يېتەكچى كېڭەشنىڭ خېتى
قەدىرلىك قېرىنداشلار!
ياراتقۇچىمىز يەھۋاغا ۋە ئىنسانلارغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببەت بىزنى، «بېرىڭلار، ھەممە خەلقلەردىن شاگىرتلارنى تەييارلاڭلار… . سۇغا چۆمدۈرۈڭلار» دېگەن بۇيرۇققا ئەمەل قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ (مەتتا 28:19، 20؛ ماركۇس 12:28–31). شەك-شۈبھىسىزكى، شەخسىيەتچىلىكتىن خالى سۆيگۈ-مۇھەببەت كۈچلۈكتۇر. ئەگەر شۇنداق مۇھەببەتنى كۆرسەتسەك، بىز «مەڭگۈلۈك ھاياتقا يېتەكلەيدىغان ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشقا مايىل كىشىلەرنىڭ» قەلبىگە تەسىر قىلالايمىز.—ئەلچى. 13:48.
بۇرۇن، بىز دىققىتىمىزنى سۆھبەت ئۈلگىلىرىنى يادلىۋېلىشقا ۋە كىشىلەرگە كىتاب-ژۇرناللارنى بېرىشكە قاراتقان ئىدۇق. ھازىر بولسا، باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىش قابىلىيىتىمىزنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز لازىم. باشقىلار قىزىقىدىغان ماۋزۇلار ھەققىدە پاراڭلىشىش ئارقىلىق ئۇلارغا سۆيگۈ-مۇھەببەت كۆرسىتىشنى خالايمىز. بۇ ۋەزىيەتكە قاراپ، سۆھبەتنىڭ مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشنى، ھەربىر كىشىنىڭ غەم-تەشۋىشى ۋە قىزىقىشىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ كىتابچە مۇشۇ مەقسەتكە يېتىشىمىزگە قانداق ياردەم بېرەلەيدۇ؟
بۇ كىتابچىدە 12 دەرس بار. مۇشۇ دەرسلەردە، ئىنسانلارغا سۆيگۈ-مۇھەببەت كۆرسىتىپ، شاگىرتلارنى تەييارلىشىمىزغا ياردەم بېرىدىغان پەزىلەتلەرنى يېتىلدۈرۈشنى ئۆگىنىمىز. ھەربىر دەرستە، ئەيسا مەسىھنىڭ ياكى 1-ئەسىردىكى باشقا بىر شاگىرتنىڭ خۇش خەۋەرنى ۋەز قىلىش خىزمىتىدە كۆرسەتكەن مەلۇم بىر پەزىلىتى مۇھاكىمە قىلىنىدۇ. بۇ كىتابچىنىڭ مەقسىتى سۆھبەت ئۈلگىلىرىنى يادلىۋېلىش ئەمەس، بەلكى ئادەملەرگە سۆيگۈ-مۇھەببەت كۆرسىتىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەشتۇر. ئەلۋەتتە، ۋەز خىزمەتنىڭ ھەممىلا ساھەسىدە، ھەربىر پەزىلەتنى نامايان قىلىش زۆرۈر. بۇ كىتابچىدە، سۆھبەت باشلىغاندا، قايتا يولۇقۇشقا بارغاندا ياكى مۇقەددەس كىتاب تەتقىق ئۆگىنىشلىرىنى ئۆتكۈزگەندە، ئالاھىدە زۆرۈر بولىدىغان پەزىلەتلەرنى كۆرۈپ چىقىمىز.
ھەربىر دەرسنى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، سىز ياشاۋاتقان مەھەللىلەردىكى كىشىلەر بىلەن سۆزلەشكەندە، ئۆگەنگەن پەزىلەتنى قانداق كۆرسىتىشكە بولىدىغانلىقى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىڭلار. يەھۋا خۇداغا ۋە ئىنسانلارغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىلارنى كۈچەيتىڭلار. شۇنداق مۇھەببەت شاگىرتلارنى تەييارلاش مەقسىتىگە يېتىشىمىزگە يېتىشكە ياردەم بېرىدۇ، ئۇ ھەرقانداق ئالاھىدە بىر ماھارەتتىن ئۈنۈملۈكتۇر.
ئەزىز قېرىنداشلار، سىلەر بىلەن مۆرىنى-مۆرىگە تىرەپ، خىزمەت قىلىش شان-شەرىپى ئۈچۈن خۇداغا مىننەتدارمىز! (سەفنىيا 3:9). ياراتقۇچى يەھۋا سىلەرنىڭ داۋاملىق ئىنسانلارغا سۆيگۈ-مۇھەببەت كۆرسىتىپ، شاگىرتلارنى تەييارلاش ئۈچۈن چىقارغان كۈچۈڭلارنى مول بەرىكەتلىسۇن!
سىلەرنىڭ قېرىندىشىڭلار،
يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ يېتەكچى كېڭىشى