60-دەرس
يەھۋاغا داۋاملىق يېقىنلىشىڭ!
سىز بۇ دەرسلىكتىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەندىڭىز. ئۆگەنگەنلىرىڭىز سىزنى يەھۋانى سۆيۈشكە دەۋەت قىلىپ، بەلكىم ئاللىقاچان ھاياتىڭىزنى ئۇنىڭغا بېغىشلاپ، چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتتىڭىز. ئەگەر تېخى ئۇنداق قىلمىغان بولسىڭىز، يېقىن كېلەچەكتە بۇ قەدەمنى بېسىشنى ئويلىشىۋاتقان بولۇشىڭىز مۇمكىن. مەيلى قانداق بولسۇن، چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈش ئاخىرقى نىشان ئەمەس. سىز يەھۋا بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىڭىزنى مەڭگۈ كۈچەيتەلەيسىز. بۇنى قانداق قىلالايسىز؟
1. نېمە ئۈچۈن يەھۋا بىلەن دوستلىقىڭىزنى كۈچەيتىشنى داۋاملاشتۇرۇشىڭىز كېرەك؟
يەھۋا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى داۋاملىق كۈچەيتىش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز لازىم. نېمە ئۈچۈن؟ يەھۋادىن «يىراقلىشىپ كەتمەسلىكىمىز ئۈچۈن» (ئىبرانىيلار 2:1). ياراتقۇچى يەھۋاغا ساداقەتمەنلىك بىلەن خىزمەت قىلىشىمىزغا نېمە ياردەم بېرەلەيدۇ؟ ۋەز خىزمىتى بىلەن ئالدىراش بولۇش ۋە خۇدايىمىزغا تېخىمۇ كۆپرەك خىزمەت قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەش ياردەم بېرىدۇ (فىلىپىلىكلەر 3:16-نى ئوقۇڭ). يەھۋاغا خىزمەت قىلىش ھايات كەچۈرۈشنىڭ ئەڭ ئەھمىيەتلىك يولى!—زەبۇر 84:10.
2. سىز يەنە نېمە قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشىڭىز كېرەك؟
گەرچە بۇ مۇقەددەس كىتابتىن بىلىم ئاشۇرۇش دەرسلىكى ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، مەسىھ ئەگەشكۈچىسى بولۇپ ياشاشنى داۋاملاشتۇرىسىز. مۇقەددەس كىتاب: «يېڭى شەخسنى كىيىڭلار»،— دەيدۇ (ئەفەسلىكلەر 4:23، 24). سىز داۋاملىق خۇدانىڭ سۆزىنى تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىپ، جامائەت يىغىلىشىلارغا قاتناشسىڭىز، يەھۋا ۋە ئۇنىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرى توغرۇلۇق يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىسىز. ھاياتىڭىزدا ئۇنىڭ پەزىلەتلىرىنى ئۈلگە قىلىشنىڭ يوللىرىنى داۋاملىق ئىزدەڭ. يەھۋا خۇدانى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ھەرقانداق ئۆزگەرتىشلەرنى قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ.
3. يەھۋا روھىي جەھەتتىن ئۆسۈپ يېتىلىشىڭىزگە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
مۇقەددەس كىتاب مۇنداق دەيدۇ: خۇدا سىلەرنى تەربىيىلەپ، سىلەرنى دەس تۇرغۇزۇپ، سىلەرنى چىداملىق قىلىپ، ئىشەنچىڭلارنى مۇستەھكەم ۋە تەۋرەنمەس قىلىدۇ (1-پېترۇس 5:10). ھەممىمىز ئېزىقتۇرۇلۇشلارغا دۇچ كېلىمىز. بىراق، ئۇلارغا قارشى تۇرۇشىمىز ئۈچۈن يەھۋا بىزگە كېرەكلىك كۈچنى بېرىدۇ (زەبۇر 139:23، 24). ئۇ بىزگە ئۇنىڭغا ساداقەتمەنلىك بىلەن خىزمەت قىلىش ئارزۇ-ئىستىكى ۋە كۈچ-قۇدرىتىنى بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىدۇ.—فىلىپىلىكلەر 2:13-نى ئوقۇڭ.
چوڭقۇرراق قېزىڭ
داۋاملىق روھىي جەھەتتىن ئۆسۈپ يېتىلىش ئۈچۈن نېمە قىلالايدىغانلىقىڭىزنى ۋە يەھۋا سىزنى قانداق بەرىكەتلەيدىغانلىقىنى ئويلاپ كۆرۈڭ.
4. ئەڭ يېقىن دوستىڭىز بىلەن سۆھبەتلىشىپ تۇرۇڭ
دۇئا ۋە مۇقەددەس كىتابنى داۋاملىق تەتقىق قىلىش يەھۋانىڭ دوستى بولۇشىڭىزغا ياردەم بەردى. بۇ ئادەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇش دوستلۇق مۇناسىۋىتىڭىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
زەبۇر 62:8-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
يەھۋا بىلەن بولغان دوستلىقىڭىزنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، دۇئالىرىڭىزنىڭ سۈپىتىنى قانداق ياخشىلىيالايسىز؟
زەبۇر 1:2-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
يەھۋا بىلەن بولغان دوستلىقىڭىزنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، مۇقەددەس كىتابنى ئوقۇشنىڭ ئۈنۈمىنى قانداق ئاشۇرالايسىز؟
شەخسىي تەتقىق قىلىشنىڭ كۆپرەك پايدىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلسىڭىز بولىدۇ؟ بۇنى ئۈچۈن فىلىمنى كۆرۈڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللار ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.
-
فىلىمدىكى قايسى مەسلىھەتنى قوللانماقچىسىز؟
-
قايسى ماۋزۇلار ئۈستىدە تەتقىق قىلىپ ئۆگەنمەكچىسىز؟
5. يەھۋاغا كۆپرەك خىزمەت قىلىش ئۈچۈن مەقسەتلەرنى قويۇڭ
يەھۋاغا خىزمەت قىلىشتا مەقسەتلەرنى قويۇش داۋاملىق روھىي جەھەتتىن ئۆسۈپ يېتىلىشىڭىزگە ياردەم بېرىدۇ. فىلىمنى كۆرۈڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئال ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈڭ.
-
كامېرون مەقسەتلەرنى قويۇشنىڭ قانداق پايدىسىنى كۆردى؟
ھەممىلا ئادەم ۋەز ئېيتىش ئۈچۈن باشقا دۆلەتكە كۆچەلمەيدۇ. قانداق بولمىسۇن، ھەممىمىز يېتەلىگۈدەك مەقسەتلەرنى قويساق بولىدۇ. پەندى-نەسىھەت 21:5-نى ئوقۇڭ، كېيىن قانداق مەقسەتلەرنى قويۇشقا بولىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئويلىنىپ كۆرۈڭ:
-
جامائەتتە؛
-
ۋەز خىزمەتتە.
بۇ ئايەتتىكى پرىنسىپ مەقسەتلىرىڭىزگە يېتىشىڭىزگە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
تۆۋەندىكىلەردەك مەقسەتلەرنى قويۇپ بېقىڭ
-
دۇئالىرىڭىزنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاش.
-
مۇقەددەس كىتابنى پۈتۈنلەي ئوقۇپ چىقىش.
-
جامائەتتىكى بارلىق ئېتىقادچىلار بىلەن تونۇشۇش.
-
بىرى بىلەن مۇقەددەس كىتاب تەتقىقىنى باشلاش.
-
ياردەمچى ياكى پىدائىي ۋەز ئېيتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىش.
-
ئەگەر سىز بۇرادەر بولسىڭىز، ياردەمچى خىزمەتچى بولۇشقا تىرىشىڭ.
6. مەڭگۈ شاد-خۇرام ياشاڭ!
زەبۇر 22:26-نى ئوقۇڭ، كېيىن تۆۋەندىكى سوئالغا جاۋاب بېرىڭ:
-
ھازىر ۋە مەڭگۈ شاد-خۇرام ياشاش ئۈچۈن نېمە قىلالايسىز؟
خۇلاسە
ياراتقۇچى يەھۋا بىلەن بولغان دوستلىقىڭىزنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئالدىڭىزغا روھىي مەقسەتلەرنى قويۇڭ. شۇندىلا مەڭگۈ شاد-خۇرام ياشىيالايسىز!
تەكرارلاش
-
نېمە ئۈچۈن يەھۋانىڭ ساداقەتمەنلىك بىلەن خىزمەت قىلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنەلەيسىز؟
-
يەھۋا بىلەن بولغان دوستلىقىڭىزنى قانداق كۈچەيتەلەيسىز؟
-
مەقسەتلەرنى قويۇش يەھۋاغا كۆپرەك خىزمەت قىلىشىڭىزغا قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
ئىزدىنىپ كۆرۈڭ
يەھۋا خۇدا نېمىنى قەدىرلەيدۇ: بىرلا قېتىم چوڭ بىر ئىشتا ئۇنىڭغا سادىق بولۇشنى ياكى ئۆمۈر بويى سادىق بولۇپ قېلىشنىمۇ؟
ھەتتا يەھۋانىڭ سادىق خىزمەتچىلىرىمۇ خۇشاللىقىنى يوقىتىپ قويۇشى مۇمكىن. قايتا خۇشاللىققا ئېرىشىش ئۈچۈن نېمە قىلالايدىغانلىقىڭىزنى كۆرۈڭ.
«تەتقىق ۋە مۇلاھىزە قىلىش ئارقىلىق خۇشاللىققا قايتا ئېرىشىڭ» (25:5)
قايسى روھىي مەقسەتلەرنى قويالايسىز ۋە ئۇلارغا قانداق يېتەلەيسىز؟
«ياراتقۇچىڭىزنى ئۇلۇغلاش ئۈچۈن ئالدىڭىزغا روھىي مەقسەتلەرنى قويۇڭ» («كۈزىتىش مۇنارى»، 2004-يىل، 15-ئىيۇل)
نېمە ئۈچۈن مەسىھ ئەگەشكۈچىسى ئىمان-ئېتىقادتا ئۆسۈپ يېتىلىشى كېرەك ۋە شۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلالايسىز؟
«يەھۋانىڭ چوڭ كۈنى يېقىنلاشتى — روھىي جەھەتتىن ئۆسۈپ يېتىلىشكە قەدەم تاشلاڭ» («كۈزىتىش مۇنارى»، 2009-يىل، 15-ماي)