51-دەرس
گەپ-سۆزلىرىڭىز بىلەن يەھۋانى خۇرسەن قىلىڭ
يەھۋا بىزنى ياراتقاندا، بىزگە سۆزلەش قابىلىيىتىنى سوۋغا قىلغانىدى. ئۇ بىزنىڭ بۇ ئاجايىپ سوۋغىنى قانداق ئىشلىتىشىمىزگە كۆڭۈل بۆلەمدۇ؟ ئەلۋەتتە، كۆڭۈل بۆلىدۇ (ياقۇپ 1:26-نى ئوقۇڭ). ئۇنداقتا، يەھۋانى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن سۆزلەش قابىلىيىتىمىزنى قانداق ئىشلىتىشىمىز كېرەك؟
1. يەھۋا بەرگەن سوۋغىنى قانداق ئىشلىتىشىمىز كېرەك؟
مۇقەددەس كىتاب بىزگە: «ھازىر قىلىۋاتقىنىڭلاردەك، بىر-بىرىڭلارغا تەسەللى بېرىپ، بىر-بىرىڭلارنى كۈچلەندۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇڭلار»،— دەيدۇ (1-سالونىكالىقلار 5:11). سىز تونۇيدىغانلارنىڭ ئارىسىدا تەسەللىگە مۇھتاج كىشلەر بارمۇ؟ ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟ شۇ كىشىلەرگە ئۇلارنى قەدىرلەيدىغانلىقىڭىزنى ئېيتىڭ. ئۇلارنىڭ سىزنى سۆيۈندۈرىدىغان ياخشى تەرەپلىرىنى سۆزلەپ بېرىڭ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇلارغا ئىلھام بېرىش ئۈچۈن مۇقەددەس كىتابتىن بىر ئايەتنى ئوقۇپ بېرىڭ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئېيتقان سۆزلىرىڭىز باشقىلارغا كۈچلۈك تەسىر قىلغاندەك، سۆزلىرىڭىزنى قانداق ئۇسۇلدا ئېيتىشمۇ شۇنداق كۈچلۈك تەسىر قىلىدۇ. شۇڭا، ھەمىشە مۇلايىملىق ۋە مېھرىبانلىق بىلەن سۆزلەشكە تىرىشىڭ.—پەندى-نەسىھەت 15:1.
2. قانداق گەپ-سۆزلەرنى قىلماسلىقىمىز كېرەك؟
مۇقەددەس كىتاب: «ئېغىزىڭلاردىن ھېچقانداق پاسكىنا گەپ چىقمىسۇن»،— دەيدۇ (ئەفەسلىكلەر 4:29-نى ئوقۇڭ). دېمەك، بىز يامان سۆزلەرنى قىلمايمىز ياكى باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى پىچاق تىققاندەك ئاغرىتىدىغان قوپال ۋە ھاقارەتلىك سۆزلەرنى ئىشلەتمەيمىز. بىز يەنە زىيانلىق غەيۋەت-شىكايەتلەر ۋە تۆھمەتلەردىن ساقلىنىشىمىز كېرەك.—پەندى-نەسىھەت 16:28-نى ئوقۇڭ.
3. باشقىلارنى ئىلھاملاندۇرىدىغان سۆزلەرنى قىلىشىمىزغا نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
بىزنىڭ قىلغان گەپ-سۆزلىرىمىز ھەمىشە كۆڭلىمىزدە نېمە بارلىقىنى ۋە ئوي-پىكىرلىرىمىزنى ئاشكارىلايدۇ (لۇقا 6:45). شۇڭا، بىز دىققىتىمىزنى ئىجابىي ئىشلارغا، يەنى ئادىل، پاك، مېھىر-مۇھەببەتكە ئۈندەيدىغان ۋە ماختاشقا ئەرزىيدىغان ئىشلارغا قارىتىشنى ئۆگىنىشىمىز لازىم (فىلىپىلىكلەر 4:8). بۇنداق قىلىش ئۈچۈن ئويۇن-تاماشىلارنى ۋە دوستلارنى تاللىغاندا، ئېھتىياتچانلىق بىلەن، دانا قارارلارنى چىقىرىشىمىز كېرەك (پەندى-نەسىھەت 13:20). بۇنىڭدىن باشقا، سۆز قىلىشتىن بۇرۇن گەپ-سۆزلىرىمىزنىڭ باشقىلارغا قانداق تەسىر قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئويلىنىشىمىز لازىم. مۇقەددەس كىتاب مۇنداق دەيدۇ: «ئويلانمايلا قىلغان سۆز خۇددى قىلىچ سانجىغاندەك بولار».—پەندى-نەسىھەت 12:18.
چوڭقۇرراق قېزىڭ
يەھۋانى خۇرسەن قىلىدىغان ۋە باشقىلارغا ئىلھام-مەدەت بېرەلەيدىغان ئۇسۇلدا سۆزلەشنى ئۆگىنىۋېلىڭ.
4. گەپ-سۆزلىرىڭىزگە دىققەت قىلىڭ
بەزى چاغلاردا ھەممىمىز بەزى گەپ-سۆزلەرنى دەپ قويۇپ، كېيىن پۇشايمان قىلىمىز (ياقۇپ 3:2). گالاتىيالىقلار 5:22، 23-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
-
گەپ-سۆزلىرىڭىزگە دىققەت قىلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدىغان قايسى پەزىلەتلەرنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن يەھۋاغا دۇئا قىلسىڭىز بولىدۇ؟ بۇ پەزىلەتلەر سىزگە قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
1-كورىنتلىقلار 15:33-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
تاللىغان دوستلىرىڭىز ۋە ئويۇن-تاماشىلار گەپ-سۆزلىرىڭىزگە قانداق تەسىر قىلىشى مۇمكىن؟
گەپ-سۆزلىرىڭىزگە نېمە تەسىر قىلىشى مۇمكىن؟
ۋەز 3:1، 7-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
قايسى ۋاقىتتا سۈكۈت قىلساق ياكى مۇۋاپىق ۋاقىتنى تېپىپ سۆز قىلساق ياخشى بولىدۇ؟
5. باشقىلار ھەققىدە ياخشى گەپ قىلىڭ
باشقىلارنى ھاقارەتلەيدىغان ياكى كەمسىتىدىغان گەپ-سۆزلەردىن قانداق ساقلىنالايمىز؟ فىلىمنى كۆرۈڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللار ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.
-
فىلىمدىكى بۇرادەر نېمە ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆزگەرتمەكچى بولدى؟
-
ئۇ ئۆزىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن نېمە ئىش قىلدى؟
ۋەز 7:16-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
بىز باشقىلار ھەققىدە يامان گەپ قىلىشقا ئازدۇرۇلساق، نېمىلەرنى ئەستە ساقلىشىمىز كېرەك؟
ۋەز 7:21، 22-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
ئەگەر باشقىلار سىز توغرۇلۇق يامان گەپ-سۆزلەرنى قىلسا، بۇ ئايەتلەر سىزنىڭ تېزلا رەنجىمەسلىكىڭىزگە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
6. ئائىلىڭىزدىكىلەرگە مۇلايىملىق بىلەن سۆز قىلىڭ
يەھۋا بىزنىڭ ئائىلە ئەزالىرىمىزغا مۇلايىم ۋە مېھىر-شەپقەت بىلەن سۆز قىلىشىمىزنى خالايدۇ. فىلىمنى كۆرۈڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئال ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.
-
ئائىلە ئەزالىرىڭىزغا مۇلايىملىق بىلەن سۆز قىلىشىڭىزغا نېمە ياردەم بېرىدۇ؟
ئەفەسلىكلەر 4:31، 32-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
بىز قانداق سۆزلەرنى قىلساق، ئائىلىمىزدىكىلەر ئۆزىنى قەدىرلەنگەندەك ھېس قىلىدۇ؟
يەھۋا ئۆز ئوغلى ئەيسانى سۆيىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. مەتتا 17:5-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
ئائىلىڭىزدىكىلەرگە گەپ قىلغاندا، يەھۋانى قانداق ئۈلگە قىلالايسىز؟
باشقىلارنى ماختاشنىڭ پۇرسەتلىرىنى ئىزدەڭ
بەزىلەر مۇنداق دەيدۇ: «مەن كۆڭلۈمدە نېمە بولسا، شۇنى دەۋېتىمەن. ئەگەر باشقىلار گېپىمنى ياقتۇرمىسا، بۇ ئۆزىنىڭ ئىشى».
-
سىز بۇ ئوي-پىكىرگە قوشۇلامسىز؟ نېمە ئۈچۈن؟
خۇلاسە
گەپ-سۆزلىرىمىز باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە تەسەللى ياكى ئازار بېرەلەيدۇ. شۇڭا، نېمە دېيىش، قاچان سۆزلەش ۋە قانداق سۆزلەشكە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك.
تەكرارلاش
-
باشقىلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن سۆزلەش قابىلىيىتىمىزنى قانداق ئىشلىتىشىمىز كېرەك؟
-
سىز قانداق گەپ-سۆزلەرنى قىلىشتىن ساقلىنىشنى خالايسىز؟
-
باشقىلارغا ھەمىشە كۆڭۈل بولۇپ، ئىلھام-مەدەت بېرىدىغان سۆزلەرنى قىلىشىمىزغا نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟
ئىزدىنىپ كۆرۈڭ
ياخشى گەپ-سۆزلەرنى قىلىشقا نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟
يامان گەپ-سۆزلەرنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىشقا نېمە ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىنى بىلىۋېلىڭ.
«ھاقارەتلىك سۆزلەرنى قىلىش ھەقىقەتەن يامانمۇ؟» (تور بېكەتتىكى ماقالە)
غەيۋەت-شىكايەتتىن قانداق نېرى تۇرالايدىغانلىقىڭىزنى كۆرۈڭ.
يەھۋا بىر كىشىگە يامان گەپ-سۆزلەرنى قىلىش ئادىتىنى تاشلاشقا قانداق ياردەم بەرگەنلىكىنى ئوقۇپ كۆرۈڭ.
«مەن ئۆز ھاياتىم توغرۇلۇق ئەستايىدىل ئويلاشقا باشلىدىم» («كۈزىتىش مۇنارى»، 2013-يىل، 1-ئاۋغۇست)