قايتا يولۇقۇش
7-دەرس
ۋەز ئېيتىشنى داۋاملاشتۇرۇش
پرىنسىپ: «ئۇلار … تەلىم بېرىپ، … خۇش خەۋەرنى جاكارلاشنى داۋاملاشتۇردى».—ئەلچى. 5:42.
ئەلچى پاۋلۇس نېمە قىلغان؟
1. فىلىمنى كۆرۈڭ ياكى ئەلچىلەر 19:8–10-نى ئوقۇڭ. كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
ئەلچى پاۋلۇستىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟
2. بىز قايتا يولۇقۇشىمىزنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشى ۋە كىشىلەر بىلەن مۇقەددەس كىتاب تەتقىق ئۆگىنىشلىرىنى باشلاش ئۈچۈن كۈچ ۋە ۋاقىت چىقىرىشىمىز كېرەك.
ئەلچى پاۋلۇسنى ئۈلگە قىلىش
3. كىشىگە قولايلىق ۋاقىتتا، ئۇنىڭغا قايتا يولۇقۇش ئۈچۈن تەييار بولۇش. ئۆز-ئۆزىڭىزدىن مۇنداق سوراڭ: «قاچان ۋە قەيەردە كىشى بىلەن ئالاقىلەشسەم، ئۇنىڭ ئۈچۈن قولايلىق بولىدىغاندۇ؟ ئۇ قاچان ۋە قەيەردە سۆھبەتلىشىشنى خالايدىغاندۇ؟» ھەتتا سىز ئۈچۈن قولايسىز ۋاقىتتىمۇ، كىشىگە قايتا يولۇقۇشقا تەييار بولۇڭ.
4. قايتا سۆھبەتلىشىش ئۈچۈن ۋاقىت بەلگىلەش. ھەر قېتىم سۆھبەت ئاخىرىدا، ئۇ كىشى بىلەن قايتا سۆھبەتلىشىشنىڭ ۋاقتىنى بەلگىلەشكە تىرىشىڭ. شۇ بەلگىلىگەن ۋاقىت ۋە جايدا ئۇنىڭ بىلەن چوقۇم كۆرۈشۈڭ.
5. ئۈمىدنى ئۈزمەڭ. ئەگەر كىشى دائىم ئۆيىدە يوق ياكى ئالدىراش بولسا، ئۇ خۇش خەۋەرگە قىزىقمايدۇ دەپ تېزلا خۇلاسە چىقارماڭ (1-كورىنت. 13:4، 7). ئەكسىچە، كىشى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن داۋاملىق پۇرسەت ئىزدەڭ. بىراق، ئۆز ۋاقتىڭىزدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىڭ.—1-كورىنت. 9:26.
بۇ ئايەتلەرگىمۇ قاراڭ
ئەلچى. 10:42؛ 1-كورىنت. 9:22، 23؛ 2-كورىنت. 4:1؛ گالاتىيا. 6:9