مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

59-‏دە‌رس

زىيانكە‌شلىكلە‌رگە بە‌رداشلىق بېرە‌لە‌يسىز

زىيانكە‌شلىكلە‌رگە بە‌رداشلىق بېرە‌لە‌يسىز

ھازىر ياكى كېيىنرە‌ك بولسۇ‌ن،‏ ھامان بىر كۈنى بارلىق مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى قارشىلىققا،‏ ھە‌تتا زىيانكە‌شلىككە ئۇ‌چرايدۇ.‏ بىز بۇ‌نىڭدىن قورقۇ‌شىمىز كېرە‌كمۇ؟‏

1.‏ بىز زىيانكە‌شلىككە دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ نېمە ئۈچۈن ھە‌يران قالمايمىز؟‏

مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتا ناھايىتى ئېنىق دېيىلگە‌ن:‏ ‏«ئە‌يسا مە‌سىھ ئىزىدىن مېڭىپ،‏ ئۆزىنى خۇ‌داغا بېغىشلاپ ياشايدىغانلارنىڭ ھە‌ممىسى زىيانكە‌شلىككە ئۇ‌چرايدۇ‏» (‏2-‏تىموتىي 3:‏12‏)‏.‏ ئە‌يسا مە‌سىھ شە‌يتاننىڭ دۇ‌نياسىغا مە‌نسۇ‌پ بولمىغانلىقتىن،‏ زىيانكە‌شلىككە ئۇ‌چرىغان.‏ بىزمۇ بۇ دۇ‌نياغا مە‌نسۇ‌پ ئە‌مە‌س،‏ شۇ‌ڭا بۇ دۇ‌نيادىكى ھۆكۈمە‌تلە‌ر ۋە دىنىي تە‌شكىلاتلارنىڭ زىيانكە‌شلىكىگە ئۇ‌چرىساق،‏ ھە‌يران قالمايمىز.‏​—‏يۇ‌ھاننا 15:‏18،‏ 19‏.‏

2.‏ زىيانكە‌شلىككە قانداق تە‌ييارلىنالايمىز؟‏

بىز ھازىر يە‌ھۋاغا بولغان ئىشە‌نچىمىزنى كۈچە‌يتىشىمىز كېرە‌ك.‏ بۇ‌نىڭ ئۈچۈن،‏ ھە‌ر كۈنى ۋاقىت چىقىرىپ،‏ خۇ‌داغا دۇ‌ئا قىلىڭ ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئوقۇ‌ڭ.‏ دائىم جامائە‌ت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىڭ.‏ بۇ‌لارنىڭ ھە‌ممىسى،‏ ئائىلىڭىزدىن كېلىدىغان زىيانكە‌شلىككىلا ئە‌مە‌س،‏ ھە‌رقانداق زىيانكە‌شلىككە جاسارە‌ت بىلە‌ن يۈزلىنىش ئۈچۈن كېرە‌كلىك كۈچنى بېرىدۇ.‏ دائىم زىيانكە‌شلىككە دۇ‌چ كە‌لگە‌ن ئە‌لچى پاۋلۇ‌س مۇ‌نداق دېگە‌ن:‏ ‏«يە‌ھۋا مېنىڭ ياردە‌مچىمدۇ‌ر،‏ مە‌ن قورقمايمە‌ن»‏‏.‏​—‏ئىبرانىيلار 13:‏6‏.‏

بىز دائىم ۋە‌ز ئېيتىش ئارقىلىق جاسارىتىمىزنى ئاشۇ‌رالايمىز.‏ ۋە‌ز ئېيتىش بىزگە يە‌ھۋاغا ئىشە‌نچ باغلاشنى ۋە ئىنساندىن قورقۇ‌شنى يېڭىشنى ئۆگىتىدۇ (‏پە‌ندى-‏نە‌سىھە‌ت 29:‏25‏)‏.‏ ئە‌گە‌ر ھازىر ۋە‌ز ئېيتىشتا جاسارىتىڭىزنى ئاشۇ‌رسىڭىز،‏ ھە‌تتا ھۆكۈمە‌ت خىزمىتىمىزنى چە‌كلىگە‌ن ۋاقىتتىمۇ داۋاملىق ۋە‌ز ئېيتىشقا تولۇ‌ق تە‌ييارلىنالايسىز.‏—‏1-‏سالونىكالىقلار 2:‏2‏.‏

3.‏ زىيانكە‌شلىككە ئۇ‌چرىغاندا،‏ يە‌ھۋاغا سادىق قېلىشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟‏

ئە‌لۋە‌تتە،‏ بىز زىيانكە‌شلىككە ئۇ‌چراشنى خالىمايمىز.‏ ئە‌مما زىيانكە‌شلىككە بە‌رداشلىق بېرىش ئىمان-‏ئېتىقادىمىزنى تېخىمۇ كۈچە‌يتىدۇ.‏ بىز ئە‌مدى بە‌رداشلىق بېرە‌لمە‌يدىغاندە‌ك ھېس قىلغاندا،‏ يە‌ھۋانىڭ ياردىمىنى ھېس قىلىپ،‏ ئۇ‌نىڭغا تېخىمۇ يېقىنلىشىمىز (‏ياقۇ‌پ 1:‏2–‏4-‏نى ئوقۇ‌ڭ)‏.‏ يە‌ھۋا بىزنىڭ ئازاب-‏ئوقۇ‌بە‌ت چە‌ككە‌نلىكىمىزنى كۆرگە‌ندە ئازابلىنىدۇ.‏ ئە‌مما،‏ ئۇ بە‌رداشلىق بېرىۋاتقانلىقىمىزنى كۆرگە‌ندە ئىنتايىن خۇ‌شال بولىدۇ.‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ ‏«ئە‌گە‌ر ياخشى ئىش قىلغىنىڭلار ئۈچۈن ئازاب چېكىپ،‏ سە‌ۋر قىلساڭلار،‏ خۇ‌دا قوبۇ‌ل قىلىشغا ئېرىشىسىز»‏ (‏1-‏پېترۇ‌س 2:‏20‏)‏.‏ بىز يە‌ھۋاغا سادىق بولۇ‌پ ئاخىرغىچە بە‌رداشلىق بە‌رسە‌ك،‏ ئۇ بىزگە يېڭى دۇ‌نيادا مە‌ڭگۈ ياشاش مۇ‌كاپىتىنى بېرىدۇ.‏ شۇ چاغدا خۇ‌داغا پاك ئىبادە‌ت قىلىشىمىزغا ھېچكىم قارشىلىق قىلمايدۇ.‏—‏مە‌تتا 24:‏13‏.‏

چوڭقۇ‌رراق قېزىڭ

زىيانكە‌شلىككە قارىماي،‏ يە‌ھۋاغا سادىق بولۇ‌پ قېلىش مۇ‌مكىنلىكىنى ۋە ئۇ بىزنى قانداق مۇ‌كاپاتلايدىغانلىقىنى بىلىۋېلىڭ.‏

4.‏ ئائىلىڭىزنىڭ قارشىلىقىغا بە‌رداشلىق بېرە‌لە‌يسىز

ئە‌يسا ئائىلىمىزدىكىلە‌رنىڭ يە‌ھۋاغا ئىبادە‌ت قىلىش قارارىمىزنى قوللىماسلىقى مۇ‌مكىنلىكىنى ياخشى بىلگە‌ن ئىدى.‏ مە‌تتا 10:‏34–‏36-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • بىر كىشى يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشنى قارار قىلغاندا،‏ ئائىلىسىدىكىلە‌ر نېمە دېيىشى مۇ‌مكىن؟‏

بۇ‌نىڭ بىر مىسالىنى كۆرۈش ئۈچۈن فىلىمنى كۆرۈڭ‏،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئال ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.‏

  • ئە‌گە‌ر ئۇ‌رۇ‌ق-‏تۇ‌غقانلىرىڭىز ياكى دوستىڭىز سىزنى يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشتىن توسماقچى بولسا،‏ نېمە قىلماقچىسىز؟‏

زە‌بۇ‌ر 27:‏10 ۋە ماركۇ‌س 10:‏29،‏ 30-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ ھە‌ربىر ئايە‌تنى ئوقۇ‌غاندىن كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • ئە‌گە‌ر ئائىلىڭىزدىكىلە‌ر ياكى دوستلىرىڭىزنىڭ قارشىلىقىغا ئۇ‌چرىسىڭىز،‏ بۇ ۋە‌دە سىزگە قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

5.‏ زىيانكە‌شلىككە قارىماي،‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشنى داۋاملاشتۇ‌رۇ‌ڭ

باشقىلار بىزنىڭ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشىمىزغا توسقۇ‌نلۇ‌ق قىلىشقا ئۇ‌رۇ‌نغاندا،‏ ئۇ‌نىڭغا داۋاملىق خىزمە‌ت قىلىش ئۈچۈن جاسارە‌تكە مۇ‌ھتاج بولىمىز.‏ فىلىمنى كۆرۈڭ‏،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئال ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.‏

  • بۇ فىلىمدىكى مىساللار سىزنىڭ جاسارىتىڭىزنى قانداق كۈچە‌يتىدۇ؟‏

ئە‌لچىلە‌ر 5:‏27–‏29 ۋە ئىبرانىيلار 10:‏24،‏ 25-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ ھە‌ربىر ئايە‌تنى ئوقۇ‌غاندىن كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • ۋە‌ز ئېيتىش خىزمىتىمىز ۋە جامائە‌ت يىغىلىشلىرىمىز چە‌كلە‌نگە‌ن بولسىمۇ،‏ يە‌ھۋاغا داۋاملىق خىزمە‌ت قىلىش نېمە ئۈچۈن بە‌ك مۇ‌ھىم؟‏

6.‏ يە‌ھۋا بە‌رداشلىق بېرىشىڭىزگە ياردە‌م بېرىدۇ

يېشى ۋە كېلىپ چىقىشى ئوخشىمايدىغان يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى زىيانكە‌شلىككە ئۇ‌چرىغاندا،‏ ساداقە‌تمە‌نلىك بىلە‌ن يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشنى داۋاملاشتۇ‌رغان.‏ ئۇ‌لارغا نېمە ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكىنى بىلىش ئۈچۈن،‏ فىلىمنى كۆرۈڭ‏.‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئال ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.‏

  • فىلىمدا،‏ ئاشۇ گۇ‌ۋاھچىلارنىڭ بە‌رداشلىق بېرىشىگە نېمە ياردە‌م بە‌رگە‌ن؟‏

رىملىقلار 8:‏35،‏ 37–‏39 ۋە فىلىپىلىكلە‌ر 4:‏13-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ ھە‌ربىر ئايە‌تنى ئوقۇ‌غاندىن كېيىن،‏ تۆۋە‌ندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • ھە‌رقانداق سىناقلارغا بە‌رداشلىق بېرە‌لە‌يدىغانلىقىڭىزغا،‏ بۇ ئايە‌ت سىزنى قانداق ئىشە‌ندۈرىدۇ؟‏

مە‌تتا 5:‏10–‏12-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  • نېمە ئۈچۈن زىيانكە‌شلىككە قارىماي،‏ خۇ‌شال بولالايسىز؟‏

مىليونلىغان يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىلىرى قارشىلىقلارغا مۇ‌ۋە‌پپە‌قىيە‌تلىك ھالدا بە‌رداشلىق بېرە‌لىگە‌ن.‏ سىزمۇ شۇ‌نداق قىلالايسىز!‏

بە‌زىلە‌ر مۇ‌نداق دە‌يدۇ:‏ «مە‌ن زىيانكە‌شلىككە بە‌رداشلىق بېرە‌لمە‌يمە‌ن».‏

  • مۇ‌نداق ئوي-‏پىكىردە بولغانلارغا،‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى قايسى ئايە‌تلە‌ر ئىشە‌نچ ئاتا قىلالايدۇ؟‏

خۇ‌لاسە

يە‌ھۋا زىيانكە‌شلىككە ئۇ‌چرىشىمىزغا قارىماي،‏ ئۇ‌نىڭغا خىزمە‌ت قىلىش ئۈچۈن كۆرسە‌تكە‌ن تىرىشچانلىقىمىزنى قە‌دىرلە‌يدۇ.‏ ئۇ‌نىڭ ياردىمى بىلە‌ن،‏ ھە‌رقانداق زىيانكە‌شلىككە بە‌رداشلىق بېرە‌لە‌يمىز!‏

تە‌كرارلاش

  • مە‌سىھ ئە‌گە‌شكۈچىلىرى زىيانكە‌شلىككە دۇ‌چ كە‌لگە‌ندە،‏ نېمە ئۈچۈن ھە‌يران قالمايمىز؟‏

  • كېلە‌چە‌كتىكى زىيانكە‌شلىككە ھازىر قانداق تە‌ييارلىنالايمىز؟‏

  • ھە‌رقانداق سىناقلارغا قارىماي،‏ يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلالايسىز.‏ بۇ‌نىڭغا ئىشىنىشكە نېمە ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

مە‌قسە‌ت

ئىزدىنىپ كۆرۈڭ

بىر ياش بۇ‌رادە‌ر بىتە‌رە‌پلىكنى ساقلىغانلىقى سە‌ۋە‌بلىك تۈرمىگە تاشلانغاندا،‏ يە‌ھۋانىڭ ئۇ‌نىڭغا قانداق ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكىنى كۆرۈپ بېقىڭ.‏

‏«زىيانكە‌شلىككە ئۇ‌چرىغاندا بە‌رداشلىق بېرىش»‏ (‏34:‏2)‏

بىر جۈپ ئە‌ر-‏ئايالنىڭ نۇ‌رغۇ‌ن يىللار قارشىلىققا قارىماي،‏ ساداقە‌تمە‌نلىك بىلە‌ن يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىشىغا نېمە ياردە‌م بە‌رگە‌نلىكىنى بىلىۋېلىڭ.‏

‏«ئېغىر كۈنلە‌ردە يە‌ھۋاغا خىزمە‌ت قىلىش»‏ (‏11:‏7)‏

زىيانكە‌شلىككە ئۇ‌چرىغاندا جاسارە‌تلىك بولۇ‌شنى ئۆگىنىۋېلىڭ.‏

‏«زىيانكە‌شلىككە ھازىر تە‌ييارلىق قىلىڭ»‏ (‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى»،‏ 2019-‏يىل،‏ ئىيۇ‌ل)‏

ئائىلىمىزنىڭ قارشىلىقىغا قانداق قارىشىمىز كېرە‌ك ۋە بۇ‌نىڭغا مۇ‌ۋە‌پپە‌قىيە‌تلىك قارشى تۇ‌رۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلالايمىز؟‏

‏«ھە‌قىقە‌ت «تىنچلىق ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى قىلىچ» ئېلىپ كېلىدۇ»‏ (‏«كۈزىتىش مۇ‌نارى»،‏ 2017-‏يىل،‏ ئۆكتە‌بىر)‏