سۆھبەت باشلاش
يۇھاننا 9:1–7
3-دەرس
مېھرىبانلىق
پرىنسىپ: «مۇھەببەت … مېھرىباندۇر».—1-كورىنت. 13:4.
ئەيسا مەسىھ نېمە قىلغان؟
1. فىلىمنى كۆرۈڭ ياكى يۇھاننا 9:1–7-نى ئوقۇڭ. كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
ئەيسا مەسىھتىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟
2. ئەگەر كىشى بىزنىڭ ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىمىزنى ھېس قىلسا، ئۇ خەۋىرىمىزنى تىڭشاشقا تېخىمۇ قىزىقىشى مۇمكىن.
ئەيسا مەسىھنى ئۈلگە قىلىش
3. ئادەمگە كۆيۈنۈش. كىشى نېمىلەرنى ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا تىرىشىڭ.
-
ئۆز-ئۆزىڭىزدىن مۇنداق سوراڭ: «ئۇ نېمە ھەققىدە غەم-ئەندىشە قىلىۋاتقاندۇ؟ نېمە ئۇنىڭ ئۈچۈن پايدىلىق ۋە ئۇنى جەلپ قىلالىشى مۇمكىن؟» شۇنداق قىلسىڭىز، ناھايىتى تەبىئىيلا باشقىلارغا چىن كۆڭلىڭىزدىن مېھرىبانلىق كۆرسىتىدىغان بولىسىز.
-
كىشىنى كۆڭۈل قويۇپ تىڭشاش ئارقىلىق، ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇھىم بولغان ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىڭىزنى كۆرسىتەلەيسىز. ئەگەر ئۇ مەلۇم بىر ئىشقا قارىتا قانداق ھېس-تۇيغۇدا بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ بەرسە ياكى دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقىنى تىلغا ئالسا، سۆھبەتنىڭ مەزمۇنىنى باشقا ماۋزۇغا بۇرۇۋەتمەڭ.
4. مېھرىبانلىق ۋە ھۆرمەت بىلەن سۆزلىشىش. كىشىگە ھېسداشلىق قىلىپ، ھەقىقەتەن ئۇنىڭغا كۆيۈنۈپ، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز، كىشى بۇنى سىزنىڭ ئاۋازىڭىزدىن ھېس قىلالايدۇ. ئېھتىياتچان بولۇپ، قانداق گەپ-سۆزلەرنى تاللاشقا ۋە قانداق ئۇلارنى ئىپادىلەشكە دىققەت قىلىڭ. كىشىنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىدىغان گەپ-سۆزلەرنى قىلىشتىن ساقلىنىڭ.
5. ئەمەلىي ياردەم بېرىش. كىشىگە ئەمەلىي ياردەم بېرىشنىڭ مۇۋاپىق پۇرسەتلىرىنى ئىزدەڭ. كىشىگە مېھرىبانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلساق، بىز بىلەن پاراڭلىشىشقا تېخىمۇ مايىل بولۇشى مۇمكىن.
بۇ ئايەتلەرگىمۇ قاراڭ
رىملىقلار 12:15، 16؛ گالاتىيا. 6:10؛ ئىبرانىي. 13:16