قايتا يولۇقۇش
8-دەرس
سەۋرچانلىق
پرىنسىپ: «مۇھەببەت سەۋرچان».—1-كورىنت. 13:4.
ئەيسا مەسىھ نېمە قىلغان؟
1. فىلىمنى كۆرۈڭ ياكى يۇھاننا 7:3–5 ۋە 1-كورىنتلىقلار 15:3، 4، 7-نى ئوقۇڭ. كېيىن تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:
ئەيسا مەسىھتىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟
2. بىز سەۋرچان بولۇشىمىز كېرەك، چۈنكى ئادەملەر بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ، بەزىلەرنىڭ خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلىشىغا كۆپرەك ۋاقىت كېتىدۇ.
ئەيسا مەسىھنى ئۈلگە قىلىش
3. ھەر تۈرلۈك ئۇسۇللارنى سىناپ كۆرۈش. ئەگەر كىشى دەرھال مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشىنى باشلىمىسا، ئۇنى مەجبۇرلىماڭ. مۇۋاپىق پەيتى كەلگەندە، ئۇ كىشىگە مۇقەددەس كىتاب تەتقىق ئۆگىنىشى قانداق ئۆتكۈزىلىدىغانلىقى ۋە بۇنداق ئۆگىنىشنىڭ پايدىسىنى چۈشىنىشكە ياردەم بېرىدىغان فىلىملەرنى ۋە ماقالىلەرنى ئىشلىتىڭ.
4. سېلىشتۇرۇشتىن ساقلىنىش. ھەربىر ئىنسان پەرقلىق. ئەگەر بىر ئۇرۇق-تۇغقىنىڭىز ياكى قايتا يولۇققان كىشى مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشىنى باشلاش ياكى مۇقەددەس كىتاب ھەقىقەتلىرىنى قوبۇل قىلىشتىن ئىككىلىنىپ قالسا، نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ شۇنداق قىلغانلىقى توغرۇلۇق ئويلىنىپ كۆرۈڭ. ئۇنىڭ مۇھىم دەپ قارايدىغان مەلۇم بىر دىنىي كۆز قارىشى بارمۇ؟ ئۇ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە قولۇم-قوشنىلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراۋاتامدۇ؟ ئۇ كىشى ئېيتقان سۆزلىرىڭىز ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىشى ۋە مۇقەددەس كىتابتىكى ھەقىقەتلەرنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشىنىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ۋاقىت بېرىڭ.
5. ھەقىقەتكە قىزىققان كىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىش. ئىجابىي كۆز قاراشنى ساقلاش ۋە پەم-پاراسەتلىك بولۇش ئۈچۈن يەھۋادىن ياردەم سوراڭ. چىن كۆڭلىدىن قىزىقمايدىغان بىرىگە قايتا يولۇقۇشنى قاچان توختىتىشنى قارار قىلىش ئۈچۈن ئەقىل-پاراسەت سوراپ دۇئا قىلىڭ.—1-كور. 9:26.
بۇ ئايەتلەرگىمۇ قاراڭ
ماركۇس 4:26–28؛ 1-كورىنت. 3:5–9؛ 2-پېتر. 3:9