50-دەرس
بەخت-سائادەتلىك ئائىلە. 2-قىسىم
بالىلار ياراتقۇچىمىز يەھۋانىڭ ھەدىيەسىدۇر. ئۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇ سوۋغىنى قەدىرلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ ۋە شۇنداق قىلىشى ئۈچۈن ئۇلارغا دانا نەسىھەتلەرنى بېرىدۇ. ئۇنىڭ نەسىھىتى بالىلارغىمۇ ياردەم بېرىدۇ. بالىلار نەسىھەتكە قۇلاق سالسا، ئائىلىنىڭ بەخت-سائادەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە ئۆز ھەسسىسىنى قوشالايدۇ.
1. يەھۋا ئاتا-ئانىلارغا قانداق نەسىھەت بېرىدۇ؟
يەھۋا ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى سۆيۈشىنى ۋە ئۇلار بىلەن مۇمكىنقەدەر كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكۈزۈشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇ يەنە ئاتا-ئانىلارنىڭ مۇقەددەس كىتاب پرىنسىپلىرى بويىچە، بالىلىرىغا تەلىم-تەربىيە بېرىپ، ئۇلارنى زىيان-زەخمەتتىن قوغدىشىنى خالايدۇ (پەندى-نەسىھەت 23:22–25). ئۇ ئاتىلارغا پەرزەنتىڭلارنى يەھۋانىڭ تەلىمى بويىچە تەربىيىلەڭلار دەيدۇ (ئەفەسلىكلەر 6:4-نى ئوقۇڭ). ئەگەر ئاتا-ئانىلار بالىلارنى تەربىيىلەشتە، يەھۋانىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئەمەل قىلىپ، بۇ مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا تاپشۇرمىسا، ياراتقۇچىمىز ئىنتايىن خۇشال بولىدۇ.
2. يەھۋا بالىلارغا قانداق نەسىھەت بېرىدۇ؟
يەھۋا بالىلارغا: «ئۆز ئاتا-ئاناڭلارغا ئىتائەت قىلىڭلار»،— دەيدۇ (كولوسىلىقلار 3:20-نى ئوقۇڭ). بالىلار ئاتا-ئانىسىنى ھۆرمەتلەپ، ئۇلارغا بويسۇنسا، ئاتا-ئانىسىنى ۋە يەھۋا خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ (پەندى-نەسىھەت 23:22–25). ئەيسا بالىلىق چېغىدا ياخشى ئۈلگە قالدۇرغان. گەرچە ئاتا-ئانىسى نامۇكەممەل بولسىمۇ، ئۇ ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىپ، ئۇلارنى ھۆرمەتلىگەن ئىدى.—لۇقا 2:51، 52.
3. ئائىلىدىكىلەر بىرلىكتە خۇداغا قانداق يېقىنلىشالايدۇ؟
ئەگەر ئاتا-ئانا بولسىڭىز، شەك-شۈبھىسىزكى بالىلىرىڭىزنىڭ يەھۋانى سىزدەك چىن قەلبىدىن سۆيۈشىنى ئۈمىد قىلىسىز. ئۇنداقتا، بالىلىرىڭىزنىڭ شۇنداق قىلىشىغا قانداق ياردەم بېرەلەيسىز؟ مۇقەددەس كىتابتىكى مۇنۇ نەسىھەت ياردەم بېرەلەيدۇ: «سەن ئۇلارنى [يەھۋانىڭ سۆزلىرىنى] بالىلىرىڭغا سىڭدۈرۈپ ئۆگەت، مەيلى ئۆيدە ئولتۇرغاندا، يولدا ماڭغاندا، . . . ھەر ۋاقىت ئۇلار توغرۇلۇق سۆزلىگىن» (تەكرار قانۇن 6:7). بىز بىلىمىزكى، بالىلارنىڭ قەلبىگە بىر نەرسىنى «سىڭدۈرۈپ» ئۆگىتىش ئۈچۈن، داۋاملىق ئۇلارغا قايتا-قايتا سۆزلەپ تۇرۇشىمىز كېرەك. شۇندىلا ئۇلار ئۆگەتكەنلىرىمىزنى ئەستە ساقلىيالايدۇ. بۇ ئايەت بالىلىرىڭىزغا يەھۋا ھەققىدە سۆزلەش ئۈچۈن دائىم پۇرسەت ئىزدىشىڭىز كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ھەر ھەپتە ۋاقىت چىقىرىپ، ئائىلىڭىزدىكىلەر بىلەن بىرگە ئائىلىۋى ئىبادەت ئۆتكۈزۈش بەك پايدىلىق. ئەگەر بالىلىرىڭلار بولمىسا، ئەر-ئايال ھەر ھەپتە ۋاقىت چىقىرىپ، بىرلىكتە خۇدا سۆزىنى تەتقىق قىلساڭلار، بۇنىڭ كۆپ پايدىسىنى كۆرىسىلەر.
چوڭقۇرراق قېزىڭ
بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ بەختلىك ۋە بىخەتەر تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە ياردەم بېرىدىغان ئەمەلىي مەسلىھەتلەر ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىپ كۆرۈڭ.
4. بالىلىرىڭلارنى مېھىر-مۇھەببەت بىلەن تەربىيىلەڭلار
بالا تەربىيىلەش ئاسان ئەمەس. مۇقەددەس كىتاب قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟ ياقۇپ 1:19، 20-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللار ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.
-
ئاتا-ئانىلار بالىلىرى بىلەن پاراڭلاشقاندا، مېھىر-مۇھەببىتىنى قانداق كۆرسىتەلەيدۇ؟
-
نېمە ئۈچۈن ئاتا-ئانا ئاچچىقلانغاندا، بالىلارغا تەربىيە بەرمەسلىكى كېرەك a؟
5. بالىلىرىڭلارنى قوغداڭلار
بالىلىرىڭلارنى قوغداش ئۈچۈن، ھەربىر بالا بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت توغرىسىدا سۆزلىشىش ئىنتايىن مۇھىم. بۇ ھەققىدە ئوچۇق پاراڭلىشىش قىيىن بولۇشى مۇمكىن. فىلىمنى كۆرۈڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللار ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.
-
نېمە ئۈچۈن بەزى ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت توغرۇلۇق سۆزلىشىشى قىيىن؟
-
بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا جىنسىي مۇناسىۋەتنى قانداق چۈشەندۈرگەن؟
بېشارەتلەردە ئېيتىلغاندەك، شەيتاننىڭ دۇنياسى كۈندىن-كۈنگە رەزىللىشىپ كېتىۋاتىدۇ. 2-تىموتىي 3:1، 13-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
13-ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان رەزىل كىشىلەر بالىلارنى جىنسىي جەھەتتىن خورلايدۇ. نېمە ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا جىنسىي مۇناسىۋەت ھەققىدە چۈشەندۈرۈشى ۋە رەزىل كىشىلەرنىڭ جىنسىي خورلىشىدىن ئۆزلىرىنى قانداق قوغداش كېرەكلىكىنى ئۆگىتىشى ئىنتايىن مۇھىم؟
سىز بىلەمسىز؟
ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىگە جىنسىي مۇناسىۋەت ھەققىدە چۈشەندۈرىدۇ ۋە ئۆزىنى جىنسىي خورلىغۇچىلاردىن قانداق قوغداشنى ئۆگىتىدۇ. يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئاتا-ئانىلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان ماقالىلەر ۋە فىلىملەرنى نەشىر قىلىدۇ. مەسىلەن:
-
«بالىلىرىڭلارنى قوغداڭلار» (فىلىم)
-
«ئۇلۇغ ئۇستازدىن ئۆگىنەيلى» 10-باب ۋە 32-باب
-
«بالىڭىزغا جىنسىي مۇناسىۋەت ھەققىدە چۈشەندۈرۈڭ» («ئويغىنىش!»، 2016-يىل، 5-سان)
6. ئاتا-ئاناڭلارنى ھۆرمەتلەڭلار
بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەر گەپ قىلغاندا، ئاتا-ئانىلىرىغا بولغان ھۆرمىتىنى كۆرسىتەلەيدۇ. فىلىمنى كۆرۈڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللار ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.
-
بىر بالا ياكى ئۆسمۈرنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ھۆرمەت بىلەن سۆزلىشى نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟
-
ياشلار ئاتا-ئانىلىرىغا سۆزلىگەندە، ئۇلارنى ھۆرمەتلەيدىغانلىقىنى قانداق كۆرسىتەلەيدۇ؟
پەندى-نەسىھەت 1:8-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
ئاتا-ئانىسى نەسىھەت بەرگەندە، ياشلار قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەك؟
7. بىرلىكتە يەھۋاغا ئىبادەت قىلىڭلار
يەھۋا گۇۋاھچىسى بولغان ئائىلىلەر ئائىلىۋى ئىبادەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ھەر ھەپتە ۋاقىت چىقىرىدۇ. ئۇ قانداق ئۆتكۈزۈلىدۇ؟ فىلىمنى كۆرۈڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللار ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.
-
بىر ئائىلە كىشىلىرى ھەر ھەپتە ئائىلىۋى ئىبادەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن نېمە قىلالايدۇ؟
-
ئاتا-ئانىلار ئائىلىۋى ئىبادەتنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ۋە قىزىقارلىق ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلالايدۇ؟ — بۇ دەرسنىڭ بېشىدىكى رەسىمگە قاراڭ.
-
سىلەرنىڭ ئائىلىۋى ئىبادەت ئۆتكۈزۈشۈڭلارغا نېمە قىيىنچىلىق تۇغدۇرىدۇ؟
قەدىمقى ئىسرائىلدا، يەھۋا ئائىلىلەردىن مۇقەددەس يازمىلار ھەققىدە دائىم پاراڭلىشىشىنى تەلەپ قىلغان. تەكرار قانۇن 6:6، 7-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
بۇ پرىنسىپنى قانداق ئەمەلىي قوللىنالايسىز؟
ئائىلىۋى ئىبادەت ئۈچۈن مەسلىھەتلەر:
-
جامائەت يىغىلىشلىرىغا تەييارلىق قىلىڭلار.
-
ئائىلىڭىزدىكىلەر ياقتۇرىدىغان مۇقەددەس كىتابتىكى ئۈزۈندىلەرنى ئوقۇڭلار ۋە مۇھاكىمە قىلىڭلار.
-
كىچىك بالىلىرىڭىز بولسا، jw.org تور بېكىتىدىن بالىلار ئۈچۈن تاپشۇرۇقلارنى چۈشۈرۈۋېلىڭ ياكى بېسىپ چىقىرىڭلار.
-
ئۆسمۈر بالىلىرىڭىز بولسا، jw.org تور بېكىتىدىن ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن تەييارلانغان ماقالىلەرنى بىرلىكتە مۇھاكىمە قىلىڭلار.
-
مۇقەددەس كىتابتىكى بىر ھېكايىنى بالىلىرىڭلار بىلەن سەھنىلەشتۈرۈپ، دراما ئويناڭلار.
-
jw.org تور بېكىتىدىكى بىر فىلىمنى كۆرۈپ، ئۇنى مۇھاكىمە قىلىڭلار.
بەزىلەر مۇنداق دەيدۇ: «مۇقەددەس كىتاب بالىلار ئوقۇيدىغان كىتاب ئەمەس».
-
سىز بۇنىڭغا نېمە دەيسىز؟
خۇلاسە
يەھۋا ئاتا-ئانىلاردىن بالىلىرىنى سۆيۈشنى، تەربىيىلەشنى ۋە قوغداشنى تەلەپ قىلىدۇ. بالىلاردىن بولسا، ئاتا-ئانىلىرىنى ھۆرمەتلەشنى ۋە ئۇلارغا بويسۇنۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئائىلىدىكىلەر بىرلىكتە ئائىلىۋى ئىبادەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلىدۇ.
تەكرارلاش
-
ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى قانداق تەربىيىلىيەلەيدۇ ۋە قوغدىيالايدۇ؟
-
بالىلار ئاتا-ئانىسىغا ھۆرمەت كۆرسىتىش ئۈچۈن نېمە قىلالايدۇ؟
-
ئائىلىۋى ئىبادەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ھەر ھەپتە ۋاقىت چىقىرىشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟
ئىزدىنىپ كۆرۈڭ
بالىلارنىڭ قورامىغا يېتىشىگە ئاتا-ئانىلار ياردەم بېرەلەيدۇ؟
«بالىلار ئۆگىنىشكە تېگىشلىك ئالتە پەزىلەت» («ئويغىنىش!»، 2019-يىل، 2-سان)
ياشانغان ئاتا-ئانىلىرىدىن خەۋەر ئالىدىغانلار ئۈچۈن مۇقەددەس كىتابتا قانداق مەسلىھەتلەر بار؟
پەرزەنت تەربىيىلەشنى بىلمىگەن كىشىنىڭ قانداق قىلىپ ياخشى بىر ئاتىغا ئايلانغانلىقىنى كۆرۈپ بېقىڭ.
«بالا تەربىيىلەشنى يەھۋا خۇدادىن ئۆگەندۇق» (58:5)
ئاتىلار ئوغۇللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى قانداق كۈچەيتەلەيدىغانلىقىنى مۇھاكىمە قىلىڭ.
«ئاتىلار ئوغۇللىرى بىلەن قانداق يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتالايدۇ؟» («كۈزىتىش مۇنارى»، 2011-يىل، 1-نويابىر)
a مۇقەددەس كىتابتا «تەربىيە بېرىش» دېگەن سۆزلەر يول-يورۇق كۆرسىتىش ياكى تۈزىتىش دېگەنلەرنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ ھاقارەتلەش ياكى زوراۋانلىق قىلىشنى بىلدۈرمەيدۇ.—پەندى-نەسىھەت 4:1.