مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

سۆھبە‌ت باشلاش

ئە‌لچى.‏ 17:‏22،‏ 23

5-‏دە‌رس

پە‌م-‏پاراسە‌ت

پە‌م-‏پاراسە‌ت

پرىنسىپ:‏ «گە‌پ-‏سۆزۈڭلار ھە‌مىشە يېقىملىق،‏ … بولسۇ‌ن».‏​—‏كولوسى.‏ 4:‏6‏.‏

ئە‌لچى پاۋلۇ‌س نېمە قىلغان؟‏

1.‏ فىلىمنى كۆرۈڭ ياكى ئە‌لچىلە‌ر 17:‏22،‏ 23-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  1.    ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ئافىنا شە‌ھىرى ساختا ئىلاھلارغا چوقۇ‌نۇ‌ش بىلە‌ن تولغانلىقىنى كۆرگىنىدە،‏ ئۇ قانداق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌دا بولغان؟‏​—‏ئە‌لچى.‏ 17:‏16‏.‏

  2.   ئە‌لچى پاۋلۇ‌س ئافىنالىقلارنى ئە‌يىبلە‌شنىڭ ئورنىغا،‏ ئۇ‌لارغا خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى يە‌تكۈزۈش ئۈچۈن،‏ پە‌م-‏پاراسە‌ت بىلە‌ن ئۇ‌لارنىڭ دىننى كۆز قاراشلىرىنى قانداق قوللانغان؟‏

پاۋلۇ‌ستىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟‏

2.‏ قايسى گە‌پ-‏سۆزلە‌رنى،‏ قانداق ئۇ‌سۇ‌لدا ۋە قاچان سۆزلە‌شنى ئېھتىياتچانلىق بىلە‌ن تاللىساق،‏ كىشىلە‌ر بىزنى تىڭشاشقا تېخىمۇ مايىل بولۇ‌شى مۇ‌مكىن.‏

پاۋلۇ‌سنى ئۈلگە قىلىش

3.‏ ئېھتىياتچانلىق بىلە‌ن سۆزلە‌رنى تاللاش.‏ ئە‌گە‌ر خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلمايدىغان كىشى بىلە‌ن پاراڭلاشسىڭىز،‏ بە‌لكىم مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تونۇ‌شتۇ‌رۇ‌ش ياكى ئە‌يسانى پە‌رقلىق نام-‏ئۇ‌نۋان بىلە‌ن ئاتاش ئۈچۈن سۆز-‏جۈملىلە‌رنى ئۆزگە‌رتىشكە توغرا كېلىدۇ.‏

4.‏ كىشىنىڭ كۆز قارىشىنى تۈزىتىشكە ئالدىرىماسلىق.‏ كىشىنى ئۆز ئوي-‏پىكىرلىرىنى ئە‌ركىن-‏ئازادە بايان قىلىشقا ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌ڭ.‏ ئە‌گە‌ر ئۇ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌لىملىرىگە زىت بولغان بە‌زى نە‌رسىلە‌رنى ئېيتسا،‏ تالاش-‏تارتىش قىلىشتىن ساقلىنىڭ (‏ياقۇ‌پ 1:‏19‏)‏.‏ كىشىنى دىققە‌ت بىلە‌ن تىڭشىسىڭىز،‏ ئۇ‌نىڭ نېمىگە ئىشىنىدىغانلىقى ۋە نېمە ئۈچۈن ئىشىنىدىغانلىقىنى چۈشىنە‌لە‌يسىز.‏—‏پە‌ند.‏ نە 20:‏5‏.‏

5.‏ مۇ‌مكىنقە‌دە‌ر كىشىنىڭ ئوي-‏پىكرىگە قوشۇ‌لۇ‌ش ۋە ماختاش.‏ كىشى ئۆز دىنىي-‏ئېتىقادىنىڭ توغرىلىقىغا چىن كۆڭلىدىن ئىشىنىشى مۇ‌مكىن.‏ ئاۋۋال،‏ ھە‌ر ئىككىڭلار ئورتاق قوشۇ‌لىدىغان ماۋزۇ ھە‌ققىدە پاراڭلىشىشقا تىرىشىڭ.‏ كېيىن،‏ ئۇ‌نىڭ ئاستا-‏ئاستا مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىكى ھە‌قىقە‌تلە‌رنى چۈشىنىشىگە ياردە‌م بېرىڭ.‏

بۇ ئايە‌تلە‌رگىمۇ قاراڭ

پە‌ند.‏ نە 25:‏15؛‏ 2-‏تىموت.‏ 2:‏23–‏26؛‏ 1-‏پېتر.‏ 3:‏15