مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

شاگىرتلارنى تە‌ييارلاش

ماركۇ‌س 10:‏17–‏22

12-‏دە‌رس

جۈرئە‌ت

جۈرئە‌ت

پرىنسىپ:‏ «خۇ‌شبۇ‌ي ماي ۋە ئىسرىق كۆڭۈلنى خۇ‌ش قىلار؛‏ جان-‏جىگە‌ر دوستنىڭ سە‌مىمىي مە‌سلىھە‌تى ھە‌م كۆڭۈلنى سۆيۈندۈرە‌ر».‏—‏پە‌ند.‏ نە 27:‏9‏.‏

ئە‌يسا مە‌سىھ نېمە قىلغان؟‏

1.‏ فىلىمنى كۆرۈڭ ياكى ماركۇ‌س 10:‏17–‏22-‏نى ئوقۇ‌ڭ.‏ كېيىن تۆۋە‌ندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىڭ:‏

  1.    ھە‌زرىتى ئە‌يسا باي يىگىتنىڭ قانداق ياخشى پە‌زىلە‌تلىرىنى كۆرگە‌ن بولۇ‌شى مۇ‌مكىن؟‏

  2.   ئاشۇ باي يىگىتكە نە‌سىھە‌ت بېرىش ئۈچۈن،‏ ئە‌يسا مە‌سىھ نېمىشقا سۆيگۈ-‏مۇ‌ھە‌ببە‌ت ۋە جۈرئە‌تكە مۇ‌ھتاج بولغان؟‏

ئە‌يسا مە‌سىھتىن نېمىنى ئۆگىنىمىز؟‏

2.‏ بىز ئۆگە‌نگۈچىنىڭ داۋاملىق روھىي جە‌ھە‌تتىن ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن،‏ ئۇ‌نىڭغا مۇ‌لايىملىق بىلە‌ن گە‌پ قىلىپلا قالماي،‏ بە‌لكى ئۇ قانداق ئىش-‏ھە‌رىكە‌ت قىلىشى كېرە‌كلىكىنى ئوچۇ‌ق-‏يورۇ‌ق چۈشە‌ندۈرۈپ بېرىشىمىز لازىم.‏

ئە‌يسا مە‌سىھنى ئۈلگە قىلىش

3.‏ ئۆگە‌نگۈچىنىڭ مە‌قسە‌تلە‌رنى قويۇ‌پ،‏ ئۇ‌لارغا يېتىشىگە ياردە‌م بېرىش.‏

  1.    «مە‌ڭگۈ شاد-‏خۇ‌رام ياشاڭ!‏» دېگە‌ن كىتابنىڭ «مە‌قسە‌ت» دېگە‌ن رامكىسىنى ئىشلىتىڭ.‏

  2.   قىسقا مۇ‌ددە‌تلىك ۋە ئۇ‌زاق مۇ‌ددە‌تلىك مە‌قسە‌تلە‌رگە يېتىشى ئۈچۈن،‏ ئۇ‌نىڭ چوقۇ‌م نېمە ئىشلارنى قىلىشى كېرە‌كلىكىنى چۈشىنىشىگە ياردە‌م بېرىڭ.‏

  3.   ئۇ‌نىڭ روھىي جە‌ھە‌تتىن ئالغا ئىلگىرىلىگە‌نلىكىنى دائىم ماختاپ تۇ‌رۇ‌ڭ.‏

4.‏ ئۆگە‌نگۈچىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە نېمىلە‌ر توسالغۇ بولىدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ،‏ توسالغۇ‌لارنى يېڭىشىغا ياردە‌م بېرىش.‏

  1.    ئۆز-‏ئۆزىڭىزدىن سوراڭ:‏

    • ئۇ چۆمۈلدۈرۈلۈش ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلىمىسە،‏ نېمە ئۇ‌نىڭغا توسالغۇ بولۇ‌ۋاتىدۇ؟‏

    • ئۇ‌نىڭغا ياردە‌م بېرىش ئۈچۈن نېمە قىلسام بولىدۇ؟‏

  2.   ئۇ نېمىلە‌رنى قىلىشى كېرە‌كلىكىنى كۆيۈمچانلىق بىلە‌ن،‏ ئوچۇ‌ق-‏يورۇ‌ق چۈشە‌ندۈرۈپ بېرىش ئۈچۈن جۈرئە‌ت سوراپ دۇ‌ئا قىلىڭ.‏

5.‏ ئالغا ئىلگىرىلىمىسە،‏ تە‌تقىق ئۆگىنىشىنى توختىتىش.‏

  1.    سىز بىلە‌ن مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابنى تە‌تقىق قىلىپ ئۆگىنىۋاتقان كىشى ئالغا ئىلگىرىلىمىسە،‏ ئۆز-‏ئۆزىڭىزدىن سوراڭ:‏

    • ئۇ ئۆگە‌نگە‌نلىرىنى تۇ‌رمۇ‌شىدا ئە‌مە‌لىي قوللىنىۋاتامدۇ؟‏

    • ئۇ جامائە‌ت يىغىلىشلىرىغا قاتنىشامدۇ ۋە باشقىلارغا ھە‌قىقە‌ت توغرۇ‌لۇ‌ق ئېيتىپ بېرە‌مدۇ؟‏

    • ئە‌گە‌ر ئۇ ئۇ‌زۇ‌ندىن بېرى ئۆگە‌نگە‌ن بولسا،‏ يە‌ھۋا گۇ‌ۋاھچىسى بولۇ‌شنى خالامدۇ؟‏

  2.   ئە‌گە‌ر ئۇ ئالغا ئىلگىرىلە‌شنى خالىمىسا:‏

    • ئۇ‌نىڭدىن ئالغا ئىلگىرىلە‌شكە نېمە توسالغۇ بولۇ‌ۋاتقانلىقىنى سوراڭ.‏

    • نېمە ئۈچۈن ئۆگىنىشنى توختاتماقچى بولغانلىقىڭىزنى مېھرىبانلىق بىلە‌ن ئۇ‌نىڭغا چۈشە‌ندۈرۈڭ.‏

    • ئۇ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب تە‌تقىق ئۆگىنىشىنى قايتىدىن باشلاشنى خالىسا،‏ نېمە قىلىشى كېرە‌كلىكىنى ئۇ‌نىڭغا ئوچۇ‌ق ئېيتىڭ.‏

بۇ ئايە‌تلە‌رگىمۇ قاراڭ

زە‌بۇ‌ر 141:‏5؛‏ پە‌ند.‏ نە 25:‏12؛‏ 27:‏6؛‏ 1-‏كورىنت.‏ 9:‏26؛‏ كولوسى.‏ 4:‏5،‏ 6