىمىزغا قانداق تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ؟
بەلكىم، بەزىلەر مۇنداق سورايدۇ: «نېمىشقا بايراققا سالام قىلمايسىز ياكى دۆلەت شېئىرىنى ئېيتمايسىز؟»
-
سىز بۇنىڭغا قانداق جاۋاب بېرىسىز؟
خۇلاسە
مەسىھ ئەگەشكۈچىلىرى سىياسىي ئىشلارغا قارىتا ئوي-پىكىر، گەپ-سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەتتە بىتەرەپلىكنى ساقلاش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىدۇ.
تەكرارلاش
-
ھۆكۈمەتلەر ئالدىدا قانداق مەجبۇرىيەتلىرىمىز بار؟
-
نېمە ئۈچۈن سىياسىي ئىشلاردا بىتەرەپ تۇرىمىز؟
-
قايسى ۋەزىيەتلەردە بىتەرەپلىكنى ساقلاشتا سىناققا دۇچ كېلىشىمىز مۇمكىن؟
ئىزدىنىپ كۆرۈڭ
بىتەرەپ تۇرۇش ئۈچۈن قانداق قۇربانلىقلارنى بېرىشىمىزگە توغرا كېلىشى مۇمكىن؟
ئائىلىلەر بىتەرەپلىكنى ساقلاش ئۈچۈن ئالدىن-ئالا قانداق تەييارلىق قىلسا بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن ئۆز ۋەتىنىنى قوغداش كىشى ئېرىشەلەيدىغان ئەڭ ئالىي شەرەپ ئەمەس؟
ئىش ئورنى تاللاشنى قارار قىلغاندا، بۇ دۇنياغا مەنسۇپ ئەمەسلىكىڭىزنى قانداق كۆرسىتەلەيسىز؟
«ھەركىم ئۆز يۈكىنى ئۆزى كۆتىرىدۇ» («كۈزىتىش مۇنارى»، 2006-يىل، 15-مارت)