مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

سۆھبە‌ت باشلاش

ئە‌لچى.‏ 26:‏2،‏ 3

4-‏دە‌رس

كە‌متە‌رلىك

كە‌متە‌رلىك

پرىنسىپ:‏ «كە‌متە‌رلىك بىلە‌ن باشقىلارنى ئۆزۈڭلاردىن يۇ‌قىرى كۆرۈڭلار».‏—‏فىلىپى.‏ 2:‏3‏.‏

ئە‌لچى پاۋلۇ‌س نېمە قىلغان؟‏

1.‏ فىلىمنى كۆرۈڭ ياكى ئە‌لچىلە‌ر 26:‏2،‏ 3-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  1.    ئە‌لچى پاۋلۇ‌س پادىشاھ ئاگرىپا بىلە‌ن سۆزلە‌شكە‌ندە،‏ كە‌متە‌رلىكنى قانداق كۆرسە‌تكە‌ن؟‏

  2.   ئە‌لچى پاۋلۇ‌س باشقىلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە ئە‌مە‌س،‏ يە‌ھۋاغا ۋە مۇ‌قە‌ددە‌س يازمىلارغا قارىتىش ئۈچۈن نېمە قىلغان؟‏—‏ئە‌لچى.‏ 26:‏22‏.‏

پاۋلۇ‌ستىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟‏

2.‏ ئە‌گە‌ر كە‌متە‌رلىك ۋە ھۆرمە‌ت بىلە‌ن سۆزلىسە‌ك،‏ كىشىلە‌ر يە‌تكۈزۈۋاتقان خە‌ۋىرىمىزنى تىڭشاشقا تېخىمۇ قىزىقىشى مۇ‌مكىن.‏

پاۋلۇ‌سنى ئۈلگە قىلىش

3.‏ ھۆرمە‌ت كۆرسىتىش.‏ كىشىنى ئۆزىمىز ھە‌ممىنى بىلىدىغان،‏ باشقىلار بولسا ھېچنېمىنى بىلمە‌يدىغاندە‌ك ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌غا كە‌لتۈرۈپ قويۇ‌شتىن ساقلىنىڭ.‏ باشقىلار بىلە‌ن پاراڭلاشقاندا،‏ ھۆرمە‌ت كۆرسىتىڭ.‏

4.‏ ھە‌قىقە‌تلە‌رنىڭ مە‌نبە‌سى مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب ئىكە‌نلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىش.‏ خۇ‌دانىڭ سۆزى كىشىلە‌رنىڭ ئوي-‏پىكىرلىرىگە ۋە ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىغا چوڭقۇ‌ر تە‌سىر قىلالايدۇ.‏ ئە‌گە‌ر بىز مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى ئىشلە‌تسە‌ك،‏ كىشىلە‌رنىڭ ئىمان-‏ئېتىقادىنى توغرا ئۇ‌ل-‏ئاساس ئۈستىدە تىكلە‌پ تۇ‌رغۇ‌زىمىز.‏

5.‏ كە‌متە‌رلىكنى ساقلاش.‏ ئۆزۈمنىڭ توغرا دە‌پ چىڭ تۇ‌رۇ‌ۋالماڭ.‏ بىز تالاش-‏تارتىش قىلىشنى خالىمايمىز.‏ تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىكنى ساقلاش ۋە قاچان كېتىشنى بىلىش ئارقىلىق كە‌متە‌رلىكنى كۆرسىتىڭ (‏پە‌ند.‏ نە 17:‏14؛‏ تىتۇ‌س 3:‏2‏)‏.‏ كە‌متە‌رلىك بىلە‌ن جاۋاب قايتۇ‌رساق،‏ كىشى باشقا ۋاقىتتا بىز بىلە‌ن پاراڭلىشىشقا ماقۇ‌ل بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏

بۇ ئايە‌تلە‌رگىمۇ قاراڭ

رىملىقلار 12:‏16–‏18؛‏ 1-‏كورىنت.‏ 8:‏1؛‏ 2-‏كورىنت.‏ 3:‏5