مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

مە‌ن تە‌ييارمۇ؟‏

مە‌ن تە‌ييارمۇ؟‏

مە‌ن جامائە‌ت بىلە‌ن بىرلىكتە ۋە‌ز ئېيتىشقا تە‌ييارمۇ؟‏

تۆۋە‌ندىكى ئىشلارنى قىلسىڭىز،‏ چۆمۈلدۈرۈلمىگە‌ن ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌شقا لايىق بولالايسىز:‏

  • دائىم مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىڭ،‏ دۇ‌ئا قىلىڭ ۋە جامائە‌ت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىڭ.‏

  • ئالغان بىلىملىرىڭىزگە ئىشىنىڭ ۋە ئۇ‌لارنى قە‌دىرلە‌ڭ،‏ ھە‌مدە باشقىلارغا ئېيتىپ بېرىڭ.‏

  • ياراتقۇ‌چى يە‌ھۋانى سۆيۈڭ ۋە ئۇ‌نى سۆيىدىغان كىشىلە‌ر بىلە‌ن دوست بولۇ‌ڭ.‏

  • ھە‌رقانداق سىياسىي پارتىيە ياكى ساختا دىنلار بىلە‌ن بولغان مۇ‌ناسىۋىتىڭىزنى ئۈزۈڭ.‏

  • يە‌ھۋانىڭ قانۇ‌ن-‏ئۆلچە‌ملىرىگە ماس ياشاڭ ۋە يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى بولۇ‌شقا ئىنتىلىڭ.‏

ئە‌گە‌ر جامائە‌ت بىلە‌ن بىرلىكتە ۋە‌ز ئېيتىشقا تە‌ييار بولسىڭىز،‏ سىزگە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىتىۋاتقان كىشىگە ئېيتىڭ.‏ ئۇ ئاقساقاللارنى سىز بىلە‌ن سۆھبە‌تلىشىشكە ئورۇ‌نلاشتۇ‌رالايدۇ.‏ ئۇ‌لار سىزنىڭ چۆمۈلدۈرۈلمىگە‌ن ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلىشىڭىز كېرە‌كلىكىنى چۈشە‌ندۈرۈپ بېرىدۇ.‏

مە‌ن چۆمۈلدۈرۈلۈشكە تە‌ييار بولدۇ‌ممۇ؟‏

تۆۋە‌ندىكى ئىشلارنى قىلسىڭىز،‏ چۆمۈلدۈرۈلۈشكە لايىق بولالايسىز:‏

  • چۆمۈلدۈرۈلمىگە‌ن ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چى بولۇ‌ڭ.‏

  • مۇ‌مكىنقە‌دە‌ر كۆپرە‌ك ۋە‌ز خىزمىتىگە قاتنىشىشقا تىرىشىڭ.‏

  • سادىق ۋە ئە‌قىل-‏پاراسە‌تلىك قۇ‌لنى قوللاپ-‏قۇ‌ۋۋە‌تلە‌ڭ ۋە كۆرسە‌تمىلىرىگە بويسۇ‌نۇ‌ڭ.‏—‏مە‌تتا 24:‏45–‏47‏.‏

  • يە‌ھۋاغا مە‌ڭگۈ خىزمە‌ت قىلىش ئۈچۈن،‏ شە‌خسىي دۇ‌ئادا ئۆزىڭىزنى ئۇ‌نىڭغا بېغىشلاڭ.‏

ئە‌گە‌ر سۇ‌غا چۆمۈلدۈرۈلۈشكە تە‌ييار بولسىڭىز،‏ سىزگە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئۆگىتىۋاتقان كىشىگە ئېيتىڭ.‏ ئۇ ئاقساقاللارنى سىز بىلە‌ن سۆھبە‌تلىشىشكە ئورۇ‌نلاشتۇ‌رالايدۇ.‏ ئۇ‌لار سىزگە چۆمۈلدۈرۈلۈشتىن ئۆتۈشكە لايىق بولۇ‌ش ئۈچۈن نېمە قىلىشىڭىز كېرە‌كلىكىنى چۈشە‌ندۈرۈپ بېرىدۇ.‏