مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

قايتا يولۇ‌قۇ‌ش

ماركۇ‌س 6:‏30–‏34

9-‏دە‌رس

ھېسداشلىق

ھېسداشلىق

پرىنسىپ:‏ «خۇ‌شال بولغانلار بىلە‌ن بىللە خۇ‌شال بولۇ‌ڭلار،‏ يىغلىغانلار بىلە‌ن بىللە يىغلاڭلار».‏—‏رىملىقلار 12:‏15‏.‏

ئە‌يسا مە‌سىھ نېمە قىلغان؟‏

1.‏ فىلىمنى كۆرۈڭ ياكى ماركۇ‌س 6:‏30–‏34-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  1.    نېمە ئۈچۈن ئە‌يسا مە‌سىھ ۋە ئۇ‌نىڭ ئە‌لچىلىرى «جىمجىت جايغا بېرىپ،‏ بىر ئاز ئارام» ئېلىشنى ئۈمىد قىلغان؟‏

  2.   نېمە ھە‌زرىتى ئە‌يسانى خالايىققا تە‌لىم بېرىشكە دە‌ۋە‌ت قىلغان؟‏

ئە‌يسا مە‌سىھتىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟‏

2.‏ ھېسداشلىق بىزنى خۇ‌ش خە‌ۋە‌رنى يە‌تكۈزۈشكە دە‌ۋە‌ت قىلىپلا قالماي،‏ بە‌لكى ئىنسانلارغا غە‌مخورلۇ‌ق قىلىشقىمۇ دە‌ۋە‌ت قىلىدۇ.‏

ئە‌يسا مە‌سىھنى ئۈلگە قىلىش

3.‏ كۆڭۈل قويۇ‌پ تىڭشاش.‏ كىشىنى ئۆز ئوي-‏پىكىرلىرى ۋە ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى ئە‌ركىن-‏ئازادە بايان قىلىشقا ئىلھاملاندۇ‌رۇ‌ڭ.‏ ئۇ‌نىڭ سۆزىنى بۆلمە‌ڭ،‏ ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىغا ۋە غە‌م-‏تە‌شۋىشلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈڭ.‏ كىشىنى دىققە‌ت بىلە‌ن تىڭشىسىڭىز،‏ ئۇ‌نىڭ ئوي-‏پىكىرىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىڭىزنى كۆرسىتە‌لە‌يسىز.‏

4.‏ ھە‌قىقە‌تكە قىزىققان كىشى ھە‌ققىدە ئويلاش.‏ كىشى بىلە‌ن ئۆتكۈزگە‌ن سۆھبە‌تلە‌رگە ئاساسە‌ن،‏ ئۆز-‏ئۆزىڭىزدىن مۇ‌نداق سوراڭ:‏

  1.    ېمە ئۈچۈن بۇ كىشى ھە‌قىقە‌تنى ئاڭلاشقا مۇ‌ھتاج؟‏

  2.   مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىق ئۆگىنىشى كىشىنىڭ ھازىر ۋە كېلە‌چە‌كتە ياخشىراق تۇ‌رمۇ‌ش كە‌چۈرۈشىگە قانداق ياردە‌م بېرە‌لە‌يدۇ؟‏

5.‏ كىشىگە ئە‌مە‌لىي ياردە‌م بېرىدىغان ئىشلار ھە‌ققىدە سۆھبە‌تلىشىش.‏ ئىمكانقە‌دە‌ر بالدۇ‌رراق،‏ كىشىگە مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىش ئۇ‌نىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرە‌لە‌يدىغانلىقى ۋە ئۇ‌نىڭغا ئە‌مە‌لىي يوللار بىلە‌ن ياردە‌م بېرە‌لە‌يدىغانلىقىنى كۆرسىتىڭ.‏

بۇ ئايە‌تلە‌رگىمۇ قاراڭ

رىملىقلار 10:‏13،‏ 14؛‏ فىلىپى.‏ 2:‏3،‏ 4؛‏ 1-‏پېتر.‏ 3:‏8