سۆھبەت باشلاش
2-دەرس
سۆھبەتنى تەبىئىي داۋاملاشتۇرۇش
پرىنسىپ: «مۇۋاپىق پەيتتە ئېيتىلغان سۆز نەقەدەر ياخشى!».—پەند. نە 15:23.
فىلىپ نېمە قىلغان؟
1. فىلىمنى كۆرۈڭ ياكى ئەلچىلەر 8:30، 31-نى ئوقۇڭ. كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
فىلىپتىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟
2. ئەگەر سۆھبەتنى تەبىئىي داۋاملاشتۇرساق، كىشى ئۆزىنى ئەركىن-ئازادە ھېس قىلىشى ۋە خەۋىرىمىزنى تىڭشاشقا تەييار بولۇشى مۇمكىن.
فىلىپنى ئۈلگە قىلىش
3. دىققەتچان بولۇش. كىشىنىڭ تۇرۇش ھالىتى، ئىما-ئىشارىتى ۋە چىراي ئىپادىسى نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئېيتىپ بىرىدۇ. ئۇ سىز بىلەن پاراڭلىشىشنى خالامدۇ؟ سىز ئۇنىڭدىن: «سىز بىلەمسىز … ؟»،— دەپ ئاددىي سوئال سوراپ، مۇقەددەس كىتابتىكى بىر ھەقىقەتنى ئېيتىپ بەرسىڭىز بولىدۇ. گەپ قىلىشنى خالىمايدىغان كىشىنى پاراڭلىشىشقا مەجبۇرلىماڭ.
4. سەۋرچان بولۇش. چوقۇم مۇقەددەس كىتابتىكى ھەقىقەتنى دەرھال ئېيتىپ بېرىشىم كېرەك دەپ ئويلىماڭ. مۇۋاپىق پەيتىنى كۈتۈڭ، تەبىئىي ھالدا ھەقىقەت توغرىسىدا سۆزلەش ئۈچۈن پۇرسەت چىقىدۇ. بەزىدە، بۇنىڭ ئۈچۈن كېيىنكى قېتىملىق سۆھبەتنى كۈتۈشكە توغرا كېلىدۇ.
5. ماسلىشىشچان بولۇش. كىشى سىز كۈتمىگەن ماۋزۇ ھەققىدە گەپ باشلىشى مۇمكىن. شۇڭا، ئۇ كىشى ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك بولغان ماۋزۇ ھەققىدە گەپ قىلىشقا تەييار تۇرۇڭ. كىشى سىز تەييارلىق قىلغان ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس كىتابتىكى باشقا بىر ماۋزۇ ھەققىدە سۆھبەتلىشىشنى خالىشى مۇمكىن.
بۇ ئايەتلەرگىمۇ قاراڭ
ۋەز 3:1، 7؛ 1-كورىنت. 9:22؛ 2-كورىنت. 2:17؛ كولوسى. 4:6