3-قىسىمنى تەكرارلاش
ئۆگەتكۈچى بىلەن تۆۋەندىكى سوئاللارنى مۇھاكىمە قىلىڭ:
پەندى-نەسىھەت 27:11-نى ئوقۇڭ.
سىز نېمە ئۈچۈن يەھۋاغا سادىق بولۇشنى خالايسىز؟
(34-دەرسكە قاراڭ)
مۇقەددەس كىتابتا ئېنىق كۆرسەتمە بېرىلمىگەندە، قانداق قىلىپ توغرا قارارلارنى چىقىرالايسىز؟
(35-دەرسكە قاراڭ)
قانداق قىلىپ ھەممە ئىشتا راستچىل بولالايسىز؟
(36-دەرسكە قاراڭ)
مەتتا 6:33-نى ئوقۇڭ.
ئىش-ئەمگەك ۋە پۇل مەسىلىلىرىدە خۇدا پادىشاھلىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قانداق قويالايسىز؟
(37-دەرسكە قاراڭ)
ھاياتقا بولغان كۆزقارىشىڭىز يەھۋانىڭ كۆزقارىشىغا ئوخشاش ئىكەنلىكىنى قايسى يوللار بىلەن كۆرسىتەلەيسىز؟
(38-دەرسكە قاراڭ)
ئەلچىلەر 15:29-نى ئوقۇڭ.
يەھۋانىڭ قان توغرىسىدىكى بۇيرۇقىغا قانداق بويسۇنالايسىز؟
يەھۋانىڭ تەلەپلىرى ئەقىلگە مۇۋاپىق دەپ ئويلامسىز؟
(39-دەرسكە قاراڭ)
2-كورىنتلىقلار 7:1-نى ئوقۇڭ.
جىسمانىي ۋە ئەخلاقىي جەھەتتىن پاك بولۇش نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟
(40-دەرسكە قاراڭ)
1-كورىنتلىقلار 6:9، 10-نى ئوقۇڭ.
مۇقەددەس كىتابتا جىنسىي مۇناسىۋەت توغرۇلۇق نېمە يېزىلغان؟ سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟
مۇقەددەس كىتاب ھاراق-شاراب ئىچىش ھەققىدە نېمە دەيدۇ؟
(41-دەرسكە ۋە 43-دەرسكە قاراڭ)
مەتتا 19:4–6، 9-نى ئوقۇڭ.
خۇدانىڭ نىكاھقا بولغان كۆزقارىشى قانداق؟
نېمە ئۈچۈن توي قىلىش ۋە ئاجرىشىشنى قانۇن بويىچە تىزىملىتىش كېرەك؟
(42-دەرسكە قاراڭ)
خۇدا قانداق بايراملار ۋە تەبرىكلەشلەرنى ياقتۇرمايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن؟
(44-دەرسكە قاراڭ)
يۇھاننا 17:16 ۋە ئەلچىلەر 5:29-نى ئوقۇڭ.
سىز بىتەرەپلىكنى قانداق ساقلىيالايسىز؟
ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنى خۇدا قانۇنىغا زىت بولسا، نېمە قىلىسىز؟
(45-دەرسكە قاراڭ)
ماركۇس 12:30-نى ئوقۇڭ.
يەھۋانى سۆيىدىغانلىقىڭىزنى قانداق كۆرسىتەلەيسىز؟
(46-دەرسكە ۋە 47-دەرسكە قاراڭ)