مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

شاگىرتلارنى تە‌ييارلاش

يۇ‌ھاننا 3:‏1،‏ 2

10-‏دە‌رس

شاگىرتلارنى تە‌ييارلاشقا بە‌ل باغلاش

شاگىرتلارنى تە‌ييارلاشقا بە‌ل باغلاش

پرىنسىپ:‏ «بىز سىلە‌رگە خۇ‌دانىڭ خۇ‌ش خە‌ۋىرىنىلا ئە‌مە‌س،‏ بە‌لكى ئۆز جانلىرىمىزنى ھە‌م بېرىشكە رازى بولدۇ‌ق،‏ چۈنكى سىلە‌رگە بە‌ك ئامراق بولغانىدۇ‌ق».‏—‏1-‏سالونىكا.‏ 2:‏8‏.‏

ئە‌يسا مە‌سىھ نېمە قىلغان؟‏

1.‏ فىلىمنى كۆرۈڭ ياكى يۇ‌ھاننا 3:‏1،‏ 2-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  1.    سىزنىڭچە،‏ نېمە ئۈچۈن نىكودىم كېچىدە ئە‌يسا بىلە‌ن كۆرۈشۈشنى خالىغان؟‏—‏يۇ‌ھاننا 12:‏42،‏ 43‏.‏

  2.   ئە‌يسا مە‌سىھ كېچىدە نىكودىم بىلە‌ن پاراڭلىشىپ،‏ شاگىرتلارنى تە‌ييارلاشقا بە‌ل باغلىغانلىقىنى قانداق كۆرسە‌تكە‌ن؟‏

ئە‌يسا مە‌سىھتىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟‏

2.‏ ئادە‌ملە‌رنىڭ مە‌سىھنىڭ شاگىرتلىرى بولۇ‌شىغا ياردە‌م بېرىش ئارقىلىق بىز ئىنسانلارنى سۆيىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىمىز.‏

ئە‌يسا مە‌سىھنى ئۈلگە قىلىش

3.‏ كىشىگە قولايلىق ۋاقىتتا ۋە جايدا تە‌تقىق ئۆگىنىشى ئۆتكۈزۈش.‏ بە‌لكىم،‏ ئۇ ھە‌پتىنىڭ مە‌لۇ‌م بىر كۈنى ياكى سائىتىدە ئۆگىنىشنى خالايدىغاندۇ.‏ ئۇ ئىش ئورنىدا،‏ ئۆيىدە ياكى ئاممىۋىي ئورۇ‌نلاردا ئۆگىنىشنى قولايلىق دە‌پ قارامدۇ؟‏ كىشىگە قولايلىق بولۇ‌شى ئۈچۈن،‏ ئۇ‌نى كۆزدە تۇ‌تۇ‌پ،‏ ئۆزىڭىزنىڭ كۈندىلىك جە‌دۋىلىنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە ئۆزگە‌رتىشكە تە‌ييار بولۇ‌ڭ.‏

4.‏ دائىم تە‌تقىق ئۆگىنىشى ئۆتكۈزۈش.‏ ئە‌گە‌ر بىر يە‌رگە بارىدىغان ئىشىڭىز چىقىپ قالسا،‏ ئۆگىنىشنى بىكار قىلماي،‏ بە‌لكى مۇ‌نۇ‌لار ھە‌ققىدە ئويلاپ كۆرۈڭ:‏

  1.    شۇ ھە‌پتىنىڭ باشقا بىر ۋاقتىدا ئۆگىنىشنى ئۆتكۈزە‌لە‌مسىز؟‏

  2.   تېلېفون ياكى ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئۆگىنىشنى ئۆتكۈزە‌لە‌مسىز؟‏

  3.   باشقا ۋە‌ز ئېيتقۇ‌چىدىن ئۆگىنىشنى ئۆتكۈزۈشنى سورىيالامسىز؟‏

5.‏ توغرا كۆز قاراشنى ساقلاش ئۈچۈن دۇ‌ئا قىلىش.‏ ھە‌تتا ئۆگە‌نگۈچى دائىم ئۆگىنىش قىلمىسا ياكى ئۆگە‌نگە‌نلىرىنى تۇ‌رمۇ‌شىدا ئە‌مە‌لىي قوللىنىشقا ئالدىرىمىسا،‏ ئۇ كىشىدىن ۋاز كە‌چمە‌سلىكىڭىز ئۈچۈن،‏ يە‌ھۋادىن ياردە‌م سوراپ دۇ‌ئا قىلىڭ (‏فىلىپى.‏ 2:‏13‏)‏.‏ بە‌لكىم،‏ ئۇ كىشىنىڭ نۇ‌رغۇ‌ن ياخشى پە‌زىلە‌تلىرى بار؛‏ دىققىتىڭىزنى ئۇ‌نىڭ ياخشى تە‌رە‌پلىرىگە قارىتىش ئۈچۈن دۇ‌ئا قىلىڭ.‏

بۇ ئايە‌تلە‌رگىمۇ قاراڭ

پە‌ند.‏ نە 3:‏27؛‏ ئە‌لچى.‏ 20:‏35؛‏ 2-‏كورىنت.‏ 12:‏15