55-دەرس
جامائىتىڭىزنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەڭ
دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىكى مىڭلىغان جامائەتلەردە مىليونلىغان كىشىلەر خۇشاللىق بىلەن يەھۋاغا ئىبادەت قىلىدۇ. ئۇلار ئېلىۋاتقان يول-يورۇق ۋە كۆرسەتمە ئۈچۈن مىننەتدار. ئۇلار تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن جامائەتنى قىزغىن قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدۇ. سىزچۇ؟
1. جامائەتنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەش ئۈچۈن ۋاقتىڭىزنى ۋە كۈچىڭىزنى قانداق ئىشلىتەلەيسىز؟
ھەممىمىز جامائەتتە ياردەم قولىمىزنى سۇنالايمىز. مەسىلەن، جامائىتىڭىزدە ياشانغانلار ياكى تەن-سالامەتلىكى ئاجىزلار بارمۇ؟ ئۇلارنىڭ يىغىلىشلارغا بېرىپ-كېلىشىگە ياردەم قىلالامسىز؟ ياكى ئۇلارنىڭ كېرەكلىك نەرسىلەرنى سېتىۋېلىش، ئۆيلەرنى بېسىقتۇرۇش ۋە باشقا ئىشلىرىغا ئەمەلىي ياردەم بېرەلەمسىز؟ (ياقۇپ 1:27-نى ئوقۇڭ). بىز يەنە يىغىلىش زاللىرىنى تازىلاش ۋە ئاسراش ئىشلىرىغا پىدائىي ياردەم بېرەلەيمىز. ھېچكىم بىزنى بۇ ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇرلىمايدۇ. خۇداغا ۋە قېرىنداشلىرىمىزغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببەت بىزنى ئۆز ئىختىيارىمىز بىلەن پىداكارلىق كۆرسىتىشكە ئۈندەيدۇ.—زەبۇر 110:3.
چۆمۈلدۈرۈلگەن ئېتىقادچىلار باشقا ئۇسۇللار بىلەن جامائەتنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەلەيدۇ. مۇقەددەس كىتابنىڭ تەلەپلىرىگە ماس كەلگەن ياردەمچى خىزمەتچى ۋاقتى كەلگەندە ئاقساقال بولۇپ خىزمەت قىلالايدۇ. مەيلى ئەر ياكى ئايال قېرىنداشلار بولسۇن، پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچىلار سۈپىتىدە خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش خىزمىتىنى قىزغىنلىق بىلەن قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى مۇمكىن. بەزى گۇۋاھچىلار ئىبادەت يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلىدىغان جايلارنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا قاتنىشالايدۇ ياكى ياردەمگە مۇھتاج باشقا بىر جامائەتكە كۆچۈپ، باشقا ئۇسۇللار بىلەن ياردەم بېرەلەيدۇ.
2. جامائەتنى ماددىي نەرسىلىرىمىزنى ئىشلىتىپ، قانداق قوللاپ-قۇۋۋەتلەلەيمىز؟
بىز قىممەتلىك مال-دۇنيالىرىمىزنى ئىشلىتىپ، يەھۋانى ئۇلۇغلىيالايمىز (پەندى-نەسىھەت 3:9). پۇل ۋە باشقا مال-مۈلۈكلىرىمىزنى ئىشلىتىپ، يەرلىك جامائەتنى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ۋەز ئېيتىش پائالىيىتىنى قوللاشنى ئالاھىدە شان-شەرەپ دەپ قارايمىز (2-كورىنتلىقلار 9:7-نى ئوقۇڭ). ئىئانىلىرىمىز يەنە ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا ياردەم بېرىشكە ئىشلىتىلىدۇ. نۇرغۇنلىغان قېرىنداشلار دائىم پۇلىنىڭ مەلۇم قىسىمىنى ئىئانىگە ئاجرىتىپ قويۇشنى پىلانلايدۇ (1-كورىنتلىقلار 16:2-نى ئوقۇڭ). بىز ئىبادەت قىلىدىغان جايغا قويۇلغان ساندۇقچىلار ياكى donate.pr418.com تور بېكىتى ئارقىلىق ئىئانە قىلالايمىز. يەھۋا بىزگە، قولىمىزدا بار ماددىي نەرسىلەرنى ئىشلىتىپ، ئۇنىڭغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىمىزنى ئىپادىلەشنىڭ پۇرسىتىنى بېرىدۇ.
چوڭقۇرراق قېزىڭ
جامائىتىڭىزنى يەنە قايسى ئۇسۇللار بىلەن قوللاپ-قۇۋۋەتلىيەلەيدىغانلىقىڭىز ھەققىدە ئويلاپ كۆرۈڭ.
3. مال-مۈلكىمىزنى ئىشلىتەلەيمىز
ياراتقۇچى يەھۋا ۋە ئەيسا مەسىھ خۇشاللىق بىلەن بەرگۈچىنى ياخشى كۆرىدۇ. مەسىلەن، بىر نامرات تۇل ئايالنىڭ پۇلى ئىنتايىن ئاز بولسىمۇ، يەھۋاغا بېرىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. ئەيسا ئاشۇ ئايالنى ماختىغان ئىدى. لۇقا 21:1–4-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
-
يەھۋانى خۇشال قىلىش ئۈچۈن كۆپ پۇل بېرىشىمىز زۆرۈرمۇ؟
-
ياراتقۇچىمىز يەھۋا بىلەن مەسىھ ئەيسا چىن كۆڭلىمىزدىن بەرگەن ئىئانىلىرىمىزگە قانداق قارايدۇ؟
ئىئانىلىرىمىزنىڭ قانداق ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، فىلىمنى كۆرۈڭ. كېيىن تۆۋەندىكى سوئال ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.
-
بەرگەن ئىئانىلىرىمىز دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى جامائەتلەرنى قانداق قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدۇ؟
4. ياردەم قولىمىزنى سۇنالايمىز
قەدىمقى زاماندا يەھۋاغا خىزمەت قىلغۇچىلار ئۆزلىرى ئىبادەت قىلىدىغان جايلارنى جان دىلى ئاسراپ ساقلىغان. ئۇلار پۇل ئىئانە قىلىشتىن باشقا يەنە نېمە قىلغان؟ 2-تارىخنامە 34:9–11-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
قەدىمقى ئىسرائىلدا ھەربىر كىشى يەھۋانىڭ ئۆيى، يەنى ئىبادەتخانىسىنى ئاسراپ ساقلاشقا قانداق ياردەم بەرگەن؟
يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ ئاشۇ مۇقەددەس كىتابتىكى ئۈلگىلەرگە قانداق ئەگىشىدىغانلىقىنى كۆرۈش ئۈچۈن، فىلىمنى كۆرۈڭ. كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللار ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.
-
ئىبادەت قىلىدىغان جايلارنى پاكىز ۋە ياخشى ھالەتتە ساقلاش نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟
-
سىز قايسى ئۇسۇللار بىلەن ياردەم بېرەلەيسىز؟
5. بۇرادەرلەر كۆپرەك ۋەزىپىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتەلەيدۇ
مۇقەددەس كىتاب ئەرلەرنى جامائەتنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە دەۋەت قىلىدۇ. بىر مىسالنى كۆرۈپ بېقىڭ. فىلىمنى كۆرۈڭ. كېيىن تۆۋەندىكى سوئال ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.
-
فىلىمدىكى رايىن جامائەتنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەش ئۈچۈن نېمە قىلغان؟
مۇقەددەس كىتاب بۇرادەرلەر قايسى تەلەپلەرگە لاياقەتلىك بولسا، ياردەمچى خىزمەتچى ۋە ئاقساقال بولۇپ خىزمەت قىلالايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. 1-تىموتىي 3:1–13-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
-
ياردەمچى خىزمەتچى ۋە ئاقساقال بولۇپ خىزمەت قىلىش ئۈچۈن، بۇرادەرلەر قايسى تەلەپلەرگە لاياقەتلىك بولۇشى كېرەك؟
-
ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر قايسى تەلەپلەرگە ماس كېلىشى كېرەك؟—4 ۋە 11-ئايەتلەرنى كۆرۈڭ.
-
بۇرادەرلەر ئاشۇ تەلەپلەرگە لاياقەتلىك بولۇشقا تىرىشسا، جامائەتتىكىلەر ئۈچۈن قانداق پايدىسى بار؟
بەلكىم، بەزىلەر مۇنداق سورايدۇ: «يەھۋا گۇۋاھچىلىرى پائالىيەتلىرى ئۈچۈن سەرپ قىلىۋاتقان پۇللار قەيەردىن كېلىدۇ؟»
-
سىز قانداق جاۋاب بېرىسىز؟
خۇلاسە
يەھۋا ۋاقتىمىز، كۈچىمىز ۋە پۇل-ماللىرىمىزنى سەرپ قىلىپ، جامائەتنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىمىزنى ئىنتايىن قەدىرلەيدۇ.
تەكرارلاش
-
جامائەتنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەش ئۈچۈن ۋاقتىمىزنى ۋە كۈچىمىزنى قانداق ئىشلىتەلەيمىز؟
-
جامائەتنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەش ئۈچۈن مال-مۈلۈكلىرىمىزنى قانداق ئىشلىتەلەيمىز؟
-
جامائەتنى قايسى ئۇسۇللار بىلەن قوللاپ-قۇۋۋەتلەشنى خالايسىز؟
ئىزدىنىپ كۆرۈڭ
خۇدا نېمە ئۈچۈن ھازىر ئۆزىگە ئىبادەت قىلغۇچىلاردىن ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى بېرىشنى تەلەپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلىۋېلىڭ.
«مۇقەددەس كىتاب ئوندىن بىر ئۈلۈش توغرۇلۇق نېمە دەيدۇ؟» (تور بېكەتتىكى ماقالە)
مۇقەددەس كىتابتا چۆمدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەن ئەر كىشىگە بەزى ۋەزىپىلەر ئاتقۇرغانلىغى ھەققىدە ئېيتىلغان. بىراق چۆمدۈرۈلۈشتىن ئۆتكەن ئايال كىشىگە بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنلاشقا توغرا كەلسىچۇ؟
«جامائەتتىكى باشچىلىققا بولغان كۆز قاراش» («كۈزىتىش مۇنارى»، فېۋرال 2021-يىل)
قېرىنداشلارغا كىتاب-ژۇرناللارنى يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن زور قۇربانلىق بەرگەن بەزى جاسارەتلىك گۇۋاھچىلارنىڭ نېمىلەرنى باشتىن ئۆتكۈزگەنلىكىنى كۆرۈپ بېقىڭ.
«كونگودا مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان كىتاب-ژۇرناللارنى يەتكۈزۈش» (25:4)
خىزمەتلىرىمىزگە سەرپ قىلىندىغان پۇللار قەيەردىن كېلىدىغانلىقى ۋە باشقا دىنلاردىن قانداق پەرقلىنىدىغانلىقىمىزنى بىلىۋېلىڭ.