مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

58-‏دە‌رس

يە‌ھۋاغا سادىق بولۇ‌پ قېلىڭ

يە‌ھۋاغا سادىق بولۇ‌پ قېلىڭ

مە‌سىھنىڭ ھە‌قىقىي ئە‌گە‌شكۈچىلىرى يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىشقا ھېچنېمە ياكى ھېچكىمنىڭ توسقۇ‌نلۇ‌ق قىلىشىغا يول بە‌رمە‌سلىككە قە‌تئىي بە‌ل باغلىغان.‏ شە‌ك-‏شۈبھىسىزكى،‏ سىزمۇ شۇ‌نداق بە‌ل باغلىدىڭىز.‏ يە‌ھۋا سىزنىڭ ساداقە‌تمە‌نلىكىڭىزنى قە‌دىرلە‌يدۇ (‏1-‏تارىخنامە 28:‏9-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ قانداق ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە ئۇ‌نىڭغا بولغان ساداقە‌تمە‌نلىكىڭىز سىنىلىشى مۇ‌مكىن ۋە سادىق قېلىشىڭىزغا نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

1.‏ ئىنسانلار يە‌ھۋاغا بولغان ساداقىتىمىزنى قانداق سىنىشى مۇ‌مكىن؟‏

بە‌زى كىشىلە‌ر بىزنىڭ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشىمىزغا توسقۇ‌نلۇ‌ق قىلىدۇ.‏ كىم بۇ‌نداق ئىشنى قىلىدۇ؟‏ ھە‌قىقە‌تتىن يۈز ئۆرۈگە‌ن بە‌زى كىشىلە‌ر ئېتىقادىمىزنى ئاجىزلاشتۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن خۇ‌دانىڭ تە‌شكىلاتى توغرۇ‌لۇ‌ق يالغان گە‌پ-‏سۆزلە‌رنى قىلىدۇ.‏ ئۇ‌نىڭدىن باشقا،‏ بە‌زى دىنىي رە‌ھبە‌رلە‌ر بىز توغرۇ‌لۇ‌ق يالغان ئۇ‌چۇ‌رلارنى تارقىتىپ،‏ خە‌تە‌رنى كۆرۈپ يېتە‌لمىگە‌نلە‌رنىڭ ھە‌قىقە‌ت يولىنى تاشلاپ كېتىشىگە سە‌ۋە‌بچى بولىدۇ.‏ ھە‌رقانداق قارشى تۇ‌رغۇ‌چىلار بىلە‌ن بە‌س-‏مۇ‌نازىرە قىلىش،‏ ئۇ‌لارنىڭ كىتابلىرىنى ياكى توردىكى يازمىلىرىنى ئوقۇ‌ش،‏ تور بە‌تلىرىنى زىيارە‌ت قىلىش ياكى فىلىملىرىنى كۆرۈش بىز ئۈچۈن خە‌تە‌رلىك.‏ ئۇ‌لار باشقىلارنى يە‌ھۋاغا سادىقلىق بىلە‌ن خىزمە‌ت قىلىشتىن توختىتىشقا ئۇ‌رۇ‌نىدۇ.‏ ئۇ‌لار توغرۇ‌لۇ‌ق ئە‌يسا مە‌سىھ مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ ‏«ئۇ‌لارنى قويۇ‌ۋېتىڭلار.‏ ئۇ‌لار قارىغۇ يول باشچىلاردۇ‌ر.‏ ئە‌گە‌ر قارىغۇ قارىغۇ‌نى يېتە‌كلىسە،‏ ھە‌ر ئىككىلىسى ئورىغا چۈشۈپ كېتىدۇ»‏‏.‏​—‏مە‌تتا 15:‏14‏.‏

بىز تونۇ‌يدىغان بىرى ئە‌مدى يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى بولۇ‌شتىن ۋاز كېچىشنى قارار قىلسىچۇ؟‏ ئە‌گە‌ر يېقىنلىرىمىزدىن بىرى شۇ‌نداق قىلسا،‏ كۆڭلىمىز قاتتىق ئازابلىنىدۇ.‏ بە‌لكىم،‏ ئۇ كىشى يا ئۆزىنى،‏ يا يە‌ھۋانى تاللاشقا بىزنى مە‌جبۇ‌رلىشى مۇ‌مكىن.‏ ھە‌ممىدىن مۇ‌ھىمى،‏ بىز خۇ‌داغا سادىق بولۇ‌پ قېلىشقا قە‌تئىي بە‌ل باغلىشىمىز كېرە‌ك (‏مە‌تتا 10:‏37‏)‏.‏ شۇ‌ڭا،‏ بىز يە‌ھۋانىڭ بۇ‌يرۇ‌قىغا بويسۇ‌نۇ‌پ،‏ شۇ‌نداق كىشىلە‌ر بىلە‌ن ئالاقە قىلمايمىز.‏—‏1-‏كورىنتلىقلار 5:‏11-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

2.‏ شە‌خسىي قارارلىرىمىز يە‌ھۋاغا بولغان ساداقىتىمىزنى قانداق سىنىشى مۇ‌مكىن؟‏

يە‌ھۋانى چىن دىلىمىزدىن سۆيسە‌ك،‏ بىز ساختا دىن بىلە‌ن باغلىنىشى بار ھە‌رقانداق ئىشتىن يىراق تۇ‌رىمىز.‏ بىز قىلىدىغان ئىش،‏ ئە‌زا بولغان تە‌شكىلاتلار ۋە شۇ‌غۇ‌للىنىدىغان ھە‌رقانداق ئىش-‏پائالىيە‌تلە‌ر ساختا دىن بىلە‌ن قىلچىمۇ باغلىنىشلىق بولماسلىقى كېرە‌ك.‏ يە‌ھۋا بىزنى مۇ‌نداق ئاگاھلاندۇ‌رىدۇ:‏ ‏«ئە‌ي خە‌لقىم،‏ ئۇ‌نىڭدىن [بۈيۈك بابىلوندىن]‏ چىقىڭلار!‏»‏‏.‏—‏ۋە‌ھىيلە‌ر 18:‏2،‏ 4‏.‏

چوڭقۇ‌رراق قېزىڭ

ھە‌رقانداق بىرىنىڭ يە‌ھۋاغا بولغان ساداقە‌تمە‌نلىكىڭىزنى ئاجىزلاشتۇ‌رۇ‌شىغا يول بە‌رمە‌سلىك ئۈچۈن نېمىلە‌رنى قىلالايدىغانلىقىڭىزنى ئۆگىنىۋېلىڭ.‏ يە‌نە كاتتا بابىلوندىن چىقىپ،‏ ساداقە‌تمە‌نلىكىڭىزنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يدىغانلىقىڭىزنى بىلىۋېلىڭ.‏

3.‏ ساختا تە‌لىم بە‌رگۈچىلە‌ردىن ئېھتىيات قىلىڭ

ئە‌گە‌ر يە‌ھۋانىڭ تە‌شكىلاتى توغرۇ‌لۇ‌ق سە‌لبىي گە‌پ-‏سۆزلە‌رنى ئاڭلىساق،‏ نېمە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏ پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 14:‏15-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • نېمە ئۈچۈن ئاڭلىغان ھە‌ممىلا گە‌پ-‏سۆزلە‌رگە ئىشىنىپ كېتىشتىن ئېھتىيات قىلىمىز؟‏

2-‏يۇ‌ھاننا 10-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • ھە‌قىقە‌تتىن يۈز ئۆرۈگە‌نلە‌رگە قانداق مۇ‌ئامىلە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

  • ھە‌قىقە‌تتىن يۈز ئۆرۈگە‌نلە‌ر بىلە‌ن بىۋاسىتە ئالاقە قىلمىساقمۇ،‏ ئە‌گە‌ر ئېھتىياتچان بولمىساق،‏ قايسى يوللار بىلە‌ن ئۇ‌لارنىڭ خاتا تە‌لىملىرىنىڭ تە‌سىرىگە ئۇ‌چراپ قېلىشىمىز مۇ‌مكىن؟‏

  • ئە‌گە‌ر بىز يە‌ھۋا ياكى ئۇ‌نىڭ تە‌شكىلاتى توغرۇ‌لۇ‌ق سە‌لبىي گە‌پ-‏سۆزلە‌رنى تىڭشىساق،‏ ئۇ قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولىدۇ؟‏

4.‏ ئېتىقاددىشىمىز ئېغىر گۇ‌ناھ ئۆتكۈزۈپ قويغاندا،‏ يە‌ھۋاغا سادىق قېلىڭ

ئە‌گە‌ر جامائە‌تتە بىرىنىڭ ئېغىر گۇ‌ناھ قىلغانلىقىنى بىلسە‌ك،‏ بىزنىڭ قانداق مە‌جبۇ‌رىيىتىمىز بار؟‏ قە‌دىمقى ئىسرائىل خە‌لقىگە بېرىلگە‌ن خۇ‌دانىڭ قانۇ‌نىدىكى بىر پرىنسىپ ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.‏ لاۋىيلار 5:‏1-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏

بۇ ئايە‌تتىكى كۆرسە‌تمىلە‌ر بويىچە،‏ ئە‌گە‌ر بىز بىرسىنىڭ ئېغىر گۇ‌ناھ ئۆتكۈزگە‌نلىكىنى بىلسە‌ك،‏ ئاقساقاللارغا بىلگە‌نلىرىمىزنى ئېيتىشىمىز كېرە‌ك.‏ ئە‌مما،‏ شۇ‌نداق قىلىشتىن ئىلگىرى،‏ گۇ‌ناھكارنى ئاقساقاللارنىڭ قېشىغا بېرىشقا ئۈندە‌ش مېھىر-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت كۆرسە‌تكە‌نلىك بولىدۇ.‏ ئە‌گە‌ر ئۇ بۇ‌نداق قىلمىسا،‏ يە‌ھۋاغا بولغان ساداقىتىمىز بىزنى ئاقساقاللارغا بىلگە‌نلىرىمىزنى ئېيتىشقا دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ.‏ شۇ‌نداق قىلساق،‏ .‏ .‏ .‏

  • يە‌ھۋاغا سادىق سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏

  • گۇ‌ناھ قىلغان كىشىگە سادىق سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏

  • جامائە‌تتىكى باشقا قېرىنداشلارغا سادىق سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببىتىمىزنى قانداق كۆرسىتە‌لە‌يمىز؟‏

ئە‌گە‌ر ئېتىقادچى خە‌تە‌رلىك ئە‌ھۋالغا چۈشسە،‏ ئۇ‌نىڭغا ياردە‌م بېرىڭ!‏

5.‏ كاتتا بابىلوندىن چىقىپ كېتىڭ

لۇ‌قا 4:‏8 ۋە ۋە‌ھىيلە‌ر 18:‏4،‏ 5-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • ساختا دىن بىلە‌ن باغلىنىشلىق ئۆرپ-‏ئادە‌تلە‌ردىن پۈتۈنلە‌ي ۋاز كە‌چتىممۇ؟‏

  • باشقا دىن بىلە‌ن باغلىنىشلىق تە‌شكىلاتنىڭ ئە‌زاسىمە‌نمۇ؟‏

  • ئىشىم مە‌لۇ‌م جە‌ھە‌تتىن ساختا دىننى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌مدۇ؟‏

  • ھاياتىمنىڭ قايسى ساھە‌سىدە يە‌نە ساختا دىندىن ئايرىلىشىم كېرە‌ك؟‏

  • ئە‌گە‌ر بۇ سوئاللاردىن بىرىگە «ھە‌ئە» دە‌پ جاۋاب بە‌رسە‌م،‏ قانداق ئۆزگە‌رتىشلە‌رنى قىلىشىم كېرە‌ك؟‏

بارلىق ۋە‌زىيە‌تلە‌ردە ۋىجدانىڭىز سىزنى ئازابلىمايدىغان ۋە يە‌ھۋاغا بولغان ساداقە‌تمە‌نلىكىڭىزنى نامايان قىلىدىغان قارارنى چىقىرىڭ.‏

ئە‌گە‌ر سىزدىن دىنىي خە‌ير-‏ساخاۋە‌ت ئىشلىرىغا ئىئانە بېرىشنى سورىسا،‏ نېمە قىلاتتىڭىز؟‏

بە‌زىلە‌ر مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن ھە‌قىقە‌تتىن يۈز ئۆرگە‌نلە‌رنىڭ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى توغرۇ‌لۇ‌ق نېمە دېگە‌نلىكىنى بىلىشىم كېرە‌ك،‏ شۇ‌ندىلا ھە‌قىقە‌تنى قوغدالايمە‌ن».‏

  • شۇ‌نداق قىلىش دانالىق بولامدۇ؟‏ نېمە ئۈچۈن؟‏

خۇ‌لاسە

يە‌ھۋاغا سادىق بولۇ‌پ قېلىش ئۈچۈن،‏ ئۇ‌نىڭغا ساداقە‌تسىزلىك قىلغانلار بىلە‌ن مۇ‌ناسىۋە‌ت قىلىشتىن ساقلىنىشىمىز زۆرۈر.‏ بىز ساختا دىندىن پۈتۈنلە‌ي چىقىپ كېتىشىمىز كېرە‌ك.‏

تە‌كرارلاش

  • بىز نېمە ئۈچۈن ھە‌قىقە‌تتىن يۈز ئۆرۈگە‌نلە‌رنىڭ كۆزقاراشلىرىنى ئاڭلىماسلىقىمىز،‏ ئوقۇ‌ماسلىقىمىز ۋە كۆرمە‌سلىكىمىز كېرە‌ك؟‏

  • ئە‌مدى يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى بولۇ‌شنى خالىمايدىغانلارغا قانداق مۇ‌ئامىلە قىلىشىمىز كېرە‌ك؟‏

  • ساختا دىندىن چىقىش توغرۇ‌لۇ‌ق ئاگاھلاندۇ‌رۇ‌شقا قانداق قۇ‌لاق سالالايمىز؟‏

مە‌قسە‌ت

ئىزدىنىپ كۆرۈڭ

باشقىلار يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى توغرۇ‌لۇ‌ق يالغان خە‌ۋە‌رلە‌رنى تارقاتقاندا،‏ قانداق ئىنكاس قايتۇ‌رۇ‌شنى ئۆگىنىڭ.‏

‏«سىزدە ئىشە‌نچلىك دە‌لىل-‏ئىسپاتلار بارمۇ؟‏»‏ (‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى»،‏ 2018-‏يىل،‏ ئاۋغۇ‌ست)‏

ھە‌قىقە‌تتىن يۈز ئۆرۈگە‌ن بە‌زىلە‌ر ئىمان-‏ئېتىقادىمىزنى ئاجىزلاشتۇ‌رۇ‌شقا ئۇ‌رۇ‌نۇ‌پ،‏ نېمىلە‌رنى قىلغان؟‏

‏«ئالدامچىلىقلاردىن ئېھتىيات قىلىڭ» (‏32:‏9‏)‏

‏«بالىلىق چېغىمدىن باشلاپلا خۇ‌دانى ئىزدىگە‌ن ئىدىم» ناملىق تە‌رجىمىھالدىن شىنتو دىنىي رە‌ھبىرىنىڭ ساختا دىن بىلە‌ن ئالاقىسىنى ئۈزگە‌نلىكىنى ئوقۇ‌ڭ.‏

‏«مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ھاياتنى ئۆزگە‌رتىدۇ»‏ (‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى»،‏ 2011-‏يىل،‏ 1-‏ئىيۇ‌ل)‏