مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

54-‏دە‌رس

سادىق ۋە ئە‌قىل-‏پاراسە‌تلىك قۇ‌لنىڭ رولى

سادىق ۋە ئە‌قىل-‏پاراسە‌تلىك قۇ‌لنىڭ رولى

مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى جامائىتىنىڭ بېشى ئە‌يسا مە‌سىھتۇ‌ر (‏ئە‌فە‌سلىكلە‌ر 5:‏23‏)‏.‏ بۈگۈنكى كۈندە ئە‌يسا ئاسماندا تۇ‌رۇ‌پ،‏ سادىق ۋە ئە‌قىل-‏پاراسە‌تلىك قۇ‌ل ئارقىلىق يە‌ر يۈزىدىكى ئە‌گە‌شكۈچىلىرىنى يېتە‌كلە‌يدۇ (‏مە‌تتا 24:‏45-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ ئۆزى بۇ قۇ‌لنى تە‌يىنلە‌پ،‏ ئۇ‌نىڭغا بە‌زى قارارلارنى چىقىرىش ھوقۇ‌قىنى بە‌رگە‌ن.‏ ئە‌مما،‏ بۇ قۇ‌ل چوقۇ‌م مە‌سىھكە بويسۇ‌نۇ‌شى ۋە ئۇ‌نىڭ قېرىنداشلىرىغا خىزمە‌ت قىلىشى كېرە‌ك.‏ بۇ قۇ‌ل كىم؟‏ ئۇ بىزگە قانداق غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدۇ؟‏

1.‏ سادىق ۋە ئە‌قىل-‏پاراسە‌تلىك قۇ‌ل كىم؟‏

ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋا ئۆز خە‌لقىگە يول-‏يورۇ‌ق بېرىش ئۈچۈن ھە‌ردائىم بىر كىشىنى ياكى بىر توپ كىشىلە‌رنى ئىشلىتىپ كە‌لگە‌ن (‏مالاكى 2:‏7؛‏ ئىبرانىيلار 1:‏1‏)‏.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ ئۆلگە‌ندىن كېيىن،‏ يېرۇ‌سالىمدىكى ئە‌لچىلە‌ر ۋە ئاقساقاللار مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى جامائىتىگە يولباشچىلىق قىلىش مە‌سئۇ‌لىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان (‏ئە‌لچىلە‌ر 15:‏2‏)‏.‏ خۇ‌ددى شۇ‌نىڭدە‌ك،‏ بۈگۈنكى كۈندىمۇ كىچىك بىر توپ ئاقساقاللار جامائە‌تنى روھىي ئوزۇ‌قلۇ‌ق بىلە‌ن تە‌مىنلە‌پ،‏ ۋە‌ز ئېيتىش خىزمىتىگە يېتە‌كچىلىك قىلىدۇ.‏ بۇ توپ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ يېتە‌كچى كېڭىشى دە‌پ ئاتالغان بولۇ‌پ،‏ ئە‌يسا تە‌يىنلىگە‌ن سادىق ۋە ئە‌قىل-‏پاراسە‌تلىك قۇ‌لدۇ‌ر (‏مە‌تتا 24:‏45‏)‏.‏ يېتە‌كچى كېڭە‌شنىڭ بارلىق ئە‌زالىرى مە‌سىھ قىلىنغان ئېتىقادچىلار بولۇ‌پ،‏ يە‌ر يۈزىدىكى ھاياتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئاسماندىكى پادىشاھلىققا قوشۇ‌لۇ‌شنى ئۈمىد بىلە‌ن كۈتىۋاتىدۇ.‏

2.‏ سادىق قۇ‌ل قانداق روھىي ئوزۇ‌قلۇ‌قنى تە‌مىنلە‌يدۇ؟‏

ئە‌يسا مە‌سىھ،‏ ئۆز ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە ۋاقتى-‏ۋاقتىدا روھىي ئوزۇ‌ق-‏تۈلۈكنى تە‌مىنلە‌شكە سادىق قۇ‌لنى تە‌يىنلىگە‌ن (‏مە‌تتا 24:‏45‏)‏.‏ ئادە‌تتە،‏ يېمە‌ك-‏ئىچمە‌كلە‌ر جىسمانىي جە‌ھە‌تتىن ياردە‌م بېرىدۇ.‏ شۇ‌نىڭغا ئوخشاش،‏ روھىي ئوزۇ‌قلۇ‌ق،‏ يە‌نى خۇ‌دانىڭ سۆزىدىن كە‌لگە‌ن يول-‏يورۇ‌ق ئۇ‌نىڭغا سادىق بولۇ‌پ قېلىشىمىزغا ۋە ئە‌يسا تاپشۇ‌رغان ۋە‌زىپىنى ئورۇ‌نلاشقا كېرە‌كلىك كۈچ-‏قۇ‌ۋۋە‌تنى بېرىدۇ (‏1-‏تىموتىي 4:‏6‏)‏.‏ بىز ئاشۇ روھىي ئوزۇ‌قلۇ‌قنى جامائە‌ت ئىبادە‌ت يىغىلىشلىرى،‏ بىر كۈنلۈك ياكى ئۈچ كۈنلۈك چوڭ يىغىلىشلار ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابقا ئاساسلانغان كىتاب-‏ژۇ‌رناللار،‏ فىلىملە‌ر ئارقىلىق قوبۇ‌ل قىلىمىز.‏ بۇ‌لار خۇ‌دانىڭ ئىرادىسىنى چۈشىنىشىمىزگە ۋە ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن بولغان دوستلىقىمىزنى كۈچە‌يتىشىمىزگە ياردە‌م بېرىدۇ.‏

چوڭقۇ‌رراق قېزىڭ

نېمە ئۈچۈن سادىق ۋە ئە‌قىل-‏پاراسە‌تلىك قۇ‌ل،‏ يە‌نى يېتە‌كچى كېڭە‌شكە،‏ مۇ‌ھتاج ئىكە‌نلىكىمىزنى بىلىۋېلىڭ.‏

يېتە‌كچى كېڭە‌ش دۇ‌نيانىڭ ھە‌رقايسى جايلىرىدىكى يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىغا روھىي ئوزۇ‌ق،‏ كۆرسە‌تمىلە‌ر ۋە ئە‌مە‌لىي ياردە‌ملە‌رنى بېرىدۇ

3.‏ يە‌ھۋانىڭ خە‌لقى تە‌شكىللە‌نگە‌ن بولۇ‌شى كېرە‌ك

يېتە‌كچى كېڭە‌ش يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ خىزمىتىنى ئە‌يسانىڭ كۆرسە‌تمىسى بويىچە تە‌شكىللە‌يدۇ.‏ بىرىنچى ئە‌سىردىكى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىمۇ شۇ‌نداق تە‌شكىللە‌نگە‌نىدى.‏ فىلىمنى كۆرۈڭ‏.‏

1-‏كورىنتلىقلار 14:‏33،‏ 40-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • بۇ ئايە‌تلە‌ر،‏ يە‌ھۋا ئۆز خە‌لقىنىڭ تە‌شكىللىنىشىنى خالايدىغانلىقىنى قانداق كۆرسىتىدۇ؟‏

4.‏ سادىق قۇ‌ل ۋە‌ز خىزمىتىمىزنى تە‌شكىللە‌يدۇ

ۋە‌ز ئېيتىش بىرىنچى ئە‌سىردىكى ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى قىلغان ئە‌ڭ مۇ‌ھىم خىزمە‌ت ئىدى.‏ ئە‌لچىلە‌ر 8:‏14،‏ 25-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • بىرىنچى ئە‌سىردىكى ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى ئارىسىدا،‏ كىم ۋە‌ز خىزمىتىگە يېتە‌كچىلىك قىلغان؟‏

  • باشقا ئە‌لچىلە‌رنىڭ كۆرسە‌تمىلىرىگە پېترۇ‌س بىلە‌ن يۇ‌ھاننا قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رغان؟‏

ۋە‌ز خىزمىتى يېتە‌كچى كېڭە‌ش تە‌شكىللىگە‌ن ئە‌ڭ مۇ‌ھىم خىزمە‌ت.‏ فىلىمنى كۆرۈڭ‏.‏

ئە‌يسا مە‌سىھ ۋە‌ز خىزمە‌تنىڭ ئىنتايىن مۇ‌ھىملىقىنى تە‌كىتلىگە‌ن.‏ ماركۇ‌س 13:‏10-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • نېمە ئۈچۈن ۋە‌ز پائالىيىتى يېتە‌كچى كېڭە‌ش ئۈچۈن بە‌ك مۇ‌ھىم؟‏

  • دۇ‌نيانىڭ ھە‌رقايسى جايلىرىدىكى خىزمە‌تنى تە‌شكىللە‌شتە،‏ نېمە ئۈچۈن سادىق ۋە ئە‌قىل-‏پاراسە‌تلىك قۇ‌لغا مۇ‌ھتاج؟‏

5.‏ سادىق قۇ‌ل كۆرسە‌تمىلە‌رنى بېرىدۇ

يېتە‌كچى كېڭە‌ش دۇ‌نيانىڭ ھە‌رقايسى جايلىرىدىكى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە كۆرسە‌تمىلە‌رنى بېرىدۇ.‏ ئۇ‌لار قانداق كۆرسە‌تمىلە‌رنى بېرىشنى قارار قىلىش ئۈچۈن نېمە قىلىدۇ؟‏ كېلىڭ،‏ بىرىنچى ئە‌سىردىكى يېتە‌كچى كېڭە‌شنىڭ نېمە قىلغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.‏ ئە‌لچىلە‌ر 15:‏1،‏ 2-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • ئە‌يسانىڭ دە‌سلە‌پكى شاگىرتلىرى قايسى مە‌سىلىدە بىرلىككە كېلە‌لمىگە‌ن؟‏

  • بۇ مە‌سىلىنى ھە‌ل قىلىش ئۈچۈن پاۋلۇ‌س،‏ بارنابا ۋە باشقىلار كىملە‌ردىن ياردە‌م سورىغان؟‏

ئە‌لچىلە‌ر 15:‏12–‏18،‏ 23–‏29-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • بۇ مە‌سىلە ئۈستىدە قارار چىقىرىشتىن بۇ‌رۇ‌ن،‏ بىرىنچى ئە‌سىردىكى يېتە‌كچى كېڭە‌ش خۇ‌دادىن يول-‏يورۇ‌ق سوراپ نېمە ئىش قىلغان؟‏—‏12،‏ 15 ۋە 28-‏ئايە‌تلە‌رنى كۆرۈڭ.‏

ئە‌لچىلە‌ر 15:‏30،‏ 31 ۋە 16:‏4،‏ 5-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • بىرىنچى ئە‌سىردىكى ئە‌يسانىڭ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى يېتە‌كچى كېڭە‌ش بە‌رگە‌ن كۆرسە‌تمىلە‌رگە قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رغان؟‏

  • يە‌ھۋا ئۇ‌لارنىڭ ئىتائە‌تچانلىقىنى قانداق بە‌رىكە‌تلىگە‌ن؟‏

2-‏تىموتىي 3:‏16 ۋە ياقۇ‌پ 1:‏5-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • بۈگۈنكى كۈندە يېتە‌كچى كېڭە‌ش قارار چىقارغاندا،‏ كۆرسە‌تمىلە‌رنى قە‌يە‌ردىن ئىزدە‌يدۇ؟‏

بە‌زىلە‌ر مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «يېتە‌كچى كېڭە‌شنىڭ ئە‌زالىرى ئادە‌ملە‌ر ئە‌مە‌سمۇ؟‏ ئە‌سلىدە سىلە‌ر ئادە‌ملە‌رگە ئە‌گىشىدىكە‌نسىلە‌ر».‏

  • سىز ئە‌يسا مە‌سىھنىڭ يېتە‌كچى كېڭە‌شكە كۆرسە‌تمىلە‌رنى بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنە‌مسىز؟‏ نېمە ئۈچۈن؟‏

خۇ‌لاسە

يېتە‌كچى كېڭە‌ش ئە‌يسا مە‌سىھ تە‌يىنلىگە‌ن سادىق ۋە ئە‌قىل-‏پاراسە‌تلىك قۇ‌ل.‏ ئۇ دۇ‌نيانىڭ ھە‌رقايسى جايلىرىدىكى مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرىگە كۆرسە‌تمىلە‌رنى ۋە روھىي ئوزۇ‌قلۇ‌قلارنى تە‌مىنلە‌پ بېرىدۇ.‏

تە‌كرارلاش

  • كىم سادىق ۋە ئە‌قىل-‏پاراسە‌تلىك قۇ‌لنى تە‌يىنلىگە‌ن؟‏

  • يېتە‌كچى كېڭە‌ش بىزگە قانداق غە‌مخورلۇ‌ق قىلىدۇ؟‏

  • يېتە‌كچى كېڭە‌شنىڭ سادىق ۋە ئە‌قىل-‏پاراسە‌تلىك قۇ‌ل ئىكە‌نلىكىگە ئىشىنە‌مسىز؟‏

مە‌قسە‌ت

ئىزدىنىپ كۆرۈڭ

يېتە‌كچى كېڭە‌شنىڭ خىزمە‌تلە‌رنى قانداق تە‌شكىللە‌يدىغانلىقىنى كۆرۈڭ.‏

‏«يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرىنىڭ يېتە‌كچى كېڭىشى قانداق خىزمە‌ت قىلىدۇ؟‏»‏ (‏تور بېكە‌تتىكى ماقالە)‏

يېتە‌كچى كېڭە‌ش بىز ئۈچۈن تە‌مىنلە‌يدىغان روھىي ئوزۇ‌قلۇ‌قنىڭ ئىشە‌نچىلىك ئىكە‌نلىكىگە قانداق جە‌زم قىلىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىڭ.‏

‏«توغرا نە‌شرى ماتېرىياللارنى تە‌مىنلە‌ش»‏ (‏18:‏17)‏

ئە‌يسا تاپشۇ‌رغان خىزمە‌تكە يېتە‌كچى كېڭە‌شنىڭ ئە‌زالىرى قانداق قارايدۇ؟‏

‏«ئالاھىدە شان-‏شە‌رە‌پ»‏ (‏04:‏7)‏

جامائە‌ت يىغىلىشلىرى ۋە چوڭ يىغىلىشلار يە‌ھۋانىڭ يېتە‌كچى كېڭە‌شكە يول-‏يورۇ‌قلارنى بېرىۋاتقانلىقىنى قانداق ئىسپاتلايدۇ؟‏

‏«يە‌ھۋا ئۆز خە‌لقىگە تە‌لىم-‏تە‌ربىيە بېرىدۇ»‏ (‏39:‏9)‏