مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

سۆھبە‌ت باشلاش

لۇ‌قا 19:‏1–‏7

6-‏دە‌رس

جاسارە‌ت

جاسارە‌ت

پرىنسىپ:‏ «خۇ‌دايىمىزغا تايىنىپ،‏ جاسارە‌ت بىلە‌ن خۇ‌دانىڭ خۇ‌ش خە‌ۋىرىنى سىلە‌رگە يە‌تكۈزدۇ‌ق».‏—‏1-‏سالونىكا.‏ 2:‏2‏.‏

ئە‌يسا مە‌سىھ نېمە قىلغان؟‏

1.‏ فىلىمنى كۆرۈڭ ياكى لۇ‌قا 19:‏1–‏7-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  1.    نېمە ئۈچۈن بە‌زى كىشىلە‌ر زاكايدىن ئۆزلىرىنى قاچۇ‌رغان؟‏

  2.   ئۇ‌نداقتا،‏ زاكايغا خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى ئېيتىشقا ئە‌يسا مە‌سىھنى نېمە دە‌ۋە‌ت قىلغان؟‏

ئە‌يسا مە‌سىھتىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟‏

2.‏ بىز ھە‌ممە ئىنسانلارنى تە‌ڭ كۆرۈپ،‏ جاسارە‌ت بىلە‌ن پادىشاھلىق خۇ‌ش خە‌ۋىرىنى ۋە‌ز قىلىشىمىز كېرە‌ك.‏

ئە‌يسا مە‌سىھنى ئۈلگە قىلىش

3.‏ يە‌ھۋاغا تايىنىش.‏ خۇ‌دانىڭ مۇ‌قە‌ددە‌س روھى ئە‌يسا مە‌سىھكە ۋە‌ز قىلىش ئۈچۈن كۈچ بە‌رگە‌ندە‌ك،‏ سىزگىمۇ ۋە‌ز قىلىش ئۈچۈن كۈچ بېرە‌لە‌يدۇ (‏مە‌تتا 10:‏19،‏ 20؛‏ لۇ‌قا 4:‏18‏)‏.‏ بە‌زى ئادە‌ملە‌رگە ۋە‌ز قىلىشتىن قورقسىڭىز،‏ يە‌ھۋادىن جاسارە‌ت سوراڭ.‏—‏ئە‌لچى.‏ 4:‏29‏.‏

4.‏ ئادە‌ملە‌ر توغرۇ‌لۇ‌ق ئالدىراپ ھۆكۈم چىقارماسلىق.‏ ئادە‌ملە‌رنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى،‏ ئىجتىمائىي ياكى ئىقتىسادىي ئە‌ھۋالى،‏ تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرۈش ئۇ‌سۇ‌لى ياكى دىننى كۆز قاراشلىرى سە‌ۋە‌بلىك،‏ ئۇ‌لار بىلە‌ن سۆھبە‌تلىشىشتىن ئۆزىمىزنى قاچۇ‌رىشىمىز مۇ‌مكىن.‏ بىراق،‏ شۇ‌نى ئە‌ستە ساقلاڭ:‏

  1.    يە‌ھۋا خۇ‌دا بىلە‌ن ئە‌يسا مە‌سىھ كىشىلە‌رنىڭ كۆڭلىدە نېمە بارلىقىنى بىلە‌لە‌يدۇ،‏ ئە‌مما بىز بىلە‌لمە‌يمىز.‏

  2.   ھېچكىم يە‌ھۋانىڭ رە‌ھىم-‏شە‌پقىتىدىن يىراق ئە‌مە‌س.‏

5.‏ جاسارە‌ت،‏ ئە‌مما ھۆرمە‌ت ۋە پە‌م-‏پاراسە‌ت بىلە‌ن سۆزلە‌ش (‏مە‌تتا 10:‏16‏)‏.‏ تالاش-‏تارتىش قىلىشتىن ساقلىنىڭ.‏ كىشى خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى تىڭشاشنى خالىمىسا ياكى ئۆزىڭىزنى بىخە‌تە‌ر ھېس قىلمىسىڭىز،‏ ئە‌دە‌ب بىلە‌ن سۆھبە‌تنى ئاخىرلاشتۇ‌رۇ‌ڭ.‏—‏پە‌ند.‏ نە 17:‏14‏.‏

بۇ ئايە‌تلە‌رگىمۇ قاراڭ

ئە‌لچى.‏ 4:‏31؛‏ ئە‌فە‌س.‏ 6:‏19،‏ 20؛‏ 2-‏تىموت.‏ 1:‏7