مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

سۆھبە‌ت باشلاش

يۇ‌ھاننا 4:‏6–‏9

1-‏دە‌رس

باشقىلار قىزىقىدىغان ئىشلار توغرۇ‌لۇ‌ق پاراڭلىشىش

باشقىلار قىزىقىدىغان ئىشلار توغرۇ‌لۇ‌ق پاراڭلىشىش

پرىنسىپ:‏ «مۇ‌ھە‌ببە‌ت … ئۆز مە‌نپە‌ئىتىنى كۆزلىمە‌يدۇ».‏—‏1-‏كورىنت.‏ 13:‏4،‏ 5‏.‏

ئە‌يسا مە‌سىھ نېمە قىلغان؟‏

1.‏ فىلىمنى كۆرۈڭ ياكى يۇ‌ھاننا 4:‏6–‏9-‏نى ئوقۇ‌ڭ،‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  1.    ئە‌يسا مە‌سىھ ئايال بىلە‌ن سۆھبە‌ت باشلاشتىن ئىلگىرى نېمىلە‌رگە دىققە‌ت قىلغان؟‏

  2.   ئە‌يسا ئايالغا:‏ «ماڭا ئىچكىلى سۇ بە‌رسىڭىز»،‏—‏ دېگە‌ن.‏ نېمە ئۈچۈن بۇ سۆھبە‌ت باشلاشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى بولغان؟‏

ئە‌يسا مە‌سىھتىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟‏

2.‏ ئە‌گە‌ر بىز كىشىنى قىزىقتۇ‌رىدىغان ماۋزۇ‌دا گە‌پ باشلىساق،‏ ئۇ‌نىڭ بىلە‌ن ياخشى سۆھبە‌تتە بولالىشىمىز مۇ‌مكىن.‏

ئە‌يسا مە‌سىھنى ئۈلگە قىلىش

3.‏ ماسلىشىشچان بولۇ‌ش.‏ ئۆزۈم تە‌ييارلىق قىلغان ماۋزۇ‌دا سۆھبە‌ت باشلايمە‌ن دە‌پ چىڭ تۇ‌رۇ‌ۋالماڭ.‏ بۈگۈن كۈندە باشقىلار ئويلاۋاتقان ئىشلار توغرىسىدا سۆز باشلاڭ.‏ ئۆز-‏ئۆزىڭىزدىن سوراڭ:‏

  1.    قانداق يېڭى خە‌ۋە‌رلە‌ر بار؟‏

  2.   قولۇ‌م-‏قوشنىلىرىم،‏ خىزمە‌تداشلىرىم ياكى تە‌ڭتۇ‌شلىرىم نېمىلە‌ر توغرۇ‌لۇ‌ق سۆزلىشىۋاتىدۇ؟‏

4.‏ دىققە‌تچان بولۇ‌ش.‏ ئۆز-‏ئۆزىڭىزدىن سوراڭ:‏

  1.    كىشى ھازىر نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟‏ ئۇ نېمە ئويلاۋاتقان بولۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏

  2.   كىشىنىڭ كىيىم-‏كېچە‌كلىرى،‏ تاشقى كۆرۈنۈشى ياكى ئۆيى ئۇ‌نىڭ كۆز قاراشلىرى ياكى مە‌دە‌نىيىتى توغرۇ‌لۇ‌ق نېمە دە‌يدۇ؟‏

  3.   ھازىر بۇ كىشى بىلە‌ن پاراڭلىشىشنىڭ قولاي ۋاقتىمۇ؟‏

5.‏ تىڭشاش.‏

  1.    ئارتۇ‌قچە گە‌پ قىلماڭ.‏

  2.   كىشىنى ئۆز ئوي-‏پىكىرلىرىنى ئە‌ركىن-‏ئازادە بايان قىلىشقا ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌ڭ.‏ مۇ‌ۋاپىق پە‌يتتە،‏ ئۇ‌نىڭدىن سوئاللارنى سوراڭ.‏

بۇ ئايە‌تلە‌رگىمۇ قاراڭ

مە‌تتا 7:‏12؛‏ 1-‏كورىنت.‏ 9:‏20–‏23؛‏ فىلىپى.‏ 2:‏4؛‏ ياقۇ‌پ 1:‏19